سوئال: ئائىلە ئەزالىرى ياكى قارىغۇچى ئەيدىز بىمارىنىڭ يارىسىنى بىرتەرەپ قىلغاندا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟
جاۋاب: ئەيدىز قان ئارقىلىق يۇقىدۇ، يىڭنە سانجىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى تەخمىنەن %0.33 بولۇپ، شىللىق پەردە ئارقىلىق يۇقۇش خەۋپى تەخمىنەن %0.09 بولىدۇ، مۇكەممەل بولمىغان تېرىنىڭ ئاشكارا يۇقۇش خەۋپىنىڭ دەرىجىسى تېخى ئېنىق ئەمەس. يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۆزىنىڭ تېرىسىنىڭ مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇففېرىن كاۋچۇك پەلەي ۋە ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان دېزىنفېكسىيە دورىلىرى (مەسىلەن، خلورلۇق ھاك قاتارلىقلار) قاتارلىقلارنى دائىملىق سەپلەش، بۇلغانغان بۇيۇملارنى بىرتەرەپ قىلغاندا پەلەي كىيىش كېرەك، زۆرۈر بولغاندا قوغدىنىش كۆزەينىكى تاقاش، يارا ئېغىزىنى مۇۋاپىق تېڭىش، بۇلغانغان بۇيۇملارنى 60 مىنۇت ٪0.1لىك ئاقارتىش پاراشوكى ئېرىتمىسىگە چىلاپ قويۇش كېرەك. بىمارنىڭ كىيىم-كېچەك ، ئورۇن-كۆرپە، بولۇپمۇ ئىچ كىيىمى قاتارلىق بىمارنىڭ قېنى، ئىسپېرمېسىدىن ئاسانلا بۇلغىنىدىغان بۇيۇملارنى، بىر قوشۇق ئاقارتىش پاراشوكىغا 30 مىنۇت چىلاپ يۇيۇش. بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار بولمىسا، قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقىدىن بۇلغانغان بولسا ئاقارتىش پاراشوكى ئېرىتمىسىگە چىلاپ ياكى سۈرتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. بىمارنىڭ تۈكۈرۈك قاچىسى ۋە تەرەت قاچىسى قاتارلىقلارنى ئەمەلىي تەركىبتىكى ئۈنۈملۈك خلور ئېرىتمىسىگە چىلاش، يۇيۇش، پول، سۇپا، تازىلىق ئۆيى قاتارلىقلارنى %0.1لىك ئاقارتىش پاراشوكى ئېرىتمىسى بىلەن سۈرتۈپ، يۇغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بەزى قانداق بىرتەرەپ قىلىش ئېنىقسىز بولغان يارا ئېغىزىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ياكى ئامبۇلاتورىيەگە كۆرسىتىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ئەيدىز دورىسىنى ئىچىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە 1. قايسى ئامىللار ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ سالامەتلىككە قانداق تەسىرى بار؟ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قايسى؟ ① دورا ئامىلى: بەزى دورىلار (م
قارىغۇچى ئەيدىز بىمارىنىڭ يارىسىنى بىرتەرەپ قىلغاندا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟ سوئال: ئائىلە ئەزالىرى ياكى قارىغۇچى ئەيدىز بىمارىنىڭ يارىسىنى بىرتەرەپ قىلغاندا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟ جاۋاب: ئەيدىز قان ئارقىلىق يۇقىدۇ، يىڭنە سانج
ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى تۈرىنى چۈشەندۈرۈش يى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش فۇندى تۈرىنى چۈشەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىن
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك 1. ئەيدىزنى داۋالاش جەريانىدىكى بىمارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە كۆرۈنەرلى
دۇنيادا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق سۆزلەشنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. كۆپ يىللىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، ئانالىز قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ
