-
2008-12-04
كۆزنەك بلوگلار مەھەللىسى قۇرۇلدى - [لازىملىق تور بەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/32120018.html
مەن دائىم بلوگلارنى ئارىلاپ زىيارەت قىلىشتا ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا كۆزنەك ئۇلىنىشلىرىغا تايىنىپ كەلگەن ئىدىم، بۇنداق بولغاندا ۋاقىت بەك ئىسراپ بولۇپ كېتىدىكەن . چۈنكى بەزى بلوگلارنى ھەپتە-ھەپتىلەپ ئېچىپلا تۇرسىڭىزمۇ يەنىلا شۇ بۇرۇنقى يازما ، بەزى بلوگلارنى كۆرۈپ چىقىپ كەتسەم ئارقامدىنلا يېڭى يازما يوللاپ قويغان ، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى ۋاقىتتا كۆرۈپ بەھرىمەن بولۇشتىن ، ئىنكاسلار ئارقىلىق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن كېچىكىپ قېلىۋاتقان...شۇنداق قىلىپ مەن بۇ مەھەللىنى(ھازىرچە ئورتاق ئاتالغۇ شۇنداق بولغاندىن ) ئۆزۈم كۆرۈپ پايدىلىنىش ئۈچۈن تۈزۈپ قويغان ئىدىم، بىراق ئويلاپ باقسام يەنىلا كۆپچىلىكنىڭمۇ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېچىۋەتكىنىم تۈزۈكتەك قىلىدۇ،چۈنكى بۇ مەھەللىگە قويۇلغان بلوگلار ئاۋامغا تەۋە، ئەسلىدە كۆزنەك ئۇلىنىشلىرىمۇ ئاۋامغا تەۋە ، مەن ئۇنى تۈزىگەن ۋاقتىمدا ئوچۇق قىلىپ باشقا بلوگگىرلارنىڭمۇ ياخشى بولغان مۇنبەرلەر بولامدۇ، ئۇنۋېرسال توربەتلەر بولامدۇ، پايدىلىق دەپ بىلگەن ئادرىسلىرىنى تەۋسىيە قىلسا قوشۇپ قويسام تامامەن بولاتتى، بىراق ھازىرغىچە ھەممە قېرىنداشلىرىم ئۆزلىرىنىڭ بلوگ ئادرىسىنىلا قالدۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم بىرقەدەر ياخشى دەپ بىلگەن باشقا تۈردىكى توربەتلەرنى بۇ بلوگ ئۇلىنىشلىرىنىڭ ئاستىغا تىزىپ قويدۇم، شۇنىڭ بىلەن بىرگىمۇ بلوگ تۇغ رەسىمى بولمىغان بلوگلارنىمۇ ھەرپلىك تىزىپ قويغان ئىدىم، بىراق تۇغ رەسىمىنى ياسىغانلار ياسىدى،ياسىمىغانلار يەنىلا شۇ پېتى تۇرماقتا. بۇنىڭدىكى مەقسەتمۇ ئورتاق پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭا كۆزنەك ئۇلىنىشلىرى بولسۇن ۋە ياكى كۆزنەك مەھەللىسى بولسۇن بىردىن-بىر مەقسىدىم شۇكى ئاۋام بىلەن ئورتاق پايدىلىنىش.(مەن شۇنداق ۋەدە بېرەلەيمەنكى بۇ ئىككى كۆزنەككە ھەرگىز ئېلان قويمايمەن، بۇ ئىككى كۆزنەكنىڭ زىيارەت ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ قوشۇمچە ئىش قىلىش خىيالىممۇ يوق) ئەسلىدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ مەھەللىلىرى بار ئىدى، مەن ئۇ قېرىنداشلىرىم بىلەن "بەسلەشمەكچى" ئەمەسمەن، ھەم بۇ ئىشنىڭمۇ رىقابەتلەشكۈدەك ھېچقانداق ئاساسى مەقسىدى يوق شۇنداقلا بىر ئاددى ئىش دەپ ئويلايمەن.شۇڭا باشقا مەھەللە قۇرغان قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشلىرىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ مەھەللىدىكى بلوگلارنى قوشۇشتا يەنىلا كۆزنەك ئۇلىنىشلىرىدىن پايدىلاندىم.كۆزنەك ئۇلىنىشلىرىدىكى بلوگلارنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ چىقتىم، يازما يوللاش سىجىللىقى مۇقىمراق ئىكەن دەپ قارىغان بلوگلاردىن 42دانە بلوگ چىقتى، ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
بۇ مەھەللىگە قوشۇلغان بلوگلارنىڭ تىزىملىكى يوقۇرقىدەك بولۇپ، كۆزنەك ئۇلىنىشلىرىغا ئىلتىماس قىلمىغان ۋە ياكى ئۇلىنىشتىن ساقىت قىلىنىپ قالغان بلوگلار بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار قوشۇپ قويىمەن، شەرت شۇكى: بلوگىڭىزدىكى يازمىلار سىجىللىققا ئىگە بولىشى لازىم(مەيلى سىز بىر ئايدا بىر پارچە يازما يوللىسىڭىزمۇ ، بىراق نەچچە ئايغىچە بىرەر پارچە يازما يوللىماي تۇرۇپ بلوگىڭىزنى تەۋسىيە قىلماڭ)،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مەزكۇر مەھەللىنىڭ ئاستى تەرىپىگە مەھەللىدىكى يازمىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش توغرىسىدا ئېنىق قىلىپ" كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى بلوگدىن سوراڭ" دەپ ئەسكەرتىش بېرىلدى،مۇبادا مەھەللىگە بلوگىنى قويۇشنى خالىمايدىغانلار بولسا ئوخشاشلا ئىنكاس قالدۇرسا ئەڭ تېز ۋاقىتتا چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر مەھەللە ئاساسلىقى blogbus بلوگلىرىنى ئاساس قىلىپ تىزىلغان، ئەگەر باشقا سۇپىدىكى بلوگلار بولسىمۇ ئىنكاس قالدۇرۇپ بلوگ ئادرىسى بىلەن تەمىنلىسەڭلار قوشۇپ قويۇشقا بولىدۇ.
مەزكۇر مەھەللىنىڭ ئادرىسى:
مەزكۇر مەھەللىنىڭ تۇغ رەسىمى:
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
مەن ئارىسىمنى پەقەت يازالمىدىم دىسىە؟ بۇ قانداق گەپ بوپكەتتى ئەمدى؟
بىلوگلار مەھەللىسىنى ياخشى ئېچىپسىز!مومكىن بولسا ماڭىمۇ مۇشۇ مەھەللىدىن بىر خاس ھوجرا ئاجرىتىپ ،ماڭىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىزڭىز؟
نامى:يوللۇق بىلوگى
ئادىرىسى:http://yolluk.blogbus.com[cusFace:12]
ئاخىرىدا كۆزنەك مەھەللسىى دەۋر بلوگىدا ئۇلىنىش قىلىنغانلىقىنى جاكارلايمەن.[cusFace:11]
دەۋر بلوگى بلوگ ئۇقتۇرۇشىدا ئىنىق ئوتتۇرىغا قويغان، باشقىلارنى خالىغانچە ئۇلىنىش قىلىۋەرمەيدۇ. پەقەت بلوگ ياخشى بولسىلا، باشقىلارغا ئازتۇلا پايدا-مەنپەئەت يەنكۈزسىلار دەۋر بلوگى ئۆزلىكىدىن ئۇلىنىش قىلىدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئۇلىنىش قىلىش قىلماسلىقى بىلەن ھېساپلاشمايدۇ.
شۇڭا مەن كۆزنەك مەھەللىسىڭىز ئۇلىنىش قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە قۇتلۇقلايمەن.[cusFace:8]
ئاخىرىدا دۇنيا قارا ئەپەندىنىڭ بۇ ھىممىتىگە كۆپ رەھمەت.
قوشۇلسىڭىز ئېلخەتكە ياكى مۇشۇ يەرگىلا جاۋاب قايتۇرسىڭىز ، رەھمەت .[cusFace:6]
http://uyghur.u.blogbus.com
مۇشۇنىڭغىلا يىغسا بەلەن بولارمۇ ؟
بلوگگىرلارنىڭ باش سۈرىتى تېما ماۋزۇسىنىڭ باش قىسمىنى توسىۋاپتۇ. مۇشۇنى ئوڭشاپ قويسىڭىز بولغىدەك.
بۇ بىلوگلار مەھەللىسىنى ئېچىۋېتىپ بەكمۇ ياخشى قىلىپسىز . ئاللاز ئىگەم قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي . بولسا مېنىڭ بىلوگىمنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز .
بىلوگ ئىسمى : ئىلىم - پەن بىلوگى
ئادرىسى : http://ilim-pen.blogbus.com