• 2008-10-27

    بلوگدا ماتېريال يوللاش ئۈچۈن تور دېسكىسى بىلەن تونۇشۇش - [blogبىلىملىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/30676145.html

    بلوگباسنىڭ بىزگە ئاجرىتىپ بەرگەن بوشلۇقى بەكمۇ چەكلىك بولغانلىقتىن، نۇرغۇنلىغان بلوگگىرلار باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلىمەكچى بولغان ئۆگۈنۈش ماتېريالى بولسۇن،تەۋسىيە قىلغان يۇمشاق دېتال بولسۇن ۋە ياكى پىرىسلانغان دەرسلىكلەر بولسۇن نەگە قويىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ.تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئازراق توختۇلۇپ ئۆتەي.يوقارقى ماتېرياللارنىڭ سىغىمى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ بلوگ بوشلۇقىغا يوللىساق ھەش-پەش دىگۈچە بوشلۇقنى توشقۇزۇپ قويىمىز، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىر ھەقسىز تور دېسكىسىغا قويۇپ ئاندىن چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن تەمىنلەپ قويساقلا ماتېريال چۈشۈرمەكچى بولغانلار شۇ بىز كۆرسەتكەن بوشلۇقتىكى ئادرىس بويىچە كۆزلىگەن ماتېريالنى خالىغان ۋاقىتتا چۈشۈرەلەيدۇ.مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم نىڭ تور دېسكىسى بولۇپ، بۇ مەخسۇس ھەقسىز تور دېسكىسى تەمىنلەيدىغان تور بەت.مەن بۇ تور دېسكىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى، ئۆتكەندە بۇ تور دېسكىسى ئۆزىنىڭ كاشىلىسى تۈپەيلىدىن ماتېرياللىرىمنى يوقۇتۇپ قويۇپ ماڭا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر قىلىپ ، كەچۈرۈم سوراش يۈزىسىدىن مېنىڭ مەڭگۈ ئىشلىتىشىم ئۈچۈن 5Gبوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ھەمدە بىر يىللىق vipئەزالىقىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىپتۇ، شۇڭا ئامال يوق مۇشۇنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.بلوگگىر دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇندىن باشقىمۇ بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ بىلگەن تور دېسكىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي، سىز خالىغان بىرىنى ئالدى بىلەن تىزىملىتىسىز، ئاندىن ئۇلار بەلگىلىمىسىدىكى مەلۇم بۇشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاندىن كېيىن سىز بلوگىڭىزدىكى تەمىنلىمەكچى بولغان ھۆججەتنى مۇشۇ بوشلۇققا يوللايسىز، ئۇلار بۇ ھۆججەتنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى سىزگە دەپ بېرىدۇ، سىز مۇشۇ ئادرىسنى بلوگىڭىزغا قويۇپ باشقىلارغا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى دەپ بەرسىڭىز باشقىلار چۈشۈرەلەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن مەقسىتىڭىزگە يېتىسىز.ئۇنداق بولسا تور دېسكىلىرىنى تىزىپ باقاي: تېزلىكى بويىچە :

    تور ئادرىسلىرىنى مۇناسىپ رەسىمنى چەكسىڭىزبولىدۇ.

    ماتېريال يوللاش تېزلىكى 600_800بايتقا يېتىدۇ،تىزىملاتقان ھامان100مېگابايتلىق بوشلۇق بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ماتېريالىڭىزنى ئورتاق پايدىلىنىش ئۇسۇلىدا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ دىگەنلىك سىز چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىمىسىڭىزمۇ باشقىلار يوللىغان ماتېريالىڭىزنى كۆرەلىسىلا بىۋاستە چۈشۈرەلەيدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە بوشلۇقنىڭ دەرىجىسىنى يوقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ،نومۇر قويۇش

    تۈزۈمى قوللىنىلغان.چاتاق يېرى تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلسىڭىز ماتېريالىڭىزنى سېستىمىسى بىۋاستە ئۆچۈرۈپ تاشلايدىكەن.

     

    جوڭگو مائارىپ تور دېسكىسى، ماتېريال يوللاش تېزلىكى 400-600كىلوبايتقا يېتىدۇ،FTPنى قوللايدۇ،

    128~910 مېگابايتقىچە تەمىنلەيدۇ ،بىر قېتىملىق يوللىنىدىغان ماتېريالنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە چەك قويمايدۇ.

     

    يوللاش تېزلىكى300-500كىلوبايتقىچە، سىغىمى 500مېگابايت، تاق يوللاش سىغىمغا قويۇلىدىغان چەك 50مېگابايتتىن ئاشۇرماسلىق. بۇنىڭغا تىزىملاش ئۈچۈن تەھقىقلەشتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن سىزگە مۇناسىپ بوشلۇقنى ئېچىپ بېرىدۇ.

    ئۇندىن باشقا بوشلۇقىنىڭ چوڭلىقى بويىچە:

    ھەقسىز بوشلۇقى5G چوڭلۇقتا ،ھەقلىق تىزىملاتسىڭىز 100Gچوڭلۇقتا بوشلۇق بېرىدۇ.

    بۇنىڭدا سىز يوللىغان ماتېريالنى بىۋاستە، ۋاستىلىق ۋە ftpشەكىلدە بوشلۇققا يوللىسىڭىز بولىدۇ، بىراق يوللىغان ماتېريال بوشلۇقتا 7كۈن تۇرىدۇ، 7كۈندىن كېيىن سېستىما ئاپتوماتىك ئۆچۈرىۋېتىدۇ. http://www.gbaopan.com/

    بۇنىڭدا 1G چوڭلۇقتا ھەقسىز بوشلۇق تەمىنلەيدۇ، يوللىغان ماتېريالىڭىز مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

     

    بۇنىڭدا سىز بىۋاستە ھۆججەت يوللىسىڭىز بولىدۇ، بىر قېتىمدا يوللاش چوڭلۇقى 200مېگابايتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ماتېريالنى بۇ بوشلۇققا يوللاشتا ئۆزىنىڭ دېتالىغا تايىنىسىز،بۇدېتالنىڭ ئىسمى 纳米机器人.

    بۇ دېتال ئارقىلىق يوللىسىڭىز يوللاش تېزلىكى بىرقەدەر يوقۇرى.

    بۇنىڭغا تىزىملاتسىڭىز ئەنگە ئالدۇرغان ئېمال ئادرىسى ئارقىلىق ئاندىن بوشلۇقىڭىزنى ئاكتىپلايسىز، ئىككى خىل سىغىم بېرىدۇ، بىرى 32مېگابايت(بۇ مەڭگۈلۈك بوشلۇق) يەنە بىرى 1Gچوڭلۇقتىكى بوشلۇق(بۇنىڭدا 3كۈن ساقلىنىدۇ) بۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان ھەقسىز تور دېسكىلىرى مۇلازىمىتى بار، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا چەكلىمىسى ، تۈزۈمى، شەرتلىرى بار، ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بىرنى تاللاپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.ئەسكەرتىش: ئۆزۈمنىڭ تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا ئالدى بىلەن تاللاشتىكى بىرىنچى شەرت: مۇقىم ،مەڭگۈلۈك ساقلىنىدىغان بولىشى كېرەك، ئىككىنچىدىن، ئېلانلىرى ئاز، ھەم چۈشۈرۈش سۈرئىتى تېز بولىشى كېرەك.

    مانا مۇشۇ ئىككى تۈرلۈك شەرت مېنىڭچە ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايمەن.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    سىزگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈپتىمەن. كەچۈرۈڭ. ھازىر ئېلىۋەتتىم ئۇ تەستىق كودنى سورايدىغان ئىشنى، مۇمكىن بولسا ئەمدى قايتا قاراپ بېقىڭ.[cusFace:0]
    dunyakara回复ئۆتمۈش说:
    مۇنبەر ئەمدى خېلى ياخشى چىقىپتۇ، ئەمدى ۋاقتىم بولسىلا كىرىپ تۇرىمەن.
    2008-11-03 22:47:16
  • دۇنيا قارا ئەپەندىم ، مەن سىزنىڭ قايتۇرغان جاۋابىڭىزنى ۋە بۇ يوللانمىڭىزنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم . رەھمەت سىزگە، مەن قانچە قىلغان بولساممۇ يەنىلا مەخسىتىمگە يېتەلمىدىم . شۇڭىلاشقا قەدم باسقۇچىلارنى يەنىمۇ تولۇقراق قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز .
    dunyakara回复تىل -ئەدەبىيات说:
    مەن ئەمدى ئېلىپبەنى چۈشەندۈرگەندەك قىلىپ يازما يازسام، ئوقۇرمەنلىرىم زېرىكىپ قالىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىلەلمىگەن يېرىڭىز بولسا qqدا چۈشەندۈرۈپ قوياي،
    qq:472555008
    مۇشۇنىڭدا ئالاقىلىشايلى، بولامدۇ؟
    2008-10-29 16:14:25
  • ئىشلىتىپ كۈرۈپ باقاي ~! سىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم ~! ئېلنلىرىڭىزنى دەسسىۋەتتىم[cusFace:11]
    dunyakara回复ئەخلاق说:
    رەھمەت سىزگە.
    2008-10-29 16:14:42
  • ئۇلار ھەقسىز بوشلۇق بولغىنى بىلەن خېلى گېپىدە تۇرۇپتۇ. لېكىن ھازىر ھەقلىق بوشلۇق ساتقانلارمۇ دېگەندەك ئەمەسكەن. تىرىشچانلار تورىغا دەردىمنى تۆكۈپ تېما يېزىپ قويدۇم. كۆرۈپ بېقىڭ.
    dunyakara回复ئۆتمۈش说:
    مۇنبەرگە نەچچە كۈن بولغان تىزىملىتىپ قويغىلى بىراق كىرگىلى بولمايۋاتىدۇ، تەستىق كودى خاتا ياكى ۋاقتى ئۆتكەن دەپ تۇرۇپلىۋالدى، كۆپ قېتىم سىناپ باقتىم ، يا مەن كۆزۈمدىن كېتىپ قالدىممۇ؟ بىلەلمىدىم.....
    2008-10-28 14:47:33