Sublime Text UI ئۇسلۇبى Spacegray

يېقىندىن بۇيان  Flat UI بەك مودا بولدى. مەيلى تور بەت ياكى يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى بولسۇن ھەممىسى ئاساسەن Flat UI غا يۈزلەندى. ئەجرىم لايىھە بلوگىمۇ ھەم شۇنداق...  بۇ خىل لايىھە  كۈرۈنۈشكە ئاددى بۇلۇش، يىنىك ، يېقىشلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بىزلەرگىچە يىتىپ كەلدى.

ئەمدى بۈگۈن دوستلارغا ئېلىپ كەلگىنىم بولسا كود يازدىغان دوستلارغا تونۇشلۇق بولغان تەھرىرلەش قۇرالى  Sublime Text نىڭ  Flat UI  تېرىسى .

بۇ ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنمە يۈزى :

***

 ***

 چۈشۈرۈش - قاچىلاش

ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش 

1.چۈشۈرگەن ھۆججەتنى يېشىپ ئىسمىنى Theme - Spacegray گە ئۆزگەرتىمىز .

2. بۇ ھۆججەتنى x:\Program Files\SublimeText2\Data\Packages   بۇ ئورۇنغا چاپلايمىز.

3. Sublime Text نى قوزغۇتىمىز . قوزغالغاندىن كېيىن تىزىملىكتىن 首选项 ئاندىن 设置-用户 نى تاللايمىز.

4. يېڭىدىن ئېچىلغان كۆزنەككە تۈۋەندىكى ئۈچ خىل كودنىڭ خالغاننى  بىرىنى چاپلايمىز. ئۈچ خىل كود ئۈستىدىكى رەسىمدىكى ئۈچ خىل كورۈنمە يۈز شۇ ...

{
"color_scheme": "Packages/Theme - Spacegray/base16-ocean.dark.tmTheme",
"theme": "Spacegray.sublime-theme"
}

 

{
"theme": "Spacegray Light.sublime-theme",
"color_scheme": "Packages/Theme - Spacegray/base16-ocean.light.tmTheme"
}

 

{
"theme": "Spacegray Eighties.sublime-theme",
"color_scheme": "Packages/Theme - Spacegray/base16-eighties.dark.tmTheme"
}

دېتال يۈزى باشقىچە تۈسكە كىردىمۇ ؟ كىرگەن بولسا ئىش تامام.

قوشۇمچە : Theme - Spacegray بۇ ھۆججەت ئىچىدىلى رەسىملەرنى مۇۋاپىق ئۆزگەتىپ خاسلاشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ. 

قاچىلىنىۋاتىدۇ...
  • ئىليار 2014-01-31 13:29 جاۋاب

    http://designmodo.github.io/Flat-UI/ بۇ تور بېكەتتىكى ئېلمىنىتلارنى قانداق قىلىپ ئۆزلەشتۈرىمىز ؟ شۇ ھەقتە بىر دەرىس سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز بەك ئوبدان بولاتتى .
    ھە راس ، تور دۇككىنىڭىزنىڭ ئىشلىرى خېلى ياخشىمۇ ؟ ئۇيغۇربەگنىڭ بازىرىغا ئوخشاش بازاردىن بىرنى قۇرۇپ ، قۇرۇق – يەل يېمىش سېتىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ ?

    • كۆنچى 2014-01-31 15:25 جاۋاب

      چۈشۈرگەندىن كىيىن ھەممىسى html . شۇنى ئېچىپ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
      تور دۇكىنىمغا يىتىشىپ بولالمىدىم. ئوقۇش پۈتۈسىلا ھەممىسى بىر قۇر ئىزىغا چۈشكىسى…
      يېقىندىن قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

  • ئىزيار 2014-02-06 15:35 جاۋاب

    سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبمۇ بەك ياقىدۇ ماڭا ~ يانا بىر ئېسىل قىستۇرما بايان قىلاي ! livereload بۇ قانداق قىستۇرما دەمسىلەر ؟! بۇ دىگەن chrome بىلەن بىرلىكتە قاچىلىنىدىغان بەك ئېسىل قىستۇرما ئىشلەتسىڭىزلا بىلىپ قالىسىز !

    • كۆنچى 2014-02-08 06:21 جاۋاب

      بۇ قىستۇرما راس بوپ قويىدۇ … بۇرۇن بىلكاندا بىرسىنىڭ ئىشلەتكىنىنى كۆرگەن . مەنمۇ بىر سىناپ كۆرەي.

  • ئالماس 28 كۈن بۇرۇن جاۋاب

    بۇ دىتالدا ئۇيغۇرچە خەت ئۇلىنىپ چىقامدۇ ؟

ئىسىم ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى چۇقۇم تولدۇرۇڭ