• 2008-12-03

    داڭلىق بلوگنى باھالاش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/32071605.html

    خاتالاشمىسام 10-ئايدىن باشلاپ يۈكسەل بلوگى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن "ئۇيغۇرلاردىكى 10چوڭ بلوگ"ناملىق پائالىيەتنى ئويۇشتۇرۇپ بىرقانچە باسقۇچلار بويىچە ئاخىرقى نەتىجىنى كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىغا خالىسانە قويماقچى. ھازىر نامزات كۆرسىتىش تۈگەپ ئاۋازغا قويۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئارقىدىن يەنە ئۇنۋېرسال باھالاش ئېلىپ بېرىلسا يىل ئاخىرىدا نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ. دىمەك مەن بۇ پائالىيەتكە باشتىن ئاخىر دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ لېكىن پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىش جەريانلىرىغا ھەم-دەمدە بولالماي كەلدىم.

    مۇشۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان "ئۇيغۇرلاردىكى 10چوڭ بلوگ" قا رەسمى "بېلەت تاشلاش" ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. يۈكسەل بلوگىدىكى مەزكۇر پائالىيەتكە قالدۇرۇلغان ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم. شۇنىڭ بىلەن "داڭلىق بلوگ" بولۇشنىڭ زادى قانداق ئۆلچەملىرى بار؟ باھالاش جەريانى قانداق بولىدۇ؟ باھالاش ئۇسۇلى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ دىگەن بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە تورلاردىن ئىزدەپ خېلى "يارمىداپ" باقتىم. ئەمدى تۆۋەندە مۇشۇ توغۇرلۇق ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتەي، باشقا بلوگگىرلادا مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ئورتاق چۈشەنچىنىڭ ھاسىل بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ساھىپخانا بولغان يۈكسەل ئەپەندىنىڭ باھالاش ئېلىپ بېرىش مۈشكۈل ئەمما ئەھمىيەتلىك بولغان بۇ پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، توغرا، ئادىل ئېلىپ بېرىشىغا ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالار دىگەن ئۈمىدتىمەن.

    مەيلى "10چوڭ بلوگ" دەيلى ۋە مەيلى "داڭلىق" بلوگ دەيلى ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا بۇ بلوگلار ئارا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان ،ئۇنۋېرسال كۆرسەتكۈچلەر بويىچە ئاخىرى رەتكە تۇرغۇزىلىدىغان بىر خىل پائالىيەت بولۇپ بۇ پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى نىشانى بارلىق بلوگگىرلارنى توغرا نىشان ھەم توغرا بولغان يۈنۈلۈشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەتتۇر، شۇنداق بولغان ئىكەن بىز ئۇنۋېرسال كۆرسەتكۈچتىن ئىبارەت بۇ بىر ئومومىلىقنى ئەتراپلىق ئويلىشىشىمىز كېرەك، شۇندىلا بلوگلار ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ پائالىيەتنى توغرا، ئادىل ، ھەققانىي ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

     

    "10 چوڭ بلوگ" بولۇشنىڭ ئۇنۋېرسال كۆرسەتكۈچلىرى مېنىڭچە رەسىمدىكى گىرافىدا كۆرسۈتۈلگەندەك مەزمونلارنى ۋە سالماقنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

     

    كۆرسەتكۈچلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى:

    خەلق رايى %40:_ كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زور سالماق يەنىلا بلوگ كۆرگۈچىلىرىدىن ئىبارەت. ئاساسى سالماقنى ئىگەللىشىدىكى سەۋەپ  بلوگنىڭ كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن نەپ يەتكۈزۈشچانلىقى ۋە ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەقلىق ۋە ياكى ھەقسىز مۇلازىمەتتە بولىشىدۇر.

    كۈنلۈك ئوتتۇرىچە زىيارەت مىقدارى%20:_بۇنىڭدا كۈنلۈك ئوتتۇرىچە زىيارەت مىقدارى ئېلىنغاندا چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش بلوگلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق ئادىل مۇئامىلە قىلغىلى بولىدۇ. بۇنى تولا سۆزلىمىسەممۇ ئازراقلا ھىساۋاتتىن خەۋىرى بار ئادەم بىلەلەيدۇ.

    Pagerankقىممىتى %15:_بۇ قىممەتنى بلوگ يېزىۋاتقان كەڭ بلوگگىرلار ھەممىسى بىلىدۇ، بۇ نۆۋەتتىكى ئىنتېرنېتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەيلى توربەت بولسۇن ۋە مەيلى شەخسي بلوگ بولسۇن ھەممىسىگە ئورتاق باھا قويۇلىدىغان بىر خىل بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەمدىن ئىبارەت، بۇنىڭ قىممىتىمۇ نۇرغۇنلىغان مەزمونلارغا بېرىپ چېتىلىدۇ، بۇنى ئېنتىرنېت مەخسۇس توربېتى ئۇنۋېرسال تەكشۈرۈش ئارقىلىق باھالاپ بېكىتىدىغان قىممەتتۇر،شۇڭا بىزمۇ بۇ تۈرنى قوشمىساق بولمايدۇ.

    بلوگ مەزمونى ۋە يازمىغا قالدۇرۇلغان ئىنكاس ئەھۋالى%13:_بلوگ مەزمونى بەكمۇ كەڭ دائىرىدە بولۇپ مەزموننىڭ قايسى دائىرىدە بولىشى توغۇرلۇق ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۆلچەم ۋە ياكى شەرت يوق، سىز قىزىقمىسىڭىز باشقىلار قىزىقىدۇ، سىز بۈگۈن قىزىقمىسىڭىز ئەتە قىزىقىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا بلوگ مەزمونىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بىلگىلى بولىدىغان سۈپەتلەرنىڭ بىرى قالدۇرۇلغان ئىنكاستۇر، بلوگدا قالدۇرۇلغان ئىنكاس ئوموملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا خۇددى بىر سورۇندىكى جامائەت پىكرىگە ئوخشايدۇ، مەيلى قايسى خىل تىلدىكى مۇنبەرلەر بولمىسۇن ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئوخشاش نۇقتىسى بار ئۇ بولسىمۇ ئىنكاس ئەڭ كۆپ قالدۇرۇلغان تېمىلارنى ئاۋات تېما، جەۋھەر تېما، قىززىق تېما دىگەندەك ناملار بىلەن تەرىپلەپ باش بەتنىڭ كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان ئورنىغا قويۇپ قويىدۇ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتىنى سىتاتىسكىلىغاندا %80كۆرۈرمەن ئالدى بىلەن ئاۋات تېمىلارنى كۆرىدىكەن، مۇشۇنىڭدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى ئاۋات يازمىلىرىڭىز قانچىكى كۆپ بولسا قالدۇرۇلغان ئىنكاس شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بلوگىڭىزنىڭ نامىمۇ شۇنچە تېز يامرايدۇ، شۇڭا بلوگدا قالدۇرۇلغان ئىنكاسنىڭ ئاز-كۆپلىكى بىلەن بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارى ۋە نام چىقىرىشى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

    يازما سىجىللىقى ۋە ئىنكاسقا جاۋاپ بېرىش ئەھۋالى%8:_يازما سىجىللىقى ۋە ئىنكاسقا جاۋاپ بېرىش ئەھۋالى پۈتۈنلەي بلوگگىرغا يەنى بلوگ يازغۇچىغا قارىتىلغان كۆرسەتكۈچ بولۇپ، مۇنبەردە ئاۋات تېمىغا نىسبەتەن كۆرۈرمەنلەر ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، بىراق شەخس بلوگدا بولسا كۆرۈرمەنلەر بىلەن بلوگ يازغۇچى پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، بلوگ يېزىشنىڭ يەنە بىر زىددىيەتلىك ھەم قىيىن نۇقتىسى مۇشۇ يەردە. بۇ %8 لىك كۆرسەتكۈچ بلوگنىڭ سىجىللىقىغا ھەم بلوگ يازغۇچىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىغا، كەسپى ئەخلاقىغا بېرىلىدىغان باھا.

    بلوگ يۈزى كۆرۈنىشى %5:_تورلاردىن ئاختۇرۇپ كۆرىشىمچە توربەت ياكى مۇنبەر كۆرگۈچىلىرىنى بىزار قىلىدىغان ئورتاق بولغان بىرنەچچە خىل ئامىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقلىرى: بەت يۈزىدە ۋىروس بولۇش، كېچىكىپ ئېچىلىش ياكى بىر دەملىك قېتىپ قېلىش، بەت يۈزىدە ئېلاننى كۆپ قىستۇرىۋېلىش، تىزىملىك ئىقتىدارلىرى راۋان بولماسلىق، بەت يۈزى قالايمىقان كۆرۈمسىز بولۇش، ئاۋات تېمىلارنى چەككەندە قىستۇرما ئېلان كۆزنىكى چىقىۋېلىش قاتارلىق ئامىللاردىن بىزار ئىكەن.شۇڭا ياخشى بلوگ يۈزىنى بەرپا قىلىشتا بۇ مەسىلىنىمۇ ئويلاشمىساق بولماس ئەلۋەتتە.

    ئوموملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئالدى بىلەن ئاۋازغا قويۇلىدىغان بلوگلار توغرىسىدا بۆلەكلەر بويىچە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش چىقىرىپ ئاندىن ھەرخىل كۆرسەتكۈچلەر بويىچە باھالاش ئۇسۇلى قوللىنىلسا توغىرلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يوقۇرى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.

     ھەرقانداق يېڭىچە بىر ئىشنى تۇنجى قىلغان ۋاقىتتا مۇكەممەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە، شۇڭا باشقا بلوگگىرلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ھەم يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بۇ  تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتىنى ئۆز ئىشىمىز دەپ بىلىپ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • بۇ ئۆلچەم راستىنلا ئەتراپلىق بوپتۇ . كېلەر قېتىمقى باھالاش پائالىيتى ئېلىپ بارغاندا ئۇلانمىلار ۋە بلوگلىرىمىزغا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق قوللىشى ئارقىسىدا يىغىپ توپلىنىۋاتقان بلوگلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىىشى ئۈچۈن تېز ۋە ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ئېلىپ بارساق بولىدۇ . بلوگلىرىمىزدا نۆۋەتتە 139 بلوگ خاتىرلەندى ، ئەگەر بۇ سان كۆپەيسە ئالتۇن بلوگ دەپ ئوننى ، كۈمۈش بلوگ دەپ 5 نى ، مىس بلوگ دەپ 3 نى باھالاپ ، ساننى ۋە تۈرنى كۆپەيىتسەك بولىدۇ .
    ئاندىن يۇقىرىدا تىلغا داڭلىق بلوگ بولۇشنىڭ 6 ئامىلىدا ئەڭ يۇقىرى بولغانلارنى ئايرىم ئېلان قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . مەسىلەن : بلوگ يۈزى كۆرۈلۈشى ئەڭ ياخشى بلوگ سەمەت بلوگى ، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە زىيارەت مىقدارى ئەڭ ياخشى بلوگ مەمەت بلوگى ، خەلق رايى سىناشتا ئەڭ ياخشى بلوگ ئەمەتنىڭ بلوگى دېگەندەك .
    [cusFace:11]
    dunyakara回复ئۇلانمىلار说:
    مەن تورلاردىن نۇرغۇنلىغان پائالىيەت جەريانلىرى ئۆلچەملىرىنى كۆرۈپ يىغىپ چىقىرىپ قويغان ئىدىم، سىز دىگەندەك قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
    2009-01-16 19:56:17
  • ياخشى باھا بېرىش بوپتۇ

    [cusFace:8][cusFace:6][cusFace:11]
    dunyakara回复zulhaj786说:
    رەھمەت.
    2008-12-21 21:46:01
  • بۇ ئۆلچەم راستىنلا سېستىمىلىق بوپتۇ.
    dunyakara回复ئەنقا说:
    بۇ ئۆلچەملەر سىز دىگەندەك ئومومىيلىقنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بىرقەدەر ئەتراپلىق بولدى دىيىشكە بولىدۇ، رەھمەت سىزگە ئەنقا ئەپەندىم.
    2008-12-08 12:55:26
  • يوقارقى باھالاش ئۆلچەملىرى بۇلىدىكەن.
    شەخسەن مەن ئاممىباب،قىسقا ئەسەرلەرنى چىقىرۋاتىمەن.سەۋەبى، كشىلەر مەزمۇنى چوڭقۇر،سەھىپىسى ئۇزۇن ماقالىلارنى ئوقوشقا ھورونلوق قىلىدۇ،پىكىر يۈرگۈزۈشى خالىمايدۇ.بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ نىمىگە بەكىرەك ئىنتىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋالىمىز.ئەلۋەتتە،بىز يوقارقى ئەھۋاللارنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان ئىكەنمىز،ئۇنداق ئاسان بولدى قىلمايمىز.
    dunyakara回复سالدام说:
    سىزنىڭ چىقىرىۋاتقان ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى، بىراق ئادرىسىڭىزنى قالدۇرماپسىز، ئاشكارىلاشقا بولامدۇ؟ مۇمكىن بولسا يېزىپ قويغان بولسىڭىز.
    2008-12-07 11:48:37
  • مەن ئىزچىل بۇ ئىشقا ئانچە ئىتىبار بېرىپ كەلمىدىم، قىسقىسى، ئۇ بلوگ باھالاشقا ئانچە رازى ئەمەسمەن.
    بىرىنچىدىن: قارىسام ساپلا زىيارەت سانىغا بەكرەك ئېتىبار بەرگەندەك قىلىدۇ. مىنىڭچە زىيارەت سانىنى بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن ئۆزگەرتكىلى بۇلىدىغۇ دەيمەن.
    ئىككىنچىدىن: كۆپۈنچە بلوگىرلار ئۆز بلوگىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن(بۇنى مەن بۇ پائالىيەت دەسلەپتە باشلانغاندىلا بىر قاراپ بىلگەن ئەمما مەن دەۋر بلوگىنى قىلچە نامزاتلىققا كۆرسەتمىگەن.) بۇ بىر ئادىللىق ئەمەس.
    ئۈچۈنچىدىن: نامزات كۆرسەتكەندە بەزى بلوگگىرلار ئۆز ئاغىنە بۇرادەرلىرىگە ئۆز بلوگىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە ياردەمگە چاقىرغاندەك قىلىدۇ.
    تۆتىنچىدىن: بلوگلاردا (بۇلۇپمۇ ئاۋۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بلوگلاردا ئاساسەن بىرسەنەمگە ئۇسۇل ئويناش ھاسىسىسى مەۋجۇت. قىسقىسى بلوگلاردا ئۆزگىچىلىك يوق.
    مەسىلەن ئادەتتە بلوگ ھۆنەرلىرىنى ئاساسەن ئارامگاھ، تەكلىماكان ۋە مۇشۇ بلوگ نوقتىلىق چۈشەندۇرگەن بولسىمۇ باشقىلار بلوگ ھۆنەرلىرى سۆزلەنگەن بلوگنىڭ زىيارەت سانىنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ ھەممىسىنى بلوگ چۈشەندۈرۈشكە باشلىغان. بلوگىرلار كىيىلىكنى ئويلاشمىغان، بىز يازساق يازىدىغان نەرسە كۆپ، مەسىلەن بۇنىڭدىن كىيىن ئىختىسادشۇناسلىق، 投资学 دېگەندەك تىمىلار ئىنىقلار كۆپچىلىككە ئەڭ ئېھتىياجلىق بۇلىدۇ.
    بۇ جەھەتتە دەۋر بلوگى كۆپ ئويلىنىپ مۇشۇ سەھىپىلەرنى ئاچقان بولسىمۇ لېكىن ۋاختىنچە تېخى ئادەم كۈچى ۋە ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تازا يىتىشىپ بۇلالمايۋاتىمىز، چۈنكى دەۋر بلوگىنىڭ يازغۇچىلىرى ھەممىسى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا يېقىندا ئىمتىھان باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، شۇڭا بلوگ يېڭىلىنىشى سەل ئاستا بۇلىۋاتىدۇ.
    شۇڭا مەڭ كەڭ بلوگىرلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتە ئىزدىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن كۆپچىلىكنىڭ ماۋۇ يازمىنى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن:( ئادرىسىنى كىرگۈزگىلى بولمايدىكەن، ئەگەر قىزىقسىڭىز دەۋر بلوگىدىكى ئەبجەش خىياللار سەھىپىسىدىكى بىز توردا نىمە ئىشلارنى قىلالايمىز دېگەن يازمىنى كۈرۈپ بېقىشىڭىزلارنى سورايمەن.)
    بىز نۇرغۇن خەنزۇچە تىللاردىكى قىممەتلىك ماتىرىياللارنى تەرجىمە قىلساق تامامەن بۇلىدۇ، چۈنكى دۆلىتىمىز قانۇنىدا خەنزۇچە ماتىرىيالنى ئازسانىلىق مىللەت تىلغا تەرجىمە قىلىشتا ئاپتۇرنىڭ روخسىتىنى ئېلىش ھاجەتسىز دەپ ئىنىق ئۇقتۇرغان.
    قىسقىسى بلوگ ئاشۇ 10 داڭلىق بلوگ قاتارىغا كىرگەن بىلەنمۇ قازاندا بولسا چۆمۈچكە چىقىدىغان گەپ.
    ئەڭ ئاخىرىدا بۇ پائالىيەت بەك بالدۇر بۇلۇپ قالدى، ئۇيغۇرلاردا بلوگ يېزىش ئەمدە باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاچقا نۇرغۇن ياخشى بلوگلار تېخى تۇلۇق كۆزگە كۈرۈنۈپ بۇلالمىدى.
    ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرغۇچى يۈكسەل ئەپەندىنىڭ يۇقىرىدا دۇنيا قارا ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئويلىنىپ بۇ پائالىيەتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشغا تىلەكداشمەن.
    dunyakara回复ئازغۇن说:
    سىز دىگەن ئايرىم مەسىلىلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ، بىراق شۇنىمۇ ئۇنتىماسلىق كېرەككى، بلوگچىلىق ساھەسىگە قويغان قەدىمىمىز تېخى قىسقا، ھەم يېڭى شۇڭا سەۋەنلىكلەرنىڭ بولىشى تەبىئى.
    بلوگ يېزىش ئىنتېرنېتتىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئايرىم بىر ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن ياخشى بولگنىڭ مەيدانغا كېلىشى پۈتۈنلەي بلوگ يازغۇچىنىڭ ساپاسى، ئەخلاقى كامالىتى ،تىرىشچانلىقى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ دەسلەپكى قەدەمدە ياخشى بلوگنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشىشىغا باغلىق بولىدۇ، ھېچكىم سىزگە ياردەم قىلالمايدۇ، بىراق شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ھامان نەپ ئالىدىكەن ئۇنداقتا ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ بلوگىڭىز كەلگۈسىدە چوقۇم بىر ياخشى بلوگ بولۇپ چىقىدۇ.
    يەنىلا ئۈمىدۋار بولايلى!
    ئۈمىد بىلەن ياشايدۇ ئادەم،
    ئۇمىد بىلەن ياشنايدۇ ئالەم.
    دىگەندەكلا......
    يازغان قىممىتلىك ئىنكاسىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2008-12-05 15:11:51
  • ماۋۇ پىكىرلەر خىلى جايىدا بوپتۇ!
    dunyakara回复مىراس说:
    بۇنى مەن نۇرغۇنلىغان خەنزۇچە سۇپىلاردىكى داڭلىق بلوگلارنى باھالاش ئۇسۇللىرىغا قاراپ جەمئىلەپ ،يىغىنچاقلاپ قويغان ئىدىم.
    2008-12-04 12:01:48
  • داڭلىق بلوگ باھالاش پائالىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تۇختىلىپسىز. مەن بۇ يەردە سىزنىڭ پېقىرنىڭ ئازغىنە ئەمگىكىنى نەزەر كۆزىڭىزگە ئىلغانلىقىڭىزغا ۋە شۇ ھەقتە باش قاشلىغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
    تۇنجى قەدەمنى باسماق ئەشۇنداق تەس بولىدىغان ئوخشايدۇ. چۈنكى بۇندىن ئىلگىرى بېسىلغان ئىز يوق، ئىشلىتەي دېسە ئەندىزە يوق ، پۈتۈنلەي ئۆز كاللىسىغا تايىنىدىغان گەپ ئىكەن. شۇڭا، بۇ نۆۋەتلىك داڭلىق بلوگ باھالاش پائالىيىتىدە ئازدۇر - كۆپتۇر نۇقسانلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي. ئەمما، شۇنى چۇقۇم تونۇپ يېتىش كېرەككى، بۇ تېخى بىز ماڭماقچى بولغان يولنىڭ تۇنجى قەدىمى، بۇندىن كېيىن بىزنى تېخىمۇ ئۇزاق مەنزىللەر كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. خۇدا خالىسا سىز كەبىي ئەلۇ قاياشلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن يوللىرىمىز تېخىمۇ ئېچىلغۇسى، راۋانلاشقۇسى !
    سىز بىلەن مېنىڭ تۆۋەندىكى جەھەتلەردە قارىشىمىز ئورتاق ئىكەن دەپ قارىدىم:
    1. ئەل رايى : بۇ قېتىملىق باھالاشتىمۇ ئەلرايى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىندى ۋە ئېلىنماقچى. ئاۋۋال نامزات بلوگلارنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش قېتىم سانىغا قاراپ تاللاپ چىقىلدى. ئاخىرقى نەتىجىمۇ ھەم كۆپچىلىكنىڭ تاشلىغان بېلەت سانىغا قاراپ بېكىتىلمەكچى.
    2. پەيجرەنىك قىممىتىگە قاراش : نامزاتلىققا تاللانغان بلوگلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ بۇ قىممىتىنى تەكشۈرۈپ باقتىم. ئاساسەن ھەممەيلەننىڭ 2 ياكى 1 ئىكەن. ئاز ساندىكىلەرنىڭ قىممىتى 0 ئىكەن. 10 نىڭ ئىچىگە كىرىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرىلارنىڭ بىردەك 2 ئىكەن . شۇڭا، بۇنى ھازىرچە كۆرسەتكۈچ قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بولمىسا كېرەك دەپ قاراپتىمەن.
    3. قالغان 3 تۈردىكى كۆرسەتكۈچلەردىمۇ 10 نىڭ ئىچىگە كىرىش مۇمكىنچىلىكى بار بلوگلار ئارىسىدا كۆپ پەرق يوق ئىكەن دەپ ئويلىدىم. قارىغاندا ئەلىنىڭ كۆزى ئەللىك، ئەلنىڭ تارازىسى ئادىل دېگەن گەپلەر ھەق بولسا كېرەك. [cusFace:2]
    ئاخىرىدا ، سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. كېلەر نۆۋەتلىك پائالىيەتتە سىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇقىرىدا سىز كۆرسەتكەن ئۆلچەملەرنى يەنىمۇ مۇكەممەل قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل بولغان باھالاش پائالىيىتى تەشكىللەش ئارزۇيۇم بار .[cusFace:6]
    dunyakara回复يۈكسەل说:
    مۇكەممەللىك ئۈچۈن تىرىشىش ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇرچى، سىزگىمۇ رەھمەت، يۈكسەل ئەپەندىم، مەزكۇر پائالىيىتىڭىزنىڭ ھەريىلى مۇشۇنداق يۈكسىلىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2008-12-04 12:00:31