• 2008-12-18

    سىز بۇ بلوگقا ياردەم قىلماقچىمۇ؟ياكى زىيانكەشلىكمۇ؟ - [تۈرى يوق]

    Tag:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/32632260.html

    يۈكسەل بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان"ئۇيغۇرلاردىكى 10چوڭ بلوگ" پائالىيىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، يەنى ئاخىرقى يەتتە كۈندە ھەرقايسى مۇنبەرلەرگە بېلەت تاشلاپ باھالاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ شۇ كۈنىلا بلوگىمنىڭ بېلەت سانى نورمالسىز ئۆرلەپ كەتكەن. بۈگۈن يۈكسەل بلوگىدا ئىككى بلوگقا (بۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ بلوگىممۇ بار ئىكەن) سېرىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىك توغرىسىدا يازما يوللاپ قويۇپتۇ.بۇنداق ئىشنى Dunyakara بلوگى ئۆزىگە نومۇس دەپ بىلىدۇ.

     

     مەن يۈكسەل ئەپەندىم تەمىنلىگەن IPئادرىسىنى سۈرۈشتۈرسەم بايىنغۇلىن ئوبلاستى ئىكەن.

    ئاشۇ  بايىنغۇلىنلىق قېرىنداشقا ئىلتىجا:ئەي قېرىندىشىم! سىز  مەزكۇر Dunyakaraبلوگىنى ياقتۇرغان بولۇپ ئاتالمىش "ياردەم"قىلغان بولۇڭ ۋە ياكى بۇ بلوگقا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇڭ ۋە ياكى بۇ ئەسلىدىنلا سۈزۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتنىڭ سۈيىنى لېيىتماقچى بولۇڭ..(بۇنىڭدىن باشقا مەقسىدىڭىز بولسا ئاللاھ  بىلۇر) پېقىر يەنى مەزكۇر بلوگنىڭ قۇرغۇچىسى سىزنىڭ قايسى خىل كەيپىياتتا بۇنداق ئىشنى قىلغانلىقىڭىزنى بىلىشكە ئاجىزدۇرمەن.

    سىزگە ھەم باشقىلارغا شۇنى دىمەكچىمەنكى:

    سىز مەزكۇر بلوگقا ياردەم قىلماقچى بولسىڭىز مەزكۇر بلوگ سىزنىڭ پەقەتلا بىر دانە بېلىتىڭىزگە مۇھتاجدۇر، ئارتۇقچە بېلەتكە پېقىرنىڭ تاۋى يوق ھەم خوشىمۇ يوق. ھەسەلنى كۆپ يىسە ئەرمەن تېتىيدۇ دىگەن گەپ بار،

    سىز مەزكۇر بلوگقا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولسىڭىز ،بلوگىمدىكى يازمىلار سىزنىڭ ھوقوق-مەنپەتىڭىزگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەن بولسا بلوگنىڭ ئالاقىلىشىش سەھىپىسىدە ئالاقىلىشىش ئادرىسلىرى بار شۇ ئارقىلىق ئالاقىلاشسىڭىز ياكى بولمىسا سىزگە ياقمىغان يازمىنىڭ ئاستىغا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.بىر ئوندان كېتىۋاتقان ئىشنى ئۇماچ قىلىپ ھەممە قېرىنداشلارنىڭ جۈملىدىن پېقىرنىڭ كۆڭلىنى بۇنداق غەش قىلمىسىڭىزمۇ بىز ئۇيغۇرلاردا كېلىشكىلى بولمايدىغان ئىش يوقتى ئەمەسمۇ؟!

    گەرچە سىزنىڭ ئوغۇل-ياكى قىزلىقىڭىزنى ، ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەتتىن ئىكەنلىكىڭىزنى ، نىمە مەقسەتتە بۇنداق قائىدىگە خىلاپ ئىشنى قىلغانلىقىڭىزنى بىلىشكە ئاجىزلىق قىلساممۇ يەنىلا شۇنى دىمەكچىمەنكى سىزنىڭ ئەركەك بولسىڭىز سادىر پالۋاندەك، قىز بولسىڭىز نۇزۇگۇمدەك كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىڭىزنى ،قانداقلا ئىش بولسا ئوچۇق-ئاشكارە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • سىزنىڭ ھەربىر ئىشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. چەەۋەندازلار بلوگى ئەڭ يېڭى تۈس بىلەن بلوگگىرلارنى قارشى ئالغۇسى!
    dunyakara回复چەۋەندازلار说:
    تىلىكىڭىز ئاق بولسۇن.بلوگىڭىز ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇپ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ، سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي!
    2008-12-18 21:15:40
  • مۇشۇنداق ئىشمۇ چىقىپتىمۇ ئەمدى؟
    ھېلىمۇ ئەسلى يازمىدا "يۈكسەل بلوگى" دا IP ئارقىلىق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن، بولمىسا خېلى ئىش چىقاركەن، گەرچە بلوگۇم ئاشۇ داڭدار 24 بلوگنىڭ دائىرىسىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قىلچىمۇ مەيۈسلەنمىدىم، تاللاشقا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن، ھەم شۇنداقلا بلوگ نامزاتىنى تاللاشقا "دۇنيا قارا بلوگى" نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 بلوگقا بىر قېتىملا بېلەت تاشلاپ چىقتىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھەۋىسى كېلىدۇ، زىيارەت ئېقىمى تۈز سىزىق بويىچە ئېشىۋاتىدۇ، ئادەمگە نەپ تەگكۈزىدىغان يازمىلاپ كۆپ، شۇڭا كۈندە بىر يوقلىمىسام ئىچىم پۇشۇپ قالىدۇ.
    مەنمۇ بۇ ئىشتىن خېلى ئەپسۇسلاندىم، ئەمما دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا باسقايسىز، سىزگە ۋە بىزگە مۇۋەپپەقىيەت يار بولسۇن. _ بوغلان
    dunyakara回复بوغلان说:
    بلوگىمغا يوقۇرى باھا بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت بوغلان ئەپەندىم. ئىشىنىمەنكى زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ مەقسىدى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. يۈكسەل ئەپەندىمۇ چوقۇم شاكال بىلەن مېغىزنى توغرا ئايرىپ چىقىپ ئادىل بىر تەرەپ قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
    2008-12-18 21:19:27
  • بىرى سىزگە قەستەن زىيانكەشلىك قىلغاندەك تۇرىدۇ.
    ئوخشاشIPدىن چۈشكەن بىلەتلەرنى بىر بىلەت قىلىپ ھېساپلاپ پائالىيەتنى يەنە نورمال داۋاملاشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    dunyakara回复ئىدىقۇت说:
    مەنمۇ شۇنداق ئۈمىدتە ئىدىقۇت ئەپەندىم. ئىناۋەتسىز بېلەتلەر نەزەرگە ئېلىنمىسىلا باشقىلارنىڭ بىھۇدە ئاۋارىچىلىق سېلىشلىرىمۇ نەتىجىسىز قالىدۇ ئەلۋەتتە.
    2008-12-18 21:21:21
  • ئەسسالام ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ...
    تىنىڭىز سالامەت ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي .
    بۇ ئىشتىن مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بەك غەش بولدى . مەن دەسلەپتە بىلوگىمغا خېلى يامان ئەمەس بېلەت تاشلىنىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن . بىراق ، بىر قىسىم نۇمۇسنى بىلمەيدىغان ، تېگى پەس كىشىلەرنىڭ قىلغان ئىشى بىلوگىمنى نۇمۇسقا قويدۇ . ئاشۇنداق بىتى قېلىن بىر نېمىلەرنىڭ دەستىدىن << بىلوگىمنى نامزاتلىقتىن ئېلىپ تاشلىۋېتىشىنى >> تەلەپ قىلدىم .
    Dunyakara ئەپەندى ، سىزنىڭ بىلوگىڭىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىلوگ ساھەسىدە بىر باشلامچى بىلوگ . مەيلى قايسى شەخىس ، قايسى ئورگاننىڭ نۇمۇسسىز ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ ، زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قەتئينەزەر ، بىلوگىڭىزنىڭ باشلامچىلىق ئورنىدىن چۈشۈپ قالمايدۇ . مېنىڭ ۋە كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ نەزىرىدە << Dunyakara بىلوگى >> يەنىلا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بىلوگ .
    dunyakara回复ئىلىم - پەن说:
    بلوگىمغا يوقۇرى باھا بېرىپسىز كۆپ رەھمەت. مەن بۇنىڭلىق بىلەن ۋاز كەچسەم بولمايدۇ، چۈنكى بىر ئوبدان كېتىۋاتقان بلوگ بىرنەچچە چىشقاق موزاينىڭ كاساپىتىدىن مۇنداقلا پوققا مىلىنىپ قالسا بولمايدۇ.
    2008-12-18 21:23:45