سىزىقچە تەگلىك ياساش

سىزىقچە تەگلىك ؟ بۇ قانداق تەگلىك بوپ كەتتى ئەمدى. ئۈستىدىكى رەسىم يۈزى بىرخىل غىژ-غىژ تۇرامدۇ ؟ شۇ خىل ئۈنۈم قوشۇلغان تەگلىك سىزىقچە تەگلىك شۇ. تۆۋەندە بۇ خىلدىكى تەگلىكنى ياساش جەريانى :

1.يېڭىدىن بىر رەسىم بېتى قۇرىمىز . كەڭلىك ئېگىزلىكى 3 پىكسېل ، ئېنىقلىقى 300 .

2. Ctrl+0(نول)   نى بېسىپ رەسىمنى چوڭايتىۋالىمىز . يەنە رەسىم قەۋىتىدىن 3 نى قوشىمىز. ھەر بىر رەسىم قەۋىتىگە تۆۋەندىكىدەك قارا كاتەكچە سىزىپ چىقىمىز .

3.ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن 编辑 گە كىرىپ 定义图案 نى تاللاپ بەلگىلەيمىز.

4. photoshop يۈزىدىكى باشقا ھۆججەتلەرنى ھۈچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ. يېڭىدىن بىر رەسىم بېتى قۇرۇڭ ياكى بىرەر پارچە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان رەسىمدىن بىر پارچە ئەكىرىڭ.

5. رەسىم (سىز قۇرغان يېڭى رەسىم بېتى ياكى ئەكىرگەن رەسىم ) قەۋىتى ئۈستىگە يېڭى رەسىم قەۋىتىدىن بىرنى قوشىمىز.

6.يېڭى قوشقان رەسىم قەۋىتىنى تاللىۋىتىپ ، ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن 编辑 نى تاللاپ ئىچىدىن 填充 نى تاللايمىز.

7. 填充 رامكىسىنى تۈۋەندىكىدەك تاللىسىڭىز بولىدۇ.( 自定义图案 ئىچىدە بايا بىز ساقلىۋالغان ( 图案( siziq teglik بار. ئەگەر يوق بولسا قايتا سىناڭ.)

8. ئەمدى ئۈستىدىكى رەسىم قەۋىتىنىڭ سۈزۈكلىك دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق ئاخىرقى ئۈنۈمگە ئىرىشىمىز...

ئۈنۈم

ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق باشقا ئۈنۈملەرگىمۇ يەتكىنى بولىدۇ. مەسىلەن:

0 ئىسىل
قاچىلىنىۋاتىدۇ...
  • app mahiri 2013-10-28 14:35 جاۋاب

    تىخنىكىڭىز يۇقىرىكەن جۇمۇ ئانچە مۇنچە گۈدۈك چىلىپ قۇيۇڭ

    • كۆنچى 2013-10-28 16:21 جاۋاب

      رەھمەت. كەپ تۇراسىز…
      ياش ۋاقىتلىرىمدا بەك كۈچەپ پۈدەپ چالغان گۈدۈكنى … ھازىرمۇ باشقىلانىڭ كۈدۈكلىرىنى ئاڭلاپ قويىمەن.

      • app mahiri 2013-10-29 02:37 جاۋاب

        بولىدۇ كەپتۇرىمەن، سىزنىڭ بىلىمىڭىزدىن ئاز تولا ئۈگىنىۋالمىساق بولمايدۇ، بەك كۈچەپ چالمىسىڭىزمۇ نورمال چالسىڭىزمۇ بولىدۇ ….

  • ھاجى 2013-10-31 03:46 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بولىدىغان ئۈنۈمكەن. مەن ئۆگۈنىۋالدىم. رەھمەت.

  • پالگان 2013-11-01 13:07 جاۋاب

    ما بۇلىدىغان ھۈنەركەن ، پات – پات كىلىپ ئۆگىنىپ قويساق بولغۇدەك

  • سەركۈي 2013-11-11 13:09 جاۋاب

    رەھمەت سىزگە ! قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن !

    مەنمۇ دائىم كېلىپ تۇرىمەن !

  • روھچىن 2013-11-15 06:25 جاۋاب

    بىر ۋاقىتلاردا كىچى-كىچىلەپ ئولتۇرۇپ ئۈگۈنۈپ كەتكەن، ھازىر ئۇنچىلىك قىزىقىپ كەتمەيدىكەنمەن.
    بەرىبىر ھەرقانچە ئۈگەنسەكمۇ سىزدەك كەسپى ئۇستازلارنىڭ بۇزىۋەتكەن رەسىمىچىلكمۇ ئىشلىگىلى بولمايدكەن.
    قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن دەپ لايىھە ئىشلىرى بىلەن ئېتىشمايدىغان بولدۇم

  • ئەلشات 2013-12-07 07:37 جاۋاب

    ئاۋۇ ئۈنۈم دىگەن خەتنى قايسى خەت نۇسخىسىدا يازدىڭىز، ئاشۇ بەك چىرايلىق چىقىپتۇ

    • كۆنچى 2013-12-07 11:04 جاۋاب

      بۇ ukij نىڭ خەت نۇسخىلىرى ئىچىدە بار..

ئىسىم ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى چۇقۇم تولدۇرۇڭ