版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/31833954.html
زادى توخو بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ؟ دىگەن بۇ ئەسىرلەردىن بۇيان يېشىلمەي كېلىۋاتقان سىر. يېقىندا ئالىملار 77مىليون يىل بۇرۇنقى بىر كىچىك گۆشخور دىنوزاۋېرنىڭ ئۇۋىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئېچىلماي كېلىۋاتقان سىرغا جاۋاپ تاپتى: يەنى ئالدى بىلەن تۇخۇم پەيدا بولغان دىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق بولغان. كانادادىن كەلگەن ئالىم بۇ قىيىن مەسىلىگە جاۋاپ بەرگەن بولۇپ بۇ جاۋاپنى ئۇ 77مىليون بۇرۇنقى گۆشخور دىنوزاۋېرنىڭ ئۇۋىسىدىن تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن تۇخۇمنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ تاشقا ئايلانغان تۇخۇم ھازىر كانادانىڭ阿尔伯塔省 ئۆلكىسىدىكى خان موزىيخانىسىدا ساقلانماقتا. كانادا卡尔加里 ئۇنۋېرستىتىدا مەخسۇس دىنوزاۋېرنىڭ كۆپىيىشىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىم Darla Zelenitsky مۇنداق دىگەن:ھازىرغىچە توخو بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ دىگەن مەسىلىگە بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى پەلسەپە نۇقتىسىدىن بولسۇن كىشىلەرنى قايىل قىلارلىق جاۋاپ ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى، بىراق بۇ دىنوزاۋېرنىڭ تاشقا ئايلانغان تۇخۇمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن بۇ مەسىلە ئايدىڭلاشتى: دىنوزاۋېر ئالدى بىلەن قۇشلارنىڭكىگە ئوخشاش ئۇۋا ياساشقا تەدرىجى ئۆزگەرگەن. قۇشلارنىڭ تۇخۇمىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۇخۇم تۇغۇشقا باشلىغان، كېيىن تەدرىجى تەرەققى قىلىش نەتىجىسىدە ھازىرقى قۇشلارنىڭ ھالىتىگە ئۆزگەرگەن. شۇڭا تۇخۇم بۇرۇن ، توخو كېيىن پەيدا بولغان دىگەن يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ، چۈنكى توخو مۇشۇنداق قۇش تۇخۇملىرىغا ئوخشاش تۇخۇم تۇغالايدىغان دىنازاۋورلارنىڭ تەدرىجى ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن، يوقارقى يەكۈندىن ئەمدى مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: دىنوزاۋېر بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ؟ بۇ سوئالغا ئىلىم-پەن ساھەسىنى قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك جاۋاپ تېخى چىقمىدى، بۇنىڭغا توغرا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن مۇشۇ خىل قۇشلارغا ئايلانغان دىنوزاۋېرنىڭ ھايۋاناتتىن قۇشقا ئايلىنىش، ئۆزگىرىش جەريانىنى ئىسپاتلايدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشلارغا مۇھتاج.
评论
http://alimjan15.blogbus.com/logs/66871801.html
ھەي بۇ مەسىلىگە ئۇنداق بۇنداق دەپ ئېنىق جاۋاپ بەرگىلى بولمايدىكەن . ئەگەر ، توخۇنى بۇرۇن بارلىققا كەلگەن دېسە ، توخۇ تۇخۇمدىن چىقىدۇ .
ئەگەر تۇخۇمنى بۇرۇن بارلىققا كەلگەن دېسە ، تۇخۇمنى توخۇ تۇغۇدۇ .
ھەي بۇ زادى قانداق ئىش ؟..... [cusFace:9]
يەنىلا ياراتقۇچى ئىگەم ئۇلۇغ .
قېنى ئۇلارغىمۇ بىر قاراپ باقىلى .
( ئامفىئوس بېلىقى ياكى لانىست بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، تا ھازىرغىچە قەدىمكى ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئىپتىدائىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان . ئاتىلىقى بىلەن ئانىلىقى ئايرىم تەندە بولۇپ ، كۆپىيىش ھۈجەيرىسى يېتىلىپ بولغاندىن كېيىن ، تەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ ، سۇدا ئۇرۇقلىنىپ ، يېتىلىدۇ . ئۇرۇقلانغان تۇخۇمى ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېتىلىپ ئەركىن ئۈزەلەيدىغان بېلىجانغا ئايلىنىدۇ . كۆپىيىش سىستېمىسى بىر يىلدىن كېيىن تولۇق يېتىلىدۇ .
دېمەك ، كۆپيىپىش سىستېمىسى بولغاندىلا ئاندىن ، تۇخۇم تۇغالايدۇ . كۆپىيىش ھۈجەيرىسى تەندە يېتىلىدۇ ، ھەر گىزمۇ تۇخۇمدا يېتىلمەيدۇ . شۇڭا ، يەنىلا تۇخۇم كېيىن بارلىققا كەلگەن .
بىزنىڭ ئېيتىپ يۈرگىنىمىز يەنى نۇرغۇن كىشىلەرنى قىززىقتۇرىدىغىنى توخۇم بۇرۇن بارلىققا كەلگەنمۇ ياكى توخومۇ ؟ دىگەن سوئال ئارقىلىق تۇخۇمنى پەقەتلا توخونىڭلا تۇغىدىغانلىقىدىن ئىبارەت لوگىكا خاتالىقى (ياكى ئاددى چۈشەندۈرۈش)ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا كىشىلەر ئاسان قايمۇقۇپ قالىدۇ.