-
2008-10-09
يېڭى ئۇسلۇپ-كۆك دېڭىز ئىشلەندى - [ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/30063029.html
blogbus مۇلازىمىتىنىڭ بىردىن-بىر ئارتۇقچىلىقى ئۇسلۇپ قۇرۇلمىسىنى ئېچىۋەتكەنلىكىدە بولسا كېرەك.
بىراق ئۇسلۇپ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن چوڭ دائىرىدە ھەركەتچانلىققا ، ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە بولسىمۇ بىراق يەنىلا بىر قىسىم ئاجىزلىقلار ھېلىھەم مەۋجۇت.
مەسىلەن ئالايلۇق: بلوگباس ئۇسلۇپلىرىنىڭ تور زىيارەتچىلىرىنى قوللاش ئىقتىدارى ئىنتايىن نازۇك( ئەلۋەتتە ناچار دىيىشكىمۇ بولىدۇ) تۈزۈلگەن ئۇسلۇپنى ھەممە تور زىيارەتچىلىرىگە ماسلاشتۇرىمەن دىسىڭىز ئۇسلۇپنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ئىچىدە توقۇنۇش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ،
بلوگباسنىڭ يەنە بىر كەمچىلىكى توپ مەھەللە ئىقتىدارى بولۇپ توپقا ئەزا بلوگلارنىڭ يېڭى يازمىلىرى ۋاقتىدا كۆرۈلمەسلىك، كېچىكىپ كۆرۈلۈش، ۋاقىت بەلگۈلەپ يوللانغان تېمىلارنى ۋاقتىدا كۆرسىتەلمەسلىك قاتارلىق ئاجىزلىقلىرى بار. توپ مەھەللە جەھەتتە شەخسى بلوگلارنىڭ ئىچىدە sina, qq, windows live قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى دىيىشكە بولىدۇ.
ھەرقانداق شەيئىنىڭ ياخشى تەرىپى ھەم يامان تەرىپى ئوخشاشلا مەۋجۇت بولغىنىدەك، بۇنداق كەمچىلىكلەردىن كەم-كۈتىسىز ساقلىنىش تەس ئەلۋەتتە.
ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك: مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە بىر ئۇسلۇپ قۇرغان ئىدىم. يازما يۈزى كەڭ، كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان، xpكۆرۈنۈشى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ بۇ ئۇسلۇپقا كۆك دېڭىز دەپ ئىسىم قويدۇم تۆۋەندىكىسى بۇ ئۇسلۇپنىڭ رەسىملىرى .
قىزىقىدىغانلار بولسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
يېڭىدىن 3 خىل ئۇسلۇپ تارقىتىلدى
Blog:Dunyakara2009-04-16 23:51:49يېڭىدىن 3 خىل ئۇسلۇپ تارقىتىلدى
Blog:dunyakara622009-04-16 23:49:19ئىككى خىل ئۇسلۇپ ئېچىۋېتىلدى،چۈشۈرىۋېلىڭ
Blog:Dunyakara2008-11-04 00:38:00
评论
arknur@163.com
دېڭىز چايكىسى بىلەن سۇ تامچىسى قوشاي دېۋىدىم ، بىردەمدە ئوڭ - تەتۈر بولۇپ كەتتى .سىزنى قانداق باشقۇرغۇچى قىلىمەن ؟
مانا تەكلىۋاڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۈگۈن ئاخشام ئوڭشاپ بېرەي سىزگە.
بلوگىڭىزنى كۆردۈم، بۇ ئۇسلۇپ بىلەن قوشۇلۇپ ئۇچىۋاتقان كەپتەرلىرىڭىز تېخىمۇ يارىشىپتۇ، مەزكۇر ئىنكاسنى بلوگىڭىزدا قالدۇرسام يوللانمىدى.
ئۇسلۇپنى قاچىلاش جەريانىدا ياكى ئۈنۈم قوشۇش جەريانىدا ئازراق بۇزۇۋاپسىز، بولسا مېنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلسىڭىز مەن تەل-تۆكۈس ئوڭشاپ بېرەي بولامدۇ؟
بۇ قېتىم ماۋۇ ئادرىسقا يوللاپ بەرسىڭىز ، سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ...dilnaz103@126.com
كۆك دېڭىزدىكى خاتالىق بەك ئېغىر بولمىسا ، مۇشۇنى ئىشلىتەي . رەھمەت !
بۇ ئۇسلۇپتا خاتالىق ئېغىر ئەمەس، خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ۋاقتىم يەتكەندە سىزگە تېخىمۇ سىپتا قىلىپ بېرەي بولامدۇ؟
مەن مۇشۇ كۆك دېڭىزنى بەك ياقتۇرغانتىم ، قاچانلاردا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ، رەسمىي تارقاتقىلى بولار ؟
بۇ ئۇسلۇپنى ھازىرمۇ نورمال قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز، مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ھەرخىل توركۆرگۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئازراق پەرق بار، بۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار بار، مەن شۇلار قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاندىن سەزگەن ئىدىم، مەن مۇشۇ جەھەتتىكى مەسىلىنى دىمەكچى،
2. كۆك دېڭىز ئۇسلۇبى ( dilnaz103@163.com)
مۇشۇ كۆك دېڭىز ئۇسلۇبى مېنىڭ بلوگ نامىمغا بىر قەدەر يېقىنكەن ، شۇڭا ئېغىر كۆرمەي ماڭا مۇشۇ ئۇسلۇبنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز . سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولاتتىم ...[cusFace:1]
بلوگنى يېڭى قۇرۇشىڭىزغا قارىماي ئۇسلۇپ تەمىنلەش كېلىشىمىنى ياخشى ئوقۇپ چۇشەنگەنلىكىڭىزدىن ۋە ئەمەل قىلغانلىقىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.
سىز دىگەن ئۇسلۇپنى ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا يوللاپ قويدۇم، مەزكۇر ئۇسلۇپتا ئازراق مەسىلىلەر ساقلانماقتا، سىز بلوگىمدىكى "ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش" سەھىپىسىگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ئۇسلۇپلارنى ئىشلەپ تارقاتقان ئىدىم، شۇلارنىڭ ئىچىدە چوقۇم سىزگە بىرى ياراپ قالىدۇ، بولسا شۇ ئۇسلۇپلاردىن بىرنى تاللىسىڭىز يوللاپ بېرەي بولامدۇ؟
كۆك دېڭىز ئۇسلۇبىغا قىزىقىپ قالدىم. مومكىن بولسا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى بەرسىڭىز ئىشلىتىپ باقاي دېگەنتىم.
ئېلخەت ئادرىسىمغا ئەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
vww.fani99@163.com
http://www.blogbus.com/dunyakara-logs/30962273.html
دىگەن تېمىدا چۈشۈرۈش ئادرىسى بېرىلگەن، ئۆزىڭىزچۈشۈرۈپ كۆرۈڭ، قانداق ؟ قايسىسىغا تۇرىسىز؟
توردۇنياسىدىكى ئۆزەمگە پايدىلىق ماتىرياللارنى يىغىپ ساقلايدىغانغا بىر ئىشەنچىلىك بىلوگ لازىمتى .خەنزۇچىنى ياخشى بىلمەيمەن ،ئۇيغۇرچە ئىقتىدارى ياخشى بىلوگلار بولسا تونۇش تۇر غان بولسىڭىز .
يېقىندا 78.la بىلوگىنى تىزىملىتىپ ،ئىقتىدارلىرى بىلەن ئەمدى تونۇشسام .نەچچە كۇن بولدى ،تور بەت ئېچىلمىدى .ئىشلىتىشتىن توختىغان ئوخشايدۇ .
ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىڭىز نى ئۈمۇت قىلىمەن .
توربەت ئادرىسى:
http://uzblog.cn
مۇشۇ تورغا كىرىپ بىر ئۇيغۇرچە بلوگ ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتىپ بېقىڭ، بۇ يېڭى چىققان، شۇڭا چوقۇم ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.
بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئازراق چاتىقى بار ئىدى شۇڭا ئېچىۋەتمىگەن، شۇنى ئوڭشاپ بولۇپلا يوللاپ قويىمەن، لازىم بولسا شۇ چاغدا چۈشۈرىۋالارسىز.
قوشۇمچە ئىستوننى ئوڭغا توغۇرلاش كودى.
بۇنىڭغا قوشۇپ يەنە ئاساسى ئىستوننىمۇ سولغا توغۇرلاش ئېلىپ بارىسىز:
#content {float:left; }