-
2008-10-29
ھاراق ئىچكەننىڭ كاساپىتى - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
ھاراق دىگەن نىجىسنى دىنىمىزدا ئىچىشنى چەكلىگەن، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز يەنىلا ئىچىپ كېلىۋاتىدۇ،نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر ھەم ئىچىپ كېلىۋاتىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئاتىلار ھەم بالىلىرى ئالدىدا دەلدەڭشىگىنىچە ئۆيلىرىگە قايتماقتا، نۇرغۇنلىغان قىزلىرىمىز تېخى چوڭ ئىش قىلغاندەك –"مەن ئاق ئىچمەيمەن، قىزىل ئىچىمەن، 玫瑰香ئىچمەيمەن، 贡酒ئىچىمەن" دەپ نازلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى، ئەسلىنى-ۋەسلىنى ئۇنۇتماقتا.....ھەممىمىزگە ئايان، ھەر يىلى ھېيت-بايرام بولسىلا بىزدە ھاراق ئىچىپ جىدەل چىقىرىدىغان، ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرايدىغانلار كۆپىيىپ قالىدۇ،مەيلى ئۇلۇغ روزا ھېىت، قۇربان ھېيت بولسۇن، ۋە ياكى باشقا مىللەتلەر تەبرىكلەيدىغان چاغان بولسۇن، ئىچىۋېلىپ كوچىلاردا لاغايلاپ يۈرىدىغانلار ، كەچلىك بازارلاردا سوقۇشىدىغانلار يەنىلا بىز، كۈلگۈم كېلىدۇ، چاغان خەقنىڭ بايرىمى، خەقلەر ئۆيلىرىدە جەم بولۇشۇپ شاد-خوراملىق ئىچىدە بايرىمىنى ئۆتكۈزسە بىز كوچىغا چىقىۋېلىپ بولىشىغا ئىچىۋالىمىز، مەست بولىمىز، سوقۇشىمىز، ياكى بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرايمىز.... شۇنىڭ بىلەن پەست بولىمىز.ئەي قېرىنداشلىرىم! يىرگىنىڭلار بۇ نىجىستىن! بۇ ھېچكىمگە ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلگەن ئەمەس.نى-نى مەيدىسىگە ئۇرىدىغان ئىچەرمەن چىناردەك ئەرلەر 40-50 يېشىدىلا جىم-جىملا قازا قىلىپ كېتىپ بارىدۇ.ئويلاپ باقايلى 21-ئەسىر 40-50ياش دىگەن بىزنىڭ جان تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان يېشىمىز ئەمەس(مەن بۇ يەردە كۇفرى سۆز قىلماقچى ئەمەس ، مېنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىم شۇ ئاخشىمى جىق ئىچىۋېلىپ ئەتىسى قوپالمايلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغان ، ياكى ئالدىنقى كۈنى قاتتىق ئىچىپ ئەتىسى يولدا كېتىۋېتىپ جېنى چىقىپلا كېتىدىغان ۋە ياكى ئىچىۋېلىپ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلىدىغانلارنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن)مەن ئۆزۈمنىڭ مىللىتىنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەسمەن ،مەن مىللىتىمنى سۆيىمەن، ھەم پەخىرلىنىمەن، مەن پەقەت ئاز ساندىكى ئۆزىنى ئاسرىمىغان ،كېلەچىكىنى ئويلىمىغان "ئىچەرمەن"لەرنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن.
logs/30558790.html
شۇڭا تۆۋەندىكى رەسىملەر ئارقىلىق مەن شۇ "ئىچەرمەنلەر"نى يىرگەندۈرمەكچى
يىرگىنەيلى قېرىنداشلار! بۇ نىجىستىن يىرگىنەيلى!!!
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
<< بلوگدا ماتېريال يوللاش ئۈچۈن تور دېسكىسى بىلەن تونۇشۇش | باش بەت | ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن دۇنيا ئىككىنچى قىسىم >>
评论