ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى ئاخىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاشكارا ھالدا u=u بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
20 يىللىق ئىسپات شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ART ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىش جەھەتتە ئىنتايىن زور ئۈنۈمگە ئىگە. تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالىنىۋاتقان HIVدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنىدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۈكلىنىشى كۆزىتىلمىسە، ئۇلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتىش خەتىرى يوق دېيەرلىك بولىدۇ.
بېيجىڭ دۆلەت چېگرىسىسىز شەپقەت يەتكۈزۈش جامائەت پاراۋانلىقى فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى كوڭ لىڭكۇن گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 22-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز يىغىنىغا قاتناشماقتا. كېڭەش باشلىقى كوڭ لىڭكۇن PAC رەئىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگوغا ۋەكىل بولۇپ «U=U 2018:Celebrate,Activate,Implemet!» (ئۆلچەنمەسلىك = يۇقماسلىق) دۇنيا ئەيدىز يىغىنىدىن بۇرۇنقى مەخسۇس يىغىندا جۇڭگونىڭ ساداسىنى ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىمقى دۇنيا ئەيدىز يىغىنى مەزگىلىدە يەنە «AIDS2018march» ئەيدىزنى كەمسىتمەسلىك يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەر كوچىلارغا چىقتى، ئەيدىزنى چەكلەيدىغان پائالىيەت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئارىسىدا يەنە ئالىملار، تېببىي خادىم، ئەل ئىچى ئىجتىمائىي تەشكىلات داھىيسى ۋە پىدائىيلار بولۇپ، ئۇلار بۇ جەھەتلەردە ئىتتىپاقلىق ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىپ، ئەيدىزنى چەكلەش كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇلار پۈتۈن دۇنيانى سەپەرۋەر قىلىپ، ئەيدىز بولمىغان بىر دۇنيا، ئەيدىزنى داۋالاشتا توسالغۇ بولمىغان بىر دۇنيا، ئەيدىز ھەققىدىكى سېسىق نام بولمىغان بىر دۇنيا، ئەيدىز توغرىسىدىكى جىنايەت بولمىغان بىر دۇنيا ئۈچۈن كۈرەش قىلدى!
مەنبە : xjaids
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئادەملەر ئارىسىدىكى ئەيدىز قانداق يۇقىۋاتىدۇ؟
- كېيىنكىسى : ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كىملەر ئىزدەيدۇ؟
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كىملەر ئىزدەيدۇ؟ ھەممەيلەنگە مەلۇم بولسا كېرەك، ھەرقانداق كېسەل دوختۇرنى ئىزدەيدۇ. ئەكسىچە، ئەيدىز كېسەللىرىنى (يۇقۇمدارلىرىنى) كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ
ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى u=u بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى ئاخىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاشكارا ھالدا u=u بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. 20 يىللىق ئىسپات شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ART ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋال
ئادەملەر ئارىسىدىكى ئەيدىز قانداق يۇقىۋاتىدۇ؟ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇم مەنبەسىگە ئايلانغان يۇقۇملانغۇچى ئادەمدىن ساق ئادەمگە يۇقۇپ تارقىلىدۇ. مەلۇم يۇرت-رايوندا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىدىن ئىبارەت يۇقۇم مەنبەسى بول
دۆلىتىمىزنىڭ ئۈچ تەركىبلىك مۇرەككەپ رېتسېپلىق ئەيدىز دورىسى بازارغا سېلىندى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۈچ تەركىبلىك ئەيدىز دورىسى. بۇ دورا بولسا نېۋىراپىن، زىدوۋۇدىن ۋە لامىۋۇدىن قاتارلىق ئۈچ خىل دورا تەركىبىنىڭ بىرىكىشىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، خ
ئەيدىز دورىسىنى ئىچىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە 1. قايسى ئامىللار ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ سالامەتلىككە قانداق تەسىرى بار؟ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قايسى؟ ① دورا ئامىلى: بەزى دورىلار (م
