روھچىن بلوگى ئۇسلۇبى
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2013-12-08
- /
- ئاۋاتلىقى :159 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
روھچىن بلوگىنى بىلمەيدىغانلار بارمۇ ؟ بىلمىسىڭىز ئاۋۋال بىر قۇر كۆز يۈگرىتىپ چىقىڭ .
مەنزىل: روھچىن قەلىب يارىسى
روھچىن بلوگى ئۇسلۇبىنى خېلى بۇرۇنلا پۈتتۈرگەن ئىدىم. بۈگۈن بلوگىمدا ئاپتاپقا سېلىۋىتەي دەپ شۇ. ئۆتكەن ئايدا يوللىغان ئىككى يۈرۈش بلوگ ئۇسلۇبى لايىھىسى روھچىن ئاكىمىزغا خېلى يارىغان بولغاچقا ھەم پاكىز، سىپتا موقۇم بىر ئۇسلۇب يازدۇرۇش ئارزۇسى بولغاچقا مەزكۇر ئۇسلۇب ياساپ چىقىلدى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
بلوگ يېزىۋاتقاندىن بىرى مۇشۇنچىلىك بىر ئۇسلۇبقا ئېرىشىش ئارزۇيىدا ئىدىم. ئاخىرى سىزنىڭ قۇلىڭىز بىلەن بۇ ئارزۇ رىئاللىققا ئايلاندى.
ئۇسلۇبتىن كۆڭلۈم بەكلا توق، قانائەت قىلدىم. رەھمەت سىزگە
سىز رازى بولغان بولسىڭىزلا مەن شۇنىڭدىن خۇشال…
يەنىلا لايىھەچى دېگەن باشقىچە – دە! بەكلا كۆركەم چىقىپتۇ بۇ ئۇسلۇب… رەڭ تەڭشەكلىرىنى تولىمۇ ياقتۇردۇم!
رەھمەت تەشنايى بۇرادەر… سىلىنىڭ ھېلقى ئۇسلۇب چانايدىكەن جۇمۇ..
كۆركەم چىقىپتۇ، ھىلىقى يانتۇ سايە توغۇرلۇق مۇكەممەلراق بىرەر دەرىسلىك ئىشلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن! رەھمەت!
رەھمەت. يانتۇ سايە چىقىرىشنى مەن دەرىسلىك قىلىپ يوللاپ قوياي…
ئىسىل چىقىپتۇ ، لاھىيە دىگەننى مۇشۇ بىلىدىغانلار قىلسا بۇلىدىكەن جۇمۇ ، مەن بىركۈن سىزساممۇ نىمە سىزغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەي ئاخىرى ھەممىنى يۇيۋىتىپ قاراپ ئوتۇرىمەن ….
روھچىن دىگەن خەت قولدا يازغان ھۆسىنخەتمۇ ياكى . . . ؟!
قولدا يازمىغان . ئەرەبچە خەت نۇسخىسى ئىدى.
مومكىن بولسا تەمىنلەشكە بۇلارمىكىن ؟!
ماڭا بىر ئۇسلۇپ يىزىپ بەرسىڭىز بولاتتى.
بولىدۇ، يېزىپ بىرەي، QQ:137325527 ئالاقىلىشىڭ،
ئەمما لېكىن بۇ ئۇسلۇبىڭىزغا بەك كۆيىمەن جۇمۇ. مەن كۆرگەن ئەڭ پەيزى چىققان ۋوردپرېس ئۇسلۇبى بوپتىكەن بۇ. مېنىڭ لايىھە ئىددىيەمگىمۇ بەك چوڭ تەسىر قىلدى