لەگلەك تورى ۋە لەگلەك ئەپ لايىھىسى
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2013-10-17
- /
- ئاۋاتلىقى :250 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
يېقىندا « لەگلەك » نامىدىكى تور بىكەت ۋە خەۋەر ئەپ تورداشلار بىلەن يۈز كۈرىشىدۇر. ئەپنىڭ لوگو ۋە كىرىش بېتى كۆرۈنمە يۈزى لايىھىسىنى ئەپ ئاچقان ئورۇننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن لايىھىلەپ پۈتتۈردۈم. جاپالىق جەريان بولدى دىيىشكە بولىدۇ. (لايىھە دېگەن جاپالىق شۇ) . تۈۋەندە ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈز لايىھىسىدىن بىر نەچچە ئۆرنەكلەر تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى .
1. ئايكون ، لوگو
ھۆسنخەتنى « ئىنايەت ماركا لايىھە مۇنبىرى » يازغان .
2. كىرىش بېتى كۆرۈنمە يۈز لايىھىسى.
بۇ ئەپ چىقارغان تەرەپ بىر قاتار كېلىشىشلەردىن كېيىن تاللىغان كىرىش بېتى كۆرۈنمە يۈز لايىھىسى .
شۇنىڭ بىلەن لايىھە تامام بولدى، مەنمۇ بىكار بولدۇم .
ئاخىردا لەگلەك تورىنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇساپىسىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. دوستلارنىڭ قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
رەھمەت …………..
بەك چىرايلىق لايىھەلەپسەن جۇمۇ!
ئۇيغۇربەگكە يارىغان بولسا راستىنلا ياخشى چىققان ئوخشىمامدۇ …..! ھى ھى ھى
پەيزى چىقىپتۇ . كىينچە مەنمۇ ئزدىسەم بولغۇدەك
لايىھە ھەقىقەتەن ئىسىل چىقىپتۇ، بەكلا سىپتا، رەڭلىرىمۇ شۇنداق تەبىئىي، ھازىرقى مودا ئقىمغا مۇناسىپ بوپتۇ، لېكىن بىر يىرى ھۆسىنخېتى ياخشى يېزىلماپتۇ، ئۆلچەملىك ئەمەس، ئەگەر بۇندىن كېيىن ھۆسىنخەت يازدۇرماقچى بولسىڭىز ئالاقىلەشسەك بولىدۇ…
ئىلچىن ئەپەندى سىزنى قانداق ئىزدەيمىز؟
qq: 316131407
ماۋۇ لاھىيە ماڭا يارىدى.
بۇ لەيىھە ھەقىقەتەن بەكلا چىرايلىق ۋە كۆركەم چىقىپتۇ، قولدا تېخنىكا بولسا مەنمۇ يانفون ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چىقىرالىغان بولسام…..
جاپالىق ئەجرىڭىزنىڭ مېۋىسى تاتلىق بوپتۇ ، باشقىلارغا لايىھە يارىتىشمۇ بىر گەپ !
بەك ياخشى چىقىپتۇ. بىراق بۇ لەگلەك تورى تېخى يوقكەن. بالدۇرراق چىقىشىغا تەشنامەن.
قاچان ئىچىلاركىن بۇ توربەت
سىناق قىلىۋاتامدىكىن… ئۆتكەندە بىر مەزگىل ئېچىلغانتى.
چىرايلىق ،سىپتا چىقىپتۇ. ھە راست،لەگلەك خەۋەر تورى ئالما ئەپ دېتالى ئېلان قىلىنىپتۇ
ھەئە ئالما ئەپ دېتالى ۋە ئاندىرويىد | ۋىندوۋىس فون ئەپ دېتاللىرى ئېلان قىلىنىپ بولدى
پەيزى چىقىپتۇ ئاداش
بىر ئېغىز گەپ ئۇز !