• 2009-01-15

    بۇنداق چىرايلىق ئورۇنلاشقان ناھىيەنى شىنجاڭدا تۇنجى كۆرۈشۈم - [google earth خەرىتە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/33420753.html

    شىنجاڭدا ھازىر ناھىيە شەھەرلەر 90دىن ئاشىدىكەن، بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدە مەيلى يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان شەھەر بولسۇن ۋە مەيلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمى ناھىيە شەھەرلەر بولسۇن، بوشلۇقتىن قارىغاندا شەھەر قۇرۇلۇش لاھىيەسى ئەڭ چىرايلىق چىققىنى ئىلى ئوبلاستىنىڭ تېكەس ناھىيىسى ئىكەن دەپ قارىدىم.چۈنكى تېكەس ناھىيەسى بىر شەھەر مەركىزى نۇقتىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇشۇ نۇقتىدىن ئۆتىدىغان 4 تال يول لاھىيەلىگەن ھەمدە مۇشۇ مەركىزى نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىرنەچچە ئايلانما يوللارنى لاھىيەلىگەن شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەر قىياپىتى 8 تەرەپلىك چەمبىرەكتىن ھاسىل بولغان چىرايلىق بىر ئۆمۈچۈك تورىسىمان مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنداق ئۆتۈشمە يوللۇق شەكىللەنگەن شەھەرلەردىن دۇنيادا مەن پەقەت پارىژنىڭ زەپەر دەرۋازىسىنى بويلاپ ياسالغان ئۆتۈشمە(كەسمە) يوللارنىلا كۆرگەن ئىدىم، بىراق ئۇ جاي تېكەس ناھىيەسىنىڭكىدەك يوللىرى ئۇنداق سىممىتېرىك ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئالاھىدە يوللاپ قويغۇم كەلدى.سۈرۈشتۈرسەم بۇ شەھەر لاھىيەسىنى بىر ئايال ئىنژىنېر لاھىيەلىگەنمىش، قانداقلا بولمىسۇن يۇرتىمىزدا مۇشۇنداق چىرايلىق لاھىيەلەنگەن بىر ئورۇننىڭ بولغانلىقىدىن ئۆزۈمنى پەخىرلىك ھېس قىلدىم.

    تېكەس ناھىيەسىگە بېرىپ باققان قېرىنداشلار بولىشى مۇمكىن، بېرىپ باقمىغان قېرىنداشلارمۇ بولىشى مۇمكىن، ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا پەقەت بوشلۇقتىكى خەرىتىسى ئارقىلىقلا شەھەر ئورۇنلىشىشىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز، تۆۋەندىكى خەرىتە رەسىملىرى Google earth خەرىتىسىدىن ئېلىندى.

     

          تۆۋەندىكىلىرى ئەمىلى رەسىملىرى:      

    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • [cusFace:11][cusFace:4]
    يامان ئەمەسكەن
    dunyakara回复كھ ۋسەر说:
    شۇنداق ،ھەقىقەتەن يامان ئەمەس.
    2009-01-24 22:06:18
  • ھەقىقەتەن رەتلىككەن.
    dunyakara回复ئىدىقۇت说:
    ھەممە شەھەرلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ئىدىقۇت ئەپەندىم.
    2009-01-22 12:20:07
  • بولىدۇ.چەۋەندازلار بلوگى دۇنياقارا بلوگى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچۈيتىشنى خالايدۇ. چەۋەندازلار بلوگى دۇنياقارا بلوگىنى قوللايدۇ. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
    dunyakara回复چەۋەندازلار说:
    بلوگىمنى قوللىغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن ئەپەندىم. بۇندىن كېيىنكى سەپىرىمىزدە ئالاقىمىز تېخىمۇ كۈچەيگۈسى.سىزمۇ ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
    2009-01-20 23:44:03
  • مەن بۇ ناھىيەنىڭ سۈرىتىنى بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاسما كالىنداردىن كۆرگەن، ھەقىقەتەن چىرايلىق لاھىيىلەنگەن ناھىيە بازىرى.
    dunyakara回复buhara说:
    دىمىسىمۇ مەن بۇنداق چىرايلىق ئورۇنلاشقان ناھىيەنى شىنجاڭدا ھەتتا جوڭگودا تۇنجى كۆرۈشۈم، ماختىغۇچىلىك چىرايلىق لاھىيەلىنىپتۇ.
    2009-01-20 10:25:22
  • رەھمەت سىزگە . بىزتەرەپكىمۇ ئۆتۈپ تۇرارسىز ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.
    dunyakara回复چەۋەندازلار说:
    يوللىغان ئۆزگىچە تېمىلىرىڭىزنى مەن دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن، شۇغىنىسى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سۇپىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ ئىنكاس يوللىيالماي قالغان ئىدىم، مانا ئەمدى ئوڭشالدى، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.
    2009-01-20 10:27:49
  • بىزنىڭ تىكەس... بىزنىڭ غۇلجا... بۇنى سەككىز كوچا دىمەيدۇ ... ئەخمەق... سەككىز بۇرجەكلىك شەھەر دەيدۇ...
    dunyakara回复ـڭۆرھن说:
    سىزنىڭ تېكەس بولسا ئەپەندىم، ئىنكاس يازغان باشقىلارنى ئەخمەق دىمەسلىكىڭىزنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي. ئەدەپلىكرەك بولسىڭىز ھەممىمىزگە ياخشى ئەمەسمۇ؟ قانداق دىدىم؟
    2009-01-17 00:34:47
  • مەن سىزنىڭكىدەك سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى گوگېلنىڭ خەرىتە ئىزدەيدىغان دىتالنى تاپالمىدىم. بولسا ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
    dunyakara回复چەۋەندازلار说:
    بۇ Google Earthنىڭ خەرىتە كۆرۈش دېتالى ، سىز گوگۇل ياكى بەيدۇ ئىزدەش ماتورىغا مۇشۇ ئىسىمنى كىرگۈزۈپ ئىزدەتسىڭىز ساماندەك، سىز ئەڭ ياخشىسى يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
    2009-01-16 20:00:35
  • تېكەس ناھىيىسىنىڭ بايامقى كۆرۈنۈشىدىكى يولنى سەككىز كوچا دەيدىكەن.
    بۇكوچىدىن چىقسىڭىز، ئۇكوچىغا كىرىپ قالىدىكەنسىز.ئىشقىلى ئايلانسىڭىز،ئايلانسىڭىز مۇشۇ سەككىز كوچىكەن.لېكىن ھەقىقەتەن بەك چىرايلىقكەن.
    dunyakara回复قۇياش说:
    ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
    2009-01-16 19:58:44
  • گوگولنىڭ خەرىتىسىگە ئانچە ئىشەنگىلى بولمايدۇ،ھازىر يۇرتىمىزدىكى ئوزگىرىشلەر ھەقىقەتەنمۇ زور.
    شۇنداقتىمۇ مەن راستىنلا قايىل بولماي تۇرالمىدىم،پۇرسەت بولسا بىر كۆزۇمنى ئېچىپ كەلسەم بولغىدەك.ساياھەت قىلىشقا ئەرزىگىدەك يۇرت ئىكەن.
    رەخمەت سىزگە! جاپاكەش قوللىرىڭىز ھارمىغاي![cusFace:8][cusFace:8][cusFace:8]
    dunyakara回复جاپاكەش说:
    گوگۇلنىڭ خەرىتىسىگە ئىشىنەلمەيۋاتقان بولسىڭىز ، پۇرسەت بولسا ئۆز كۆزىڭىز بىلەن بىر كۆرۈپ كېلەرسىز، بەلكىم ھازىر بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەندۇ.
    2009-01-16 19:58:06
  • راستىنلا بەك چىرايلىقكەن! رەھمەت! يوللىمىغان بولسىڭىز ئۇقمايلا قالىدىكەنمەن! پۇرسەت بولسا ساياھەت قىلىپ بارساقمۇ بولغىدەك![cusFace:11]
    dunyakara回复ۋارىس说:
    ھەقىقەتەن بىر كۆرۈپ كېلىشكە ئەرزىگۈدەك.
    2009-01-16 19:56:51