دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۈچ تەركىبلىك ئەيدىز دورىسى. بۇ دورا بولسا نېۋىراپىن، زىدوۋۇدىن ۋە لامىۋۇدىن قاتارلىق ئۈچ خىل دورا تەركىبىنىڭ بىرىكىشىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، خىمىيىلىك نامى نېۋىراپىنزىدورامى تابلېتى. مەھسۇلات ئىسمى جىۋېيجيۇ (吉唯久®) دۆلەت دورىگەرلىك تەستىق خېتى H20180005، يېڭى دورا كېنىشكىسى (دۆلەت دورىگەرلىك گۇۋاھنامىسى H20180005) بولۇپ، شاڭخەي سەينو بىئولوگىيىلىك داۋالاش ۋە دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەيدىزگە قارشى يېڭى دورا. بۇ ئەيدىز كېسىلىگە قارشى دورا جەمەتىگە يەنە بىر يېڭى ئەزا قوشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يەنە جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ ياسالغان ئۈچ بىرلەشكەن مۇرەككەپ رېتسىپلىق دورا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جىۋېيجيۇ روشەن كىلىنكلىق داۋالاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغان يەككە تابلېتلىق مۇرەككەپ رېتسېپلىق دورا ياسالمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېۋىراپىن 0.2g + زىدوۋۇدىن 0.3g + لامىۋۇدىن 0.15g قاتارلىقلارنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان، HIV-1دىن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق داۋالاش بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تال، ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك تورمۇزلاش رولىغا ئىگە، ئىممۇنىتېت ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇپ، دورىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنى ئازايتىدۇ، تايىنىشچانلىقى ياخشى، چىدامچانلىقى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. يۇقىرىقى دورىلارغا نىسبەتەن ئاللىقاچان چىدامچانلىق كۆرۈلگەنلەر ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەسلەپكى داۋالاش تىپىدىكى ئۈچ خىل دورىنى تاللاپ ئىشلىتىشقا قارىغاندا ھەقىقەتەن كۆپ قولايلىق بولىدۇ. جىۋېيجيۇنىڭ دورا تەستىق ھۈججىتى. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ كىلىنكدا دائىم قوللىنىلىدىغان بىرىنچى سەپتىكى دورىلار نۇكلېئوزىد تۈرىدىكى ئەكسىگە قايتىپ فېرمېنت تورموزلىغۇچى ياسالمىلار (NRTIs) ۋە نۇكلىئوسېد تۈرىدە بولمىغان ئېنزىم تەرتىپىنىڭ يامانلىشىشىنى تىزگىنلىگۈچى ياسالمىلار (NNRTI) دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىككى خىل نۇكلېئوزىد تۈرىدىكى ئەكسىگە قايتىپ فېرمېنت تورموزلىغۇچى ياسالمىلار نۇكلىئوسېد تۈرىدە بولمىغان ئېنزىم تەرتىپىنىڭ يامانلىشىشىنى تىزگىنلىگۈچى ياسالما ياكى ئاقسىل پېرىمېنتىنى تورمۇزلىغۇچى ياسالمىلار ئارقىلىق بىرلەشمە دورا بېرىش لايىھىسىدۇر. دورىغا چىدامچانلىق مەسىلىسى قاتارلىقلارنى چىقىش قىلىپ، كۆپىنچى ئەھۋالدا ئۈچ خىل دورا تەڭلا تاللىنىدۇ. مۇرەككەپ رېتسېپلىق جىۋېيجيۇ® نېۋىراپىنزىدورامى تابلېتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى WHO تەۋسىيە قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا قوللىنىلىدىغان بىرىنچى سەپتىكى مۇرەككەپ رېتسېپلىق دورا ياسالمىسى بولۇپ، كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمى روشەن، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن بازارغا سېلىندى، بۇ دورا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
مەنبە : xjaids
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەيدىز دورىسىنى ئىچىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە
- كېيىنكىسى : ئادەملەر ئارىسىدىكى ئەيدىز قانداق يۇقىۋاتىدۇ؟
ئادەملەر ئارىسىدىكى ئەيدىز قانداق يۇقىۋاتىدۇ؟
دۆلىتىمىزنىڭ ئۈچ تەركىبلىك مۇرەككەپ رېتسېپلىق ئەيدىز دورىسى بازارغا سېلىندى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۈچ تەركىبلىك ئەيدىز دورىسى. بۇ دورا بولسا نېۋىراپىن، زىدوۋۇدىن ۋە لامىۋۇدىن قاتارلىق ئۈچ خىل دورا تەركىبىنىڭ بىرىكىشىدىن ئىشلەنگەن بولۇپ، خ
ئەيدىز دورىسىنى ئىچىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە 1. قايسى ئامىللار ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ سالامەتلىككە قانداق تەسىرى بار؟ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قايسى؟ ① دورا ئامىلى: بەزى دورىلار (م
قارىغۇچى ئەيدىز بىمارىنىڭ يارىسىنى بىرتەرەپ قىلغاندا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟ سوئال: ئائىلە ئەزالىرى ياكى قارىغۇچى ئەيدىز بىمارىنىڭ يارىسىنى بىرتەرەپ قىلغاندا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟ جاۋاب: ئەيدىز قان ئارقىلىق يۇقىدۇ، يىڭنە سانج
ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تۈرىنى چۈشەندۈرۈش يى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فۇندى تۈرىنى چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىن
