• 2008-07-25

    گېرمانىيەلىكلەرنىڭ جوڭگولۇقلارغا بولغان بىرتەرەپلىمىلىك قارىشى - [تەرمىلەر]

    Tag:转载

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/25501113.html

    2008-يىلى7-ئاينىڭ 24-كۈنى "گېرمانىيە ساداسى" دا چىقىرىلغان "جوڭگولۇقلارنىڭ بىرتەرەپلىمىلىكى" دىگەن ماقالىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ماقالىدە گېرمانىيەلىكلەرنىڭ جوڭگولۇقلارغا بولغان 7 جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمىلىكى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، غەرپلىكلەرنىڭ نەزىرىدە جوڭگولۇقلار ئەدەپلىك، خەنزۇ تىلىنى ئۆگۈنۈش ناھايىتى تەس دىگەندەك قاراشتا بولىدۇ. بىراق گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسى بۇ نۇقتىلار ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، جوڭگولۇقلار ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەدەپلىك ئەمەس، خەنزۇ تىلىمۇ ئىنتايىن ئاددى دەپ قارىغان.

    ماقالىنىڭ ئەسلى مەزمونى تۆۋەندىكىچە:

    بارلىق جوڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى مىفەن (گۆرۈچ تامىقى) يىيىشكە ئامراق، R ھەرپىنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالمايدۇ، ھەممىسىنىڭ چىراي شەكلى ئوخشاشلا ئادەتتىكىچە. بىر مىليارد ئۈچيۈز مىليون جوڭگولۇقلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە كۆر قاراشنى تىزىملىككە تىزىدىغان بولساق تىزىملىك بەكمۇ ئۇزۇن بولۇپ كېتەتتى. غەرپ ئەللىرىدە بويى پاكار، چاققان كەلگەن جوڭگولۇقلارنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئادەتتىكى ياۋروپالىقلار جوڭگونى قانچىلىك بىلىدۇ؟ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ جوڭگوچە تاماقخانىلارغا بېرىپ غەرپلىشىپ بولغان جوڭگوچە تاماقلارنى بىر ۋاقلىق يەپ قويىدۇ شۇ خالاس، جوڭگولۇقلارنىڭ قوشۇق-ۋېلكا ئىشلەتمەسلىكىدىن باشقا يەنە قانچىلىك نەرسىلەرنى بىلمەكچىتتى؟ گېرمانىيە ئاگنىتلىقى ماقالىسىدە تۈزىتىش مەقسىتىدە بولسىمۇ لېكىن جوڭگولۇقلارغا بولغان بىرتەرەپلىمە كۆز قارىشىنى ئاشكارلاپ قويدى:

    بىرىنچى بىرتەرەپلىمىلىك: جوڭگولۇقلار ئىنتايىن ئەدەپلىك، سىلىق ئاۋازدا گەپ قىلىدۇ، دائىم كۈلۈمسىرەپ يۈرىدۇ.

    تېلى ئۇنۋېرستىتى(特里尔大学)نى پىروفىسسورى Prof. Karl-Heinz Pohl مۇنداق دەيدۇ:-"كىشىلەر بىلەن ئارلىشىش جەھەتلەردە جوڭگولۇقلار ئىنتايىن ئەدەپلىك ، تەرتىپلىك كېلىدۇ، بىراق پويىز ئىستىنىسسىنىڭ كۈتۈش زاللىرىدا بۇنداق ئەدەپ –قائىدىلەر يوقاپلا كېتىدۇ." جوڭگونىڭ كوچىلىرىدا ھەممىلا يەردە ئۇدۇل كەلگەن جايغا تۈكىرىدىغان ئىشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئادەم جىق جايلاردا قىستا-قىستاڭ بولۇپ كېتىدۇ، چوڭ كوچىلاردىلا چۈشلۈك تاماقلىرىنى يەيدۇ. رەسمى يوسۇندىكى زىياپەتلەردە بولسا جوڭگولۇقلار چەتئەللىكلەرگە ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ-يۇ، بىراق يەنىلا پاكىزە بولۇپ كەتكەن ئۇستىخاننى غاجاپ  ۋە ئۈستەلدىكى داستىخانغا ياكى تەخسىگە تۈكۈرۈپ ئولتۇرىدۇ.جوڭگولۇقلار سىلىق،پەس ئاۋازدا گەپ قىلىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ،دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. بېرلىن ئۇنېرستىتىنىڭ خەنزۇشۇناسى جېن دام (Jens Damm) نىڭ دىيىشىچە، جوڭگولۇقلارنىڭ ئاۋازى غەرپلىكلەرنىڭكىدىن كۆپ يوقۇرى. جوڭگولۇقلارنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئاۋاسىنىڭ دېتسېبېل كەڭلىكى كۆپ چوڭ. ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدا ، كىشىلەر " ئۆچرەتتە قانداق تۇرۇشنى " ئۆگىنىپلا قالماستىن يەنە "تۆۋەن ئاۋازدا  گەپ قىلىش"نىمۇ ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئەجدىھانىڭ ئەۋلادلىرى دائىم كۈلۈمسىرەپ يۈرمەيدۇ، جوڭگوغا بارغان ساياھەتچىلەر جوڭگونىڭ تۇپرىقىغا قەدەم قويسىلا ئاساسى جەھەتتىن ھېس قىلىۋالالايدۇ.

    ئىككىنچى بىر تەرەپلىمىلىك:جوڭگولۇقلار گۈرۈچ تامىقىغا ئامراق، يەنە كېلىپ يىمەيدىغان نەرسىسى يوق، تۆت پۇتى بارلاردىن ئورۇندۇق بىلەن ئۈستەلدىن باشقىنىڭ ھەممىسىنى يەيدۇ.

    پىروفىسسور(卜松山) چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: شىماللىقلار چۆپ بىلەن ھورنانغا ئامراق، جەنوپلۇقلار گورۈچ تامىقىغا ئامراق كېلىدۇ. گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرگە كەلسەك جوڭگولۇقلار ئاساسلىق توخو، ئۆردەك، بېلىق گۆشلىرىنى يىيىشكە ئامراق، بىراق جەنوپلۇقلار ھەممىنى يىيىشكە پېتىنالايدۇ، يىيەلەيدىغانلا نەرسىسى بولغا تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىدۇ شۇنداق قىلىپ كۆپىنچە ھاللاردا ياۋروپالىقلارنى ھەيرانلىق ھەم قورقۇنچقا سېلىپ قويىدۇ. مەسىلەن ياغدا پۇشۇرۇلغان چېكەتكە ۋە كاۋاپ قىلىنغان ئىت گۆشى دىگەندەكلەر.

    ئۈچىنچى بىر تەرەپلىمىلىك : جوڭگولۇقلار R تاۋۇشىنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالمايدۇ.

    تۆتىنچى بىرتەرەپلىمىلىك : خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنمەك تەس.

    پىروفىسسور(卜松山) مۇنداق دەيدۇ: ئەمىلىيەتتە خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنمەك ئۇنچىلىك تەس ئەمەس، خەنزۇ تىلىدا مۇرەككەپ سۆز ئۇلانمىلىرى ۋە مۇرەككەپ پېئىل ئۆزگىرىشلىرى يوق، بىراق كۆپىنچە چەتئەللىكلەر خەنزۇچە تۆت توننىڭ ئاھاڭىنى خاتا ئۆگىنىۋالىدۇ. خەنزۇ تىلىدا ئومومى 50 مىڭ خەت بار، كىتاپ ئوقۇش، گېزىت كۆرۈش ئۈچۈن 3000~1500 گىچە خەتنى ئۆگىنىۋېلىشلا كۇپايە قىلىدۇ.

    بەشىنچى بىرتەرەپلىمىلىك :بارلىق جوڭگولۇقلارنىڭ تەقى-تۇرقى ئوخشاش دىگۈدەكلا، بويى پاكار، سېرىق تەنلىك.

    چاچنى بويىمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپىنچە جوڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى قارا چاچ، قارا كۆز كېلىدۇ. جوڭگولۇقلارنىڭ بويى شىماللىقلارنىڭ جەنوپلۇقلارنىڭكىگە قارىغاندا ئېگىز كېلىدۇ. تېرىسىمۇ ئاق كېلىدۇ. تېرىسىنىڭ رەڭگى ياۋروپالىقلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بىراق جوڭگولۇقلار ئۆزلىرىنى سېرىق تەنلىك دەپ پادىشا(黄帝) ئەۋلادلىرى دەپ بىلىپ پەخىرلىنىدۇ.

    ئالتىنچى بىرتەرەپلىمىلىك :كوڭزىچىلىق ئىدىيىسى "ئالاھىدە جوڭگو""ئالاھىدە جوڭگو" بولۇپ قېلىشىغا زادى نىمە سەۋەپ بولغان؟

     مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە كۇڭزىچىلىك ئېقىمىنىڭ ئىدىيىسى تەسىرىدىكى ئائىلە كۆر قارىشى ئەڭ تىپىك مىسالى. قېرىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئائىلىنى تۇتۇپ تۇرۇش(قامداش) بۈگۈنكى جوڭگودا يەنىلا ئومومى ھالەت، بىراق دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ياشانغانلار ساناتورىيەلىرى ياشانغانلارنىڭ بارگاھىغا ئايلانماقتا.

     مەنبە:http://world.people.com.cn/GB/57507/7555045.html


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن