چاپاننى تاشلاپ ياز قىلدۇق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! ھەممە ئاددىيلىققا، سىپتا يىنىك بۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەجرىم لايىھە بلوگىمۇ ئېغىر چاپاننى سېلىپ تاشلاپ يازلىق قىلىۋالدۇق. بۇ ئۇسلۇبنى بىلىدىغانلار ئاز ئەمەسقۇ دەيمەن، بۇ ئۇسلۇب 2012-يىلى تارقىتىلغان. شۇ ۋاقىتتىن بېرى كۆيۈپ كېلىۋاتاتتىم مانا بۈگۈن بەزى سەۋەبلەر بىلەن قولۇمغا چۈشتى، بىر كېچە سۆكۈپ -تىكىپ چاپاننىڭ ئورنىغا ئاسما مايكا قىلىپ كىيىۋالدىم. بۇرۇنقى ئۇسلۇبىممۇ بوپ قوياتتى، ئېغىر دەپ كەتكۈچىلىكىمۇ يوقتى، لېكىن wordpress نى يېڭىلىغان كۈندىن باشلاپ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدىن چاتاق چىققىنى تۇردى، شۇڭا بۇ قېتىم wordpress نىڭ نەشرىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە ئۇسلۇبىمۇ ئالماشتۇردۇم. نېمانداق ئورۇق ئۇسلۇب دەمسىلە؟ چۈنكى ئۈزۈممۇ سېمىز ئەمەس...

كونا ئۇسلۇبىمۇ شۇنداق ياخىشى ئىدى. بىر نەچچەيلەن سوراپمۇ ئۈلگۈرگەن، بەگ ئاكامغا تېپىپ بەرسە ياكى ئوخشىتىپ ياساپ بەرسە رازى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلارمۇ چىقىپتىكەنتۇق. بۇ قېتىم بۇ ئۇسلۇبنى ھەقسىز تارقاتتىم. چاپاننى كونا كۆرمەي، يازدا توڭلاپ تۇرۇدىغان بلوگلارغا تازا ماس كېلىدۇ.    [چۈشۈرۈش ]

ئاخىردا ئەجرىم لايىھە بلوگىنى قوللاپ كېلىۋاتقان دوستلار، تورداشلارغا كۆپ رەھمەت. ئەجرىم بلوگى تېخىمۇ رەڭدار مەزمۇنلارنى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدۇ.

- ئەجرىم لايىھە بلوگى

قاچىلىنىۋاتىدۇ...
  • ۇراباس 2013-06-16 16:45 جاۋاب

    بۇ ئشنى ياخشى قىپسىز. (ئۇسلۇپنىڭ ئشىنى)

    يازلىق ئۇسلۇبىڭىز يانفونغا تىخىمۇ ماس كەلگۈدەك.

    • كۆنچى 2013-06-19 10:48 جاۋاب

      ۇراباس ئاداش.. يوقاپلا كەتتىڭلىغۇ،،

  • كۈرەش 2013-06-21 12:44 جاۋاب

    پىچاقتەك ئۆتكۈر ، سىپتا ، ئۇماق ، ئادەمگە ئىستىتىك زوق بىغىشلايدىكەن

    • كۆنچى 2013-06-22 02:58 جاۋاب

      رەھمەت رەھمەت . ئاۋۇ رەسىم سىزىش بىتىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم. ئىسىل ئەسەرلەر بولسا يوللاۋىرىڭ ئەمسە..

  • مەلەك 2013-06-28 08:33 جاۋاب

    كالىتسى بەك يېتىشمىدىمۇ نېمە، سەل بودايلى

    • كۆنچى 2013-06-28 16:50 جاۋاب

      بودەك بوپ كەتسەكمۇ ئانداق مانداق كاشىلىلاردىن خالى بوغىنى بوممىدى ئەمەسمۇ، شۇڭا زىلۋا تۇراي دىدىم.. ھى ھى،،،

ئىسىم ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى چۇقۇم تولدۇرۇڭ