• 2008-07-27

    ھەركەتچان رەسىم چىقىرىش ۋە بىر قانچە ھەقسىز توربەتلەر - [لازىملىق تور بەتلەر]

    Tag:网址 图片

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/25659654.html

    تۆۋەندىكى توربەت سىزگە ھەقسىز ھەركەتچان رەسىم ئىشلەپ بېرىدۇ

    مەشغۇلاتى ئاددى بولۇپ چىقىرىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

    ئۆزىڭىزنىڭ كومپىيوتېرىدىكى ياكى خالىغان توربەتلەردىكى رەسىملەرنى يىغىپ ھەركەتچان رەسىم يەنى gifھالىتىدىكى رەسىم چىقىرىش ئۈچۈن توربەتكە كىرىپ قارىسىڭىز ئۈستىدە ئىككى كۆزنەك بار، ئەگەر تور ئادرىسى بار رەسىم بولسا سول  تەرەپتىكى كۆزنەككە، كومپىيوتېرىڭىزدا ساقلاقلىق رەسىم بولسا ئوڭ تەرەپتىكى زىيارەت دىگەن كۈنۇپكىنى بېسىپ رەسىمنى تاللاپ كىرگۈزىسىز، ئاندىن سول تەرەپتىكى قىزىلuploadدگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ ئۇنى جەزىملەشتۈرىسىز،

    نەچچە پارچە رەسىم بولسا يوقارقى مەشغۇلات بويىچە تەكرار ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.

    كېيىنكى قەدەمدە ھەربىر چىققان رەسىمنىڭ ئۈستىدىكى msدىگەن رامكا ئىچىگە كۆرسىتىلىش ۋاقتىنى كىرگۈزىسىز مەن 150نى كىرگۈزدۈم، ھەممىنىڭ ئاستىدا يەنە بىر نەچچە تۈر بار ئۇلار سىز كىرگۈزگەن رەسىملەرنى بەلگىلىك چوڭلۇقتا چىقىرىش،ئۆز ئەسلى بويىچە چىقىرش ۋە ئوخشاش رامكا ئىچىدە ئۆز ئەسلى بويىچە چىقىرىش دىگەندەك مەزمونلار سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر تۈرنى تاللاپ ئاندىن ئەڭ ئاستىدىكى generate gifدىگەن قىزىل كۇنۇپكىنى چېكىسىز،شۇنىڭ بىلەن بەتنىڭ بېشىدا سىز تەمىنلىگەن رەسىملەردىن تۈزۈلگەن ھەركەتچان رەسىمنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،ئۇنىڭ ئاستىدا downloadدىگەن كۈنۈپكىنى بېسىپ بۇ ھەركەتچان رەسىمنى چۈشىرىۋالىسىز.ئىش تامام.

    چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن ھەركەتچان رەسىمنىڭ ئۈنۈمىگە قاراپ ئۆزىڭىز ۋاقتىنى رەسىم تەرتىپلىرىنى قايتىدىن ئالماشتۇرۇپ generate gifكۇنۇپكىسىنى قايتىدىن بېسىش ئارقىلىق ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.

    مېنىڭ چىقارغان رەسىمەم:

    بۇ توربەت:http://gifmake.com/

    بۇ توربەتنىڭ ياردەم كۆرۈش بېتى:http://gifmake.com/demo.php

    ئۇندىن باشقا يەنە رەسىمگە سايە ئۈنىمىنى چىقىرىش تور بېتى:

    توربەت ئادرىسى:http://picshadow.com/

    رەسىمگە سۇغا چۈشكەن شولىدەك ئۈنۈم چىقىرش تور بېتى خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمدەك

    ئەسلى رەسىم

    ئۈنۈم قوشۇلغاندىن كېيىنكى رەسىم

    توربېتى:http://picreflect.com/

    ئۇندىن باشقا يەنە رەسىم يۈزىگە خەت يېزىش تور بېتى:http://www.gaitu.com/


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن