• 2008-08-14

    گۆھەر ئارال- تەيۋەن - [تەرمىلەر]

    Tag:图片

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/27699413.html

    گۆھەر ئارال- تەيۋەن جوڭگو قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقى جەنوبى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان بولۇپ. ئارالنىڭ ئەڭ ئۇزۇن

    تەرىپىنىڭ ئومومى ئۇزۇنلىقى 180كىلومېتىر. كەڭلىكى 137كىلومېتىر. ئومومى كۆلىمى36مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر. پۈتۈن ئۆلكىدە 7 شەھەر 16 ناھىيە تەسىس قىلىنغان. تەيۋەننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورىسى 22 سېلىتسىيە گىرادوس بولۇپ يىللىق ھۆل يېقىن مىقدارى 2000مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. يامغۇر مەنبەسى مول بولغانلىقتىن بۇ ئارالدىن دېڭىزغا قويۇلىدىغان دەريا –ئېقىنلار 608 گە يېتىدۇ. تەيۋەننىڭ تېرىقچىلىق مەيدانى ئومومى كۆلەمنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسلىق ئىقتىسادى زىرائەتتىن گۈرۈچ، شىكەر قومۇچى ۋە چاي قاتارلىقلار بار. تېرىلىدىغان كۆكتات تۈرىلا 90 خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇندىن باشقا تەيۋەن مېۋە-چىۋە دۆلىتى دىگەن نامى بار بولۇپ مىۋىلىرىنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ.ئۇندىن باشقا تەيۋەننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن يوقۇرى. ياغاچ ماتېرياللىرى زاپاس مىقدارى326مىليون كۇپ مېتىر. دەرەخلىرىنىڭ تۈرى 4000خىلغا يېتىدۇ.تەيۋەننىڭ ئومومى ئايلانما ئۇزۇنلىقى 1600كىلومېتىر. تېنچ ئوكياندىكى ئاساسلىق قاتناش تۈگىنى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.تەيۋەننىڭ ئومومى نوپۇسى 1998-يىلدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا 21مىليون810مىڭ دىيىلگەن.

    ئەمدى بۇ گۆھەر ئارالنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈپ باقايلى:


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن