-
2009-01-19
ھا ھا ئىنكاس ئەمدى ئوڭۇشلۇق يوللىنىدىغان بولدى - [blogبىلىملىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34093765.html
مەن ئالدىنقى يازمىدا ئايرىم بلوگلارغا ئىنكاس يازساممۇ نورمال يوللىغىلى بولمايۋاتقانلىقى توغۇرلۇق توختالغان ئىدىم. كەڭ بلوگگىر دوستلارنىڭ ئۆز بلوگلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ قىزغىنلىق بىلەن پىكىر قالدۇرۇش نەتىجىسىدە غەلىتە بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالدىم، يەنى پەقەت http://dunyakara.blogbus.comئاردىسىنى كىرگۈزگەندىلا نورمال يوللانمايدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن، بۇنى بلوگلاردا قايتا-قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق بىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. بۇ زادى قانداق بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ مەن نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەلمەي بلوگبۇس رەسىمى سۇپىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ئەھۋالنى ئۇلارغا تۆنۈگۈن ئېيتقان ئىدىم، مانا ھازىر ئۇلاردىن جاۋاپ خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇ كاشىلىنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ئوڭشاپ قويۇلغانلىق خەۋىرىنى ئۇقۇپ خوشاللىقىمدا مۇشۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم. تۆۋەندىكىسى جاۋاپ ئېلخەتنىڭ ئۆز:
مەن ئالدىنقى يازمىدىكى تىلغا ئالغان بلوگلارنىڭ نامىنى چىقىرىۋەتتىم، چۈنكى ئۇ بلوگلارنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتمىسۇن. ئەسلى كاشىلا بلوگ سۇپىسىدا يۈزبەرگەن ئىكەن ئەمەسمۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشلىرىنى ، قالايمىقان ئىنكاس يېزىپ قويغان بلوگلارنىڭ ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ ئەپۇ قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
تەكلىپىڭىزنى قۇبۇلقىلىمەن،دۇنيا قارائەپەندىم دائىم ھەمكارلىشىپ تۇرۇايلى![cusFace:8][cusFace:2]
ئەمىسە سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،
سىزنى باشقۇرغۇچىغا تەكلىپ قىىلىپ قويدۇم. بولسا بلوگىمدىكى مەن بىلەلمەي قالغان كاشىلىلار بولسا ھەل قىلىپ قويارسىز!
يەنە بىر گەپ دۇنيا قارا ئەپەندىم، يېقىندىن بۇيان كاللامدا كالىندار كودى ئارقىلىق بلوگ باش بېتىدا ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇندىكى ھىكمەتلەر ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلغىلى بۇلارمۇ دېگەن بىر ئوي كەپ قالدى،
سىزنىڭچە بۇ ئوينى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلارمۇ؟
مەن ئادەتىكى بۈگۈننىڭ قايسى يىل، قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كودقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ سىناپ باقتىم، لېكىن ئوڭۇشلۇق بولمىدى،
ئەمەلىيەتتىغۇ مېنىڭ توربەت كودلىرىدىن ئانچە خەۋرىم يوق،
شۇڭا بۇ مەسىلىگىمۇ بىر پىكىر بىرىپ باققان بولسىڭىز!
[cusFace:6]
سىز ئىنكاستا قالدۇرغان بۇ مەسىلىنى تامامەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر لازىم بولسا مەن سىزگە كېيىنچە قىلىپ بېرەي.
قانداق ئەھۋالىڭىز؟
مېنىڭ بلوگىمنىڭ ئىنكاس يوللاش ئورنىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولمايدىكەن،
بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلسام بۇلار؟ بىر ياردەم قىلىۋەتكەن بولسىڭز.
[cusFace:6]
مېنى باشقۇرغۇچىغا تەكلىپ قىلىپ قويسىڭىز مەن ئوڭشاپ بېرەي، بۇ يەرگە كودلارنى يازساممۇ كۆچۈرەلمەي ئەۋارە بولۇپ قالىسىز.
دەرۋەقە، سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، تۈزۈك يازما يازغۇدەك ۋاقىت يوق، ژورناللار بولسىمۇ چىقىرىپ، بلوگنى توختىتىپ قويماي دېدىمغۇ. ئۆزەڭلارچۇ، تېچلىقمۇ؟ بالاچاقىلار ئامان؟ ئالدىراش ئۆتۈپ كەتسە، داۋاملىشاي، ساقلاپ قويغان نەرسەم جىق[cusFace:11]. ماقا ئەمسە، كۆرۈشۈپ تۇرايلى، ئامان![cusFace:6]
http://eynek.blogbus.com