-
2009-01-17
Blogbusنىڭ يېڭى ئىقتىدارىغا دىققەت قىلايلى - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34015521.html
بلوگبۇسنىڭ ئارقا سۇپىسىدا ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە خېلى چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولدى، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ:
بىرىنچى:بلوگ ئارقا سەھنە باش باشقۇرۇش بېتىگە تېز ئۇلانما ئىقتىدارى قوشۇلدى.
ئىككىنچى:بلوگ ئۇسلۇپلىرىنى ئورتاقلىشىدىغان ئىقتىدار قوشۇلدى.
ئۈچىنچى:بېلەت تاشلاش سېستىمىسىنى ئارقا سەھنىدە ئېلىپ بېرىشتىن بلوگ يازمىسىدا بىۋاستە ئېلىپ بېرىش ئەمەلگە ئاشتى.
بۇ ئىقتىدارنى تارىم بلوگى، يۈكسەل بلوگى قاتارلىق بلوگلاردا ئېلىپ بېرىلغان بېلەت تاشلاپ رايىنى سىناش يازمىلىرىدىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
تۆتىنچى:بلوگ ئارقا سەھنىسىدىكى تىزىملىك ئىقتىدارى ئاپتۇماتىك سېرىلما تىزىملىك ئىقتىدارىغا ئۆزگەردى.
بۇ ئىقتىدارنىمۇ سىز ئارقا سەھنىدىكى تىزىملىكلەرگە مائوسنى ئەكىلىپ ئاستا سۈرسىڭىز تىزىملىك ماس ھالدا ئۆزگىرىدۇ.
بەشىنچى:بلوگ ئارقا سەھنىسىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا مەشغۇلات جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن باش بەتكە قايتىشتەك تەكرار كۆرۈنۈش قىسقارتىلىپ بىۋاستە شۇ بەتتە جەزىملەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشتى.
ئالتىنچى:يازمىغا رەسىم قىستۇرۇش قوشۇمچە كۆزنەكتىكى ئىقتىدارلار كۈچەيتىلدى، بلوگگىرلارنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇلدى.
يەتتىنچى: ئىنكاسنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
مېنىڭ بۇ يازمىنى يوللاشتىكى مەقسىدىم شۇكى:
بلوگبۇسنىڭ ئىنكاسنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن بلوگلاردا ئىنكاس يازغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ سېستىمىنىڭ كاشىلىسىمۇ ياكى بلوگگىرلار يېزىلغان ئىنكاسلارغا نىسبەتەن تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويغانلىقتىنمۇ بىلگىلى بولمايۋاتىدۇ. شۇڭا مۇمكىن بولسا دوستلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارقا سەھنىسىگە ئۆتۈپ تەپسىلى كۆرۈپ بېقىشلىرىنى سەمىمى سورايمەن، ئەگەر ئىنكاس تەھرىرلەش ئىقتىدارى ئوچۇق(启用)ھالەتتە بولۇپ قالسا ،زىيارەتچىلەر يازمىغا ئىنكاس يازسا ئوڭۇشلۇق يوللانغان بىلەنمۇ بلوگ يۈزىدە كۆرۈلمەيدۇ، ياكى سېستىما كاشىلىسى تۈپەيلى ئوڭۇشلۇق يوللانماسلىقىمۇ مۇمكىن. ئۇندىن باشقا يەنە يازمىغا ئىنكاس يېزىش يەنى باھا بېرىشنى چەكلەيدىغان بۇرۇنقى ئىقتىدارىمۇ بار ، شۇ ئىقتىدار تاقىلىپ قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن.
پەقەت بلوگ يۈزىدە زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاس قالدۇرىشى ۋە بلوگگىرنىڭ مۇناسىپ جاۋاپ بېرىشى ئارقىلىقلا بلوگگىرلار بىلەن زىيارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى،رىشتە ۋە ئورتاقلىقنى تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئىش دەپ قارايمەن.
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خېلى بلوگلارغا ئىنكاس يازغىلى بولمايۋاتىدۇ، ئازساندىكى بىرقىسىم بلوگلاردا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۇچۇر چىقىۋېلىپ ئىنكاس يوللىغىلى بولمايۋاتىدۇ،
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
1.بىلوگقا ئۇسلوپ قاچىلسام ياخشى قاچىلانمىدى ..نۇرغۇن جايلېرى چالا-بۇلا بۇلۇپ قالدى بۇنى قانداق ئوڭشايمەن....
2.نۇرغۇن بىلوگىرلارنىڭ بىلوگلېرىدا ئۇيغۇرچە خەت نورمال يازغىلى بۇلدىكەن .ماڭا يادەم قىلغان بولساڭلا بۇپتىكەن ....
eotنى قانداق ياساش توغرىسىدا ئارامگاھ قاتارلىق بلوگلاردا بار.
سىزدىن بىر مەسلىنى سۇراپ باقاي دىگەن ئىدىم ، بلوگبۇسنىڭ ئىقتىدارلىرىنىڭ ئۆزگۇرشىگە ئەگىشىپ يېڭى ئىلتىماس قىلغان بلوگلارغا ئۇسلوپ قاچلىغىلى بولمايۋاتىدۇ،، ياكى مەن بىلەلمىدىممۇ ؟ قايسى كۇنى بىر دوستۇم بلوگ ياساپ بەر دىگەن ئىدى ، تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن ئۇسلوپ قاچىلاي دىسەم پەقەت قاملاشمىدى ،
ئۇسلوپ تەھرىرلەش بىتىدىمۇ ئۆزگۇرۇش بوپتۇ، بۇنىمۇ بىر كۇرۇپ باقسىڭىز،، بۇرۇن ئىلتىماس قىلىنغان بلوگلاردا نۇرمال ئكەن ، يېڭدىن بىر ئىسىم تىزىملىتىپ شۇنىڭغا ئۇسلوپ قاچلاپ بېقىڭ ،، قىلالىسىڭىز تەپسىلى بىر دەرىسلىك قىلىپ بلوگىڭىزغا يوللاپ قويسىڭىز،، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم..
ئىككىنچى مەسىلىگە كەلسەك: يېڭى ئىلتىمس قىلغان بلوگقا ئۇسلۇپنى بۇرۇنقىدەكلا نورمال قاچىلىغىلى بولىدۇ. مەن تۆنۈگۈنلا بىر ئۇسلۇپنى قاچىلىغان ئىدىم
بىلوگ نامى: يىڭىلىقلار
ئادرىسى: http://darslik8.blogbus.com
سىز بايقىغاندەك ئىنكاس يوللىغىلى بولماسلىق ئەھۋاللىرى مەندىمۇ كۆرۈلگەن، مېنىڭچە ئۇ تور سۈرئىتى ۋە سېستىما بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بلوگ تەڭشەكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىن.
ھە راست سىز مېنىڭ بلوگىمنىڭ ئادرىسىنى كىرگۈزۈپ بىر ئىنكاس يوللاپ بېقىڭە؟قانداق بولىدىكىن؟
بلوگىڭىزغا ھازىر ئىنكاس يېزىپ باققان ئىدىم لېكىن يوللانمىدى، بۇ قانداق ئىشتۇ زادى؟
مەن بلوگبۇس سۇپىسىغا بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ باقسام بولغۇدەك.