• 2008-05-28

    5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقاردى - [تەرمىلەر]

    Tag:转载

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/21802821.html

    5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقاردى

    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 27-ماي تېلىگراممىسى :ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاپەت مەزگىلىدىكى سوت خىزمىتىنى قانون بويىچە ياخشى ئېلىپ بېرىپ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغۇرلۇق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەزگىلىدە تۆۋەندىكى 7 تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قاتتاق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن 7 تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلار :

    1.     ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ۋە ئەسلىھەلىرىگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ،قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش، پۇل-مال ئۈندۈرىۋېلىش،بالىلارنى ،ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايى قىلمىشلىرى.

    2.     قالايمىغان باھا ئۆستۈرگەن،قانونسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئاپەت رايونىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان جىنايى قىلمىشلار.

    3.     ئاپەت رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز بولغان ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتقان، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەن، قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ھەمدە توپلىشىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا بۆسۈپ كىرىشتەك جىنايى قىلمىشلار.

    4.     قۇتقۇزۇش نامى بىلەن ياكى ئاپەت رايونىدا ناچار مەھسۇلات،سالامەتلىككە پايدىسىز يىمەكلىك ،ساختا دورا بىلەن تەمىنلىگەن ياكى ئىشلەپچىقارغان ۋە ياكى ساتقان جىنايى قىلمىشلار.

    5.     دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ پارا ئېلىشى، ئاپەت رايونىغا بېرىلگەن قۇتقۇزۇش پۇل-ماللىرىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەن، ھوقوقىدىن قالايمىغان پايدىلىنىپ قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە زىيان سالغانلار ياكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلار.

    6.     ئېلىكتىر،قاتناش،ئالاقە ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايى قىلمىشلار.

    7.     يوقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە زىيان سالغان جىنايى قىلمىشلار. يوقارقى ئۇقتۇرۇشنى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى چىقىرىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش،قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۈشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ،جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتلەردىكى قانوننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

     خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەئەسى:

    http://news.qq.com/a/20080527/004120.htm?qq=0&ADUIN=472555008&ADSESSION=1211936495&ADTAG=CLIENT.QQ.1803_SvrPush_Url.0 

    يەنە بۇ يەردە:

    http://news.163.com/08/0527/21/4CVSNQDA0001124J.html

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن