• 2010-06-10

    بىر ئائىلىنىڭ 30يىللىق تارىخىي"ئۆزگىرىشى" - [كىشىلىك ھايات]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/65690587.html

    بىر ئادەم ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 90ياش ئۆمۈر كۆرىدۇ دىسەك، ئالدىنقى 30يىلى ئۆسۈپ يېتىلىش، ئوقۇش بىلەن دىگۈدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئوتتۇز ياشتا توي قىلدى دىگەندىمۇ مۇشۇنداق 30يىلدىن ئىككى قېتىم ئۆتسىلا ھايات مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى مەنزىللىرىگە قەدەم قويىدۇ دىگەن گەپ،

    90ياشنى تۆۋەندىكىدەك ھىساپلاپ باقساق قانداق بولاركىن؟

    90ياش=1080ئاي

    90ياش=4320ھەپتە

    90ياش=32850كۈن

    90ياش=788400سائەت

    كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى7سائەت بىلەن 8سائەت خىزمەت ۋاقتى(30يىل) جەمئى289950سائەتنى چىقىرىۋەتسەك 498450سائەتلا ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقتىغا قېلىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئىشلىرى، بالا تەربىيىلەش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق قاتارلىق ئىشلارغا 3تىن بىر قىسمى سەرپ بولدى دىگەندىمۇ يەنە ئۆز ئىختىيارلىقىڭىزدىكى پائالىيەت 166150سائەتلا قالىدىكەن بۇنى كەينىگە قايتۇرساق 6922كۈن يەنى تەخمىنەن 19يىلدەك ۋاقىت ئۆزىڭىزگە تەۋە،

    بىر ئادەمنىڭ كۆپ قىسىم ئۆمرى بىر ئائىلىدە ئۆتىدۇ.بىر ئائىلە بىر جەمەتنىڭ تەركىۋىي قىسمى، بىر دۆلەتنىڭ ھۈجەيرىسى. ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھىكايىسى بولىدۇ.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى بىر ئائىلىنىڭ 30يىل مابەينىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تولۇقلىنىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى،چوڭ بولۇشى، قېرىشى قاتارلىق جەريانلىرى يىلمۇ-يىل خاتىرە سۆرەت قالدۇرۇش ئارقىلىق خاتىرلەنگەن.

    شۇنى ئويلىنىپ قالدىم، ئارىمىزدا دادا-بوۋىلىرىدىن 4ئەۋلادقىچە سۆرىتى بولمىسىمۇ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلار قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەر؟ مېنىڭچە كۆپ چىقماسمىكىن(مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) دەپ ئويلايمەن، بۇرۇنقى زامانلاردىغۇ رەسىم تارتىش ئاپاراتى دىگەن نەرسىلەر يوق، ئەجدادلىرىمىزنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدۇق، ئەمدىچۇ؟ كىمنىڭ ئائىلىسى مۇشۇنداق ھەر يىلى بىر قېتىمدىن خاتىرە سۆرەتكە چۈشۈپ ساقلاپ قويىۋاتىدۇ؟يىلدا بىر كېلىدىغان روزا-رامزان، قۇربان ھېيتلاردا بىر جەمەت يىغىلىپ ئوپچە سۆرەتكە چۈشۈپ قويساق چوڭ ئىش قىلىۋەتكەندەك كۆڭلىمىز بەكمۇ خاتىرجەم بولىدىكەن، يوقارقى رەسىمگە قارىسامغۇ پەقەتلا خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن.

    قىسقىسى بىز كىملەردىن؟ نەدىن كەلدۇق؟ نەگە بارىمىز؟ئارىمىزدا كىملەر ياشاپ ئۆتكەن؟ دىگەندەك تارىخىمىزنى بىلىش ھەم كىچىكلەرگە بىلدۈرۈش،ئەجدادىمىزنى بىلىش، ئەجدادلارنى ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرۇپ بىلدۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبورىيىتىمىز.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ھەي...ئەۋلادلارغا ئەجدادلارنى بىلدۈرەلەيدىغان كىشىلىرىمىز قانچىلىك قالدى...[cusFace:10]
    dunyakara回复Uyghurbeg说:
    ئۆزىمىزدىن باشلىساق، تارىخىمىزنى ۋاراقلاپ ئۆگەتسەك چوقۇم كۆپىيىپ كېتىدۇ.
    2010-06-30 16:54:21
  • بۇلىدىغان گەپكەن ،بىز ھازىر بىنچىلىك ئەھمىيەت بىرىدىغان يەرگە بارمىدۇققۇ دەيمەن [cusFace:3]
    dunyakara回复uyghurlar说:
    شۇڭىمۇ يوللاپ قويدۇم.
    2010-06-13 05:30:02