-
2008-12-31
يېڭى يىللىق سوۋغا 4 خىل ئۇسلۇپ - [ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/32958313.html
مانا 2008-يىلىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى، ھەممىمىز 2009-يىلىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. يېڭى بىر يىلدا قېرىنداشلارنىڭ جۈملىدىن بلوگگىرلارنىڭ ئەزىز تەنلىرىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشلىرى ئۈچۈن يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە تۆت خىل blogbusئۇسلۇپنى ياساپ قويدۇم. كۆرۈپ باقاسىلەر،
تۆت خىل ئۇسلۇپنىڭ كونكىرت بەت يۈزى رەسىملىرى ، كۆرۈش ئادرىسلىرى ھەم چۈشۈرۈش ئادرىسلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى خىل ئۇسلۇپ: ئىسمى "2009 يېڭى يىللىق"ئۇسلۇبى
كۆرۈش ئادرىسى:
ئۇسلۇپنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://korux66.blogbus.com/files/12305716090.rar
ئىككىنچى خىل ئۇسلۇپ: ئىسمى :كۆك تۇمان(ھاھاھا مەن تۈزۈكرەك ئىسىم تاپالمغان ئوخشايمەن)، ئالاھىدىلىكى بەت يۈزى كەڭ، خەتلىرى چوڭراق، ئۆزى ئاددى، قوپالدەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئۇششاق خەتلىك بلوگلارنى كۆرۈپ كۆزى تېلىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىملەرنى چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە ئەسلى چوڭلۇقتىكى رەسىمنى كۆرەلەيسىز:
كۆرۈش ئادرىسى:
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://korux68.blogbus.com/files/12305720450.rar
ئۈچىنچى خىل ئۇسلۇپ: ئىسمى-تىمساق. (ھاھاھا ئىشلەتكەن باش رەسىمگە قارىتا قويۇپ قويغان ئىسىم)، بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئالاھىدىلىكى: تارمۇ ئەمەس، كەڭمۇ ئەمەس ئۆلچەملىك بەتلىك، خەتلىرى زىلۋا، قۇرۇلمىسى كۆركەم بولۇپ ئۇنۋېرسال بلوگ قۇرغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىملەرنى چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە ئەسلى چوڭلۇقتىكى رەسىمنى كۆرەلەيسىز:
كۆرۈش ئادرىسى:
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://korux69.blogbus.com/files/12305663890.rar
تۆتىنچى خىل ئۇسلۇپ: بۇمۇ كەڭ بەتلىك ئۇسلۇپ بولۇپ كۆرۈنىشى چىرايلىق، Wordpressئۇسلۇپلىرىغا ئوخشۇتۇپ ياسالغان.
كۆرۈش ئادرىسى:
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
ئەمدى بۇ ئۇسلۇپلار قېرىنداشلارغا ياراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ھازىرقى blogbusئۇسلۇبىدا بلوگ يېزىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە تولىسى بىر خىلدىكى ئۇسلۇپنى ئىشلىتىش ياكى بولمىسا ئۇسلۇپنىڭ بەت يۈزى تار بولۇش، ئىككى يان تەرەپتە زىيادە بوشلۇق چىقىرىپ قويۇپ تولۇق پايدىلىنالماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. blogbusنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئۇسلۇپلىرىدىن ھازىرچە 200خىلغا يېقىن ئۇسلۇبى بولۇپ مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇيغۇرچە بلوگ يازىدىغانلارغا يەنى بىزگە ئاساسەن كەڭ بەتلىك ئۇسلۇپلار مۇۋاپىق كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن، شۇڭا مېنىڭ ياسىغان ،ياكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ئۇسلۇپلىرىم ئاساسەن دىگۈدەك كەڭ بەتلىك ئۇسلۇپنى ئاساس قىلغان.
بلوگبۇسنىڭ ئۇسلۇپ ياساش تىلى XHTMLCSS بولغاچقا ئۇسلۇپ ياساش ئاسان ھەم ھەرخىل ئۇسلۇپلارنى ياسىغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز بۇنداق ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ خاس بولغان ئۇسلۇپلىرىمىزنى ياساپ چىقىپ بلوگلىرىمىزنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىنى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلساق تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولاتتى.
تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
paynap2523971.blogbus.com
qq:379111958
QQ:472555008
مەن بلوگباستىن ئۆتكەن يىلى ئىلتىمس قىلىپ بىر بلوگ قۇرغان، لىكىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرالماي كۆپ قىينىلىپ ئاخىرى بىر قىسىم توردىكى دوسلارنىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىمۇ ئاز- تولا ئىگىلىۋالدىم. لىكىن توردىن چۈشۈرگەن بىر ئىككى ئۇسلۇپنى ئىشلەتسەم بەزىبىر يەرلىرى تولۇق ئۇيغۇرچىلاشماپتىكەن يەنىلا قىينىلىپ قالدىم. شۇڭا ئىغىر ئالماي كۆك تۇمان ئۇسلۇبىنى ۋە تۆتىنجى خىل ئۇسلۇپنى ماڭا يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. رەھمەت!
ئىلخەت ئادىرىسىم: kashiaini@126.com
بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا قىينالغان جايلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ، مەن ياردەم قىلىمەن.
ئاندىن خەت نۇسخىسىنى css بۆلىكىدىكى بارلىق font-family لارنىڭ ئالدىغا قوشسىڭىز نورمال كۆرۈنىدىغان بولىدۇ.
سىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇبتىكى رەسىمدە تىمىنىڭ كەينىدىكى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىرناق توغرىكەندۇق ، لىكىن مىنىڭكىدە ھەر ئىككى تىرناق تەتۈر كۆرۈنىۋېلىۋاتىدۇ ، بۇنى قايسى كود ئىچىدىن ئوڭشايمىز !؟
ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ياردەم قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .....
مەن سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويدۇم ، ماڭا 4- خىل ئۇسلۇپ بەك يارىغان ، بىر قانچە قېتىم قاچىلىسام ، خەتلەرنى نۇرمال قىلالمىدىم cssنى قانچە ئۆزگەرتسەممۇ نورمال بولمىدى، ماڭا ياردەم قىلىپ قاچىلاپ بەرسىڭىز .... كۆپ رەھمەت !
/http://omermehmut.bologbus.comپەقەتلا نورمال چىقمايۋاتىدۇ،خەت شەكلىمۇ غەلىتە بەتلەرمۇ باشقىچلا،تارىم بىلوگىدىن ئىمكان،قانات دېگەن ئۇسلۇپلارنى چۈشۈرسەم نورمال بىراق دەل مۇشۇ ئۇسلۇپ نورمال كۆرۈلمىدى.ھازىرقى بىلوگىمغۇ نورمال بىراق ئىنكاس رايۇنىغا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ئىنكاس يازغىلى بولمايۋاتىدۇ،ئارامگاھ بىلوگىدا بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى بار ئىكەنتۇق،شۇ بۇيىنچە قىلاي دەپ خېلە ھەپىلەشكەن بولساممۇ ئۇ كودلارنىڭ ئورنى مېنىڭ بىلوگىمدىكىگە ئوخشىمايدىكەن،بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلغىلى بولارمۇ؟eotيوللىيالمىغانلىقىم سەۋەبىدىن شۇنداق بولامدۇ-يە؟
ئىنكاس يېزىش ئورنىدا خەتنىڭ نورمال يېزىلماسلىقى سىز cssبۆلىكىگە كىرىپ comment Form,rcmtdbyدىگەنلەرگە font-familiy:نى قوشۇڭ شۇنىڭدا نورمال ئۇيغۇچە يازغىلى بولىدۇ.
سىز ئىككى خىل ئادرىستا بلوگ قۇرۇپسىز، ماڭا ھاۋالە قىلغان ئادرستىكى eot ھۆججىتىنى ياسىغان بولسىڭىز كىمنىڭلا ئۇسلۇبىنى ئىشلەتمەڭ ھەممىسىنىڭ نورمال كۆرۈلۈشى كېرەك.
سىز ئېلخەت ساندۇقىغا ئەۋەتكەن ئۇچۇر بويىچە http://omermehmut.blogbus.com/گە كىرەي دىسەم سىز ئىلخەت ساندۇقىنىڭ دەلىللىشىدىن تېخى ئۆتكۈزمەپسىز ئۇ بلوگنى ، شۇڭا كىرەلمىدىم. مۇمكىن بولسا دەسلەپكى دەلىللەش باسقۇچلىرىنى تاماملاپ بولۇپ خەۋەر قىلسىڭىز مەن ئوڭشاپ بېرەي، بولامدۇ؟
ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ ئۇسلۇپنى تۈزۈتۈپ بەرگەن بولسىڭىز،قىزىل ئۇسلۇپ(بىرىنچى ئۇسلۇپ) ماڭا بەكلا ياراپ قالدى.
Http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/14488757.jpg
قوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى . ئىنكاس يازغاندا چاپلىغىلى بولمايدىكەن ، شۇڭلاشقا ئادرېسنى كۆچۈرۈپ چىقتىم ، ھەرقانداق خاتالىق بولسا ماڭا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىز تۇغ رەسىمىمنى يوللاپ بېرىمەن .
ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق غەلبە !
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! دۇنيا قارا بلوگى باشقۇرغۇچىسى :
كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بلوگ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇلانمىلار بلوگى ئۇيغۇرچە بلوگ توپلىمى سىزنىڭ مۇبارەك بلوگىڭىزنى ئۇيغۇرچە بلوگ توپلىمىنىڭ ئون چوڭ بلوگ تۈرىگە كىرگۈزدى ! ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز . بلوگىڭىز كۈنسىېرى راۋاجلانغۇسى . ئۇلانمىلارنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇماڭ . كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
ulanmilar.blogspot.com
ulanmilar@163.com
QQتوپى : 34296971
NiceFont نىڭ يېڭى نۇسخىسىغا بارلىق بلوگېرلاردىن پىكىر ئېلىنىۋاتىدۇ.
پىكىر بېرىش ئورنى
http://baliq.blogspot.com/2009/01/NiceFont-3.0.html
بوغلان
dunyakara
3-رەسىمدىكى تىمساق ئەمەس ، ئەجدىرھاغۇ دەيمەن .