• 2008-07-26

    توۋۋا!ئۆمۈرنى بەرسە ئەر-خوتۇنلار مۇشۇنداق ئۆتسە-ھە؟ - [كىشىلىك ھايات]

    Tag:真谛

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/25570785.html

     

    (بۇ تېمىدىكى تىلغا ئېلىنغان بىر جۈپلەرنىڭ رەسىمى)

    ئامرىكا ئوكلاخوما شىتاتىدىكى101ياشلىق لوي. ئادامىس ۋە 101 ياشلىق ئايالى بىسا ئۆتكەن يىلى 81 يىللىق توي خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ "ئەڭ ئۇزۇن نىكاھ ۋاقتى " جىنىس رىكورتىنى ياراتقان، ھەمدە دۇنيادىكى توي قىلىپ ئەڭ ئۇراق ئۆي تۇتۇشقان ئەر_خوتۇنلار بولۇپ قالغان.

    لوي.ئادامىس بىر ساتراچ، ئايالى بولسا ئائىلە ئايالى. ئۇلار دەسلەپتە يەنى 1927-يىلى ئايالىنىڭ بىر تۇققىنىنىڭ تويىدا تونۇشقان ھەم بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان.بىر نەچچە ئاي مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن شۇ يىلى يەنى 1927-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ توي قىلغان.توي قىلغان 80 يىلدىن بۇيان ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 200 نەچچە يېتىم-يىسىر بالىلارنى بېقىۋالغان. ھەم ئۆزلىرى 5 پەرزەنتلىك بولغان. ھازىر بۇ 5 پەرزەنت ئۇلارغا 16 نەۋرە ۋە 22 ئەۋرە 27 چەۋرە تېپىپ بەرگەن بولۇپ بۇ ئەۋلادلارنىڭ ھەممىسى بىر شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

    ئادامىس ئەر-خوتۇننىڭ دىيىشىچە، بۇنداق ئۇزۇن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ مەخپىيەتلىكى بولسا:-سوغاققان بولۇش ۋە ياخشى كەيپىياتنى ساقلاشتا ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن شۇ شەھەردىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرىۋاتماقتا. شۇ ساناتورىيەدە ئىشلەيدىغان بىر سېستىرا مۇنداق دىگەن:-"بۇنداق بىر-بىرىگە كۆيۈنىدىغان ئەر-خوتۇنلار ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇلار دائىم بىللە يۈرىدۇ،بىردەممۇ ئايرىلمايدۇ. يېقىندا ئايالى كېسەل بولۇپ 10نەچچە كۈن يېتىپ قالغاندا يولدىشى كارۋاتنىڭ قېشىدا ئۇدا 10 نەچچە كۈن ھەمراھ بولدى، قېشىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمدى، خۇددى ئۇلار قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەكلا"دىگەن.

     تەسىرات:: بىزنىڭمۇ تېنچ ئۆمرىمىزنى بەرسە بىزمۇ مۇشۇنداق ھالال نىكاھلىنىپ ئالغان ئەر-ئاياللىرىمىز بىلەن مۇشۇنداق ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە ئۆتەلىسەك نىمەدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟ ئەگەر ھەممىمىز مۇشۇنداق قىلالىغان بولساق ئەتراپىمىزدىكى بوينىنى قىسىپ قېلىۋاتقان "تىرىك" يېتىم بالىلار بولمىغان بولاتتى...........بالىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى، بالىلىرىمىز ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىللىق باغرىدا شاد-خورام ئۆسۈپ –يېتىلىپ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەنگەن بولاتتى، ھېچ بولمىغاندا ئىللىق ،بىر-بىرىگە مېھرىبان ئائىلىلەر قانچىكى كۆپ بولسا جەمئىيىتىمىزدىكى كۆڭۈلسىز ئىشلار شۇنچىكى ئاز بولاتتى..........


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • بۇلار ھەقىقىەتەن خۇدا قوشقان بىر جۈپلەركەن. ئاللا ئىگەم ئۇلارنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن .
  • بۇنداق تەڭ ياشاپ،تەڭ قېرىش پىشانىڭىز گە پۈتۈلگەن بولسا شۇنداق قىلالايسىز...........
    dunyakara回复چۇش说:
    دىگىنىڭىزمىغۇ توغرا........
    2008-07-29 10:32:24
  • نىمە دىگەن تەسىرلىك.
    dunyakara回复زوخرا说:
    شۇنداق،تەسىرلىك ئىكەن.
    2008-07-29 10:13:59
  • ياخشى يوللاپسىز،بۇنداق بولىش تەس جۇمۇ......مەن تەسىراتىڭىزگا قوشىلىمەن.
    dunyakara回复چۇش说:
    يېقىندىن بۇيان بىلوگىمنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتىسىز چۈش خېنىم، ئالدى بىلەن سىزگە كۆپ تەشەككۈر!
    ئەمدى ئىنكاسىڭىزغا كەلسەك، ئۇنى تەس، بۇنى قىيىن دىسەك، بۇ دۇنيادا ياشىمىساقلا بولىدۇ،بۇ گەپنى سىزگىلا دىگىنىم ئەمەس خاپا بولۇپ قالمىغايسىز،ھەممىمىزدە مۇشۇنداق ياخشى نىيەت-ئىقبال ۋە ئىرادە بولىشىنى تىلەيمەن.
    2008-07-26 10:02:37