• 2008-10-26

    50خىل زەھەرلىك يىمەكلىكنى كۆرۈپ قويۇڭ - [تەرمىلەر]

    Tag:图片 真谛

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/30587958.html

    "ئۈچ بۇغا" ماركىلىق سۈت پاراشوكىدىن چاتاق چىقىپ نۇرغۇن بوۋاقلار زەھەرلەنگەن شۇنىڭدىن كېيىنلا يەنە تۆۋەندىكىدەك زەھەرلىك يىمەكلىكلەر توردا كۆرۈلۈشكە باشلىدى، بىز ئاللىبۇرۇنلا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ئىدى،سېغىز چاينىماڭ ئۇستىخان يىلىمى ئىشلىتىدىكەن، قىزىل دۇفۇ يىمەڭ ئورىيا چېچىپ سېسىق پۇرىقىنى كۈچەيتىدىكەن.....دەپ يۈردۇق، ئەمىلىيەتتە بىز قاتتىق دىققەت قىلىدىغان ھەم ئۆزىمىزنى پەرھىز تۇتىدىغان خېلى نۇرغۇن يىمەكلىكلەر بار،  ئۇلارنىڭ سىرتىغا قاراپلا "پاكىزە" ئىكەن دەپ كەتسەك بولمايدۇ، ياكى سىپتا ئورالغانلىقىغا قاراپلا "چوڭ زاۋۇتتا ئىشلەپتۇ" دەپ چۈشەنسەكمۇ بولمايدۇ، يىغىنچاقلاپ كەلگەندە ھازىر "مۇسۇلمانچە" دىگەن خەتكىمۇ ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. گەپنىڭ قىسقىسى ھەرقايسى قېرىنداشلارنىڭ ئالدىغا يەيدىغان نەرسە كەلسە ئۆزىگە ھېزى بولىشىنى ،نەپسىنى ھەم ئېغىزىنى ھىمراق تۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.تۆۋەندىكى رەسىملەرنى كۆرسىڭىز مېنىڭ بۇ يەردە "قۇرۇق"پاراڭ سالغىنىمدىن بەكرەك ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن: 

     

    ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمگە تەپسىلى قاراپ بېقىڭ قوينى كىم ئۆلتۈرىۋاتىدۇ؟ قانداق ئۆلتۈرىۋاتىدۇ؟ھالالنى ھارام قىلدى دىگەن شۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. يولدۇشۇمنىڭ خىزمىتى ئىچكىرىدە بولغاچقا، مەنمۇ قىزىم بىلەن مۇشۇيەردە تۇرىمەن. قىزىمغۇ ئاللا خالىسا بەش ئايلىق بولۇپ قالدى. لېكىن بۇيەردە ساپ كالىنىڭ سۈتى بولمىغاندىن كېيىن ھېلىقى ئىلى سۈت بارغۇ ئۈستىگە مۇسۇلمانچە دەپ يېزىقلىق شۇنى بېرىمەن. بۇلماقنىمۇ ئۆيدە ئۆزەم ياساپ بېرىمەن. بازانىڭكىنى ئىشلەتمىگەن. لېكىنزە مۇشۇ سۈت بىلەن ھەسەلدىن ئەنسىرەيمەن. ھەسەلنىمۇ يۇرتتىن سالدۇراي دېسەم، پوچتىدىن سالغۇزغىلى قويمايدىكەن. يولدۇشۇمغۇ قىممەت بولسىمۇ ياخشىراقنى ئېپ بېرىدۇ لېكىن ھەي بۇيۇرتلاردا ........ تەس جۇمۇ ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. جىق نەرسىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرىۋاتىسىز رەھمەت.
    dunyakara回复رۇمەيسا说:
    مۇشۇنداق ياخشى ساپ نىيەتتە نەرسە سېتىۋالسىڭىز ئىشىنىمەنكى چوقۇم دىققەت قىلىسىز. سىزگىمۇ قايىل بولدۇم. تونۇش-بىلىشلەر بولسا سۈت بىلەن ھەسەلنى پويىزدا ئېۋەتىپ بېرەيلى.....
    2009-02-13 21:48:00
  • بۇلارنى كۆرۈپ نىمىنى يىيىش ياكى يىمەسلىكنى بىلەلمايلا قالدىمغۇ؟كىلەر يىلى چوقۇم ئازراق يەرنى ئىجارە ئېلىپ بولسىمۇ تېرىقچىلىق قىلسام بولامدۇ نىمە[cusFace:1]
    رەھمەت دۇنياقارا ئەپەندى.بىلوگىزدىن نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرگە ئىگە بولدۇم.
    dunyakara回复زوخرا说:
    ھا ھا ھا مەنمۇ دەسلەپتە كۆرۈپلا سىزگە ئوخشاش ھېسياتقا كېلىپ قالغان ئىدىم، زۆھرە قىز. بىراق بۇندىن كېيىن شۇ ھەسسىلەپ دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ،
    2008-10-28 14:44:01