• 2008-12-01

    ئۇزبلوگ ۋە WordPressسۇپىسى - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/32011398.html

    يېقىندا ئارامگاھ ئەپەندىنىڭ بلوگىدىن شىنجاڭ ئۇچۇر تور لېنىيىسىنىڭ تۇنجى بولۇپ WordPressسۇپىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدىكى يازمىنى كۆرۈپ  دەرھال كىردىم. ھەم قىزغىنلىق بىلەن ئۆزۈمنىڭ بلوگى نامىدا بىر بلوگنىمۇ ئىلتىماس قىلىپ ئۈلگۈردۈم. ئاندىن كېيىن مەن ئارقا مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرىپ ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. مۇلازىمەت بېتى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولۇپ:

    باش بېتى:

     

     

    يوللانغان يازمىلار ئارقا سەھنىدە بىۋاستە كۆرىنىدىكەن:

    يېڭىدىن ئىلتىماس قىلغان بلوگلارمۇ كۆرىنىدىكەن:

     

     

    ئارقا سۇپىسى:

     

      ئارقا سۇپىسى قوشۇمچە بىراق مۇھىم تارمىقى:

     

     

     

    بلوگ باشقۇرۇش سۇپىسى:

     

     

    بلوگ يېزىش سۇپىسى:

     

     

     بۇ مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ئۆگۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ،

    WordPress سۇپىسى دىگەن نىمە؟ئالدى بىلەن بۇ خىل ئۇقۇم توغرىسىدا ئاددىغىنە چۈشەنچە ھاسىل قىلايلى:WOrdPress سۇپىسى دىگەن PHPتىلى بىلەن يېزىلىدىغان، MySQLنى ساندان (سانلىق ئامبار) قىلىدىغان بىر خىل مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ، ھەقسىز بولۇش ۋە ئېچىۋېتىلگەن بولۇش(linux سېستىمىسىغا ئوخشاش كودى ئېچىۋېتىلگەن) ئۇنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى.بۇ خىل سۇپىدىن بلوگ قۇرغاندا بلوگنىڭ ئۇسلۇبىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى، ئۈنۈم كودلىرىنى قوشقىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە ئۇسلۇپ كودىنى تەھرىرلەش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.

    WordPressسۇپىسىدىكى بلوگ دىگىنىمىز- WordPressسۇپىسى ئارقىلىق بلوگ قۇرۇشنى تەمىنلىگەن ئورۇننىڭ بلوگ مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا دۆلىتىمىزدە ھازىر بۇ خىل سۇپىنى تەمىنلىگە ئورۇنلاردىن: yo272pinesdonews、明日会、wordpress.com.cniyublogweablog قاتارلىقلار بار بولۇپ بۇ ئورۇنلارنىڭ تەمىنلىگەن مۇلازىمىتىگە كىرىپ بلوگ ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەتسىڭىز WordPressنىڭ بارلىق ئىقتىدارىدىن ياكى مەلۇم ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنالايسىز(بەزى مۇلازىمەت شېركەتلىرى بۇ خىل سۇپىنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئېچىۋەتمەيدۇ).

    مەن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇسلۇپ ئۆزگەرتىۋاتقان چېغىمدا توساتتىنلا كىرەلمەي قالدىم، تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقىۋالدى:

     

     

    مەن كۆرگەن خاتالىق ئۇچۇرى:

      بۈگۈن قارىسام ئۇزبلوگ سۇپىسى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپتۇ ، قايسى كۈنى كىرەلمىگەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم، ئەسلىدە مۇنداق ئىش ئىكەن: شەخسەن مېنىڭ كۆزقارىشىم:مېنىڭ blogbusتىكى بلوگىم ئەمدىلەتىن دەلدۈگۈنۈپ دىگۈدەك كېتىپ بارىدۇ، مۇشۇنداقلا يۆتكىۋالسام، ئادرىس، ئۇسلۇپ، يازما سانى.....قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىدۇ، ھەممىنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئارامگاھ ئەپەندىنىڭ دىگىنى توغرا :ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز قوللىمىساق، كىم قوللايدۇ" . مەن ئالدىنقى كۈنى كۆزنەك ئۇلىنىشلىرىدىكى بىر قىسىم تۇغ رەسىملىرى چىقماس بولۇپ قالغاندىن كېيىن، نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھەممىسىگە بىر قۇر كىرىپ تەكشۈرۈپ چىقتىم، ئوڭشاپ قويۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئوڭشاپ قويدۇم، بىراق مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى-بەزى بلوگلار، بەزى مۇنبەرلەر، ۋە بەزى ئۇلىنىش تور بەتلىرى ھەرخىل سەۋەپلەردىن توختاپ كېتىپتۇ.....ئەجەپ تېزلا-ھە؟ مۇشۇلارنى ئويلاپ مەن يەنىلا بىر مەزگىل مۇشۇ بلوگنى ماڭدۇرۇپ تۇرۇش قارارىغا كەلدىم، باشقا قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىمدا قايسىدۇر بىر خىل مۇلازىمەت سۇپىسىنى قوللاش ياكى چەتكە قېقىش دىگەن ئوي قەتئى يوق. 

    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئۇز بلوگ ... دىگەننى ھىچ يەردىن تاپال مىدىم ئېغىر كۇرمەي ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ...تور بەتنىڭ
    dunyakara回复HAN JAMA TI 说:
    ئۇز بلوگ ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالغىلى خېلى بولدى.
    ئەسلى ئادرىسى:
    http://uzblog.cn
    2009-04-09 23:13:26
  • ياخشىمۇ سىز مەن شۇنىڭغا تىزىملاتسام بۇلاتتى ..ھىچ تاپال مايمەنغۇ ....تىزىملاش ئۇرنىنى .....
    dunyakara回复HAN JAMA TI 说:
    بۇ ئۇزبلوگ سۇپىسى تاقىلىپ قالغان ئوخشايدۇ.
    2009-04-09 23:12:33
  • azghun23@yahoo.cn
    مەن ئۇ كودلارنىڭ قەيەرگە قويسام بۇلىدۇ؟
    بولسا تەپسىلىيراق سۆزلەپ بەرسىڭىز.
    سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
    dunyakara回复ئازغۇن说:
    ساندۇقىڭىزغا يوللاپ قويدۇم تاپشۇرۇپ ئالارسىز، نەگە قويىدىغانلىقىڭىزنىمۇ يېزىپ قويدۇم.
    2008-12-13 00:31:54
  • ياخشىمۇ سىز دۇنيا قارا ئەپەندى،
    مەن مۇشۇ بلوگنىڭ كۆچۈرۈشكە قارىشى تۇرۇش كودىنى قانداق قىلغاندا ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ؟
    مەن بۇ جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىپ باققان بولساممۇ لېكىن ئۆزۈم كود ماھىرى بولمىغاچقا ئۇڭۇشلۇق قىلالمىدىم.
    بولسا مۇشۇ جەھەتتە بىر بىلىم بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.
    dunyakara回复ئازغۇن说:
    ياخشىمۇسىز ئازغۇن ئەپەندىم، ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ، بۇ خىل كودنى ئېۋەتىپ بېرەي، بۇ يەرگە يېزىپ قويساممۇ سىز كۆچۈرەلمىگۈدەكسىز.
    2008-12-12 19:50:06
  • مەن ئۆز بلوگ سۇپىسىنى قوللاش يۈزىسىدىن تىزىملاتقان ھەم دەۋر بلوگىدىكى مەزمۇنلارنى يۆتكىمەكچى بولغان، لېكىن بۈگۈنىسى تىزىملىتىپ ئىككى كۈندىن كىيىن قايتا كىرسەم بۇنداق ئەزا يوق دەپ مىنى يەنە قايتا تىزىملاتقىلى سالدى، شۇڭا بىر مەزگىل قاراپ باقاي، ئەگەر مۇقىملانسا ئاندىن يۆتكەي دەپ قۇيۇپ قۇيۇپ تۇردۇم.
    بىز قوللايمىز دېگەن بىلەن بلوگ سۇپىسى مۇقىم بولمىسا، ئادەم يېزىپ بىر مەزگىل بولغاندا بلوگ سۇپىسى تاقىلىپ قالسا ياكى ئادەمنىڭ قىلغىنىنى بىر پۇل قىلسا بىزنىڭ كەتكەن ۋاختىمىزغا ئەلۋەتتە ئىچىمىز ئاغرىمامدۇ.
    شۇڭا بىز قوللايمىز دېگەن ئىكەنمىز ئاۋال بلوگ سۇپىسى مۇقىم، تۇراقلىق بۇلىشى كېرەك.
    dunyakara回复ئازغۇن说:
    بۇ جەھەتتە كۆز قارىشىمىز ئوخشاش ئىكەن ئازغۇن ئەپەندىم.
    2008-12-12 11:19:52