• 2008-05-28

    تۇرمۇشىڭىزدا ئۆگىنىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار - [پىسخىكا]

    Tag:真谛 意志

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/21796584.html

    تۇرمۇشىڭىزدا ئۆگىنىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

     

     1.     ئىقتىسادى تۇرمۇشىڭىز يار بەرگەن ئەھۋالدا ماشىنىنىڭ نورمالىنى ھەيدەڭ،بىراق ئۆينىڭ ئەڭ ياخشىسىنى سېتىۋېلىڭ.

     2.     دوستىڭىزنى مەڭگۈ تاشلاپ قويماڭ، دوستىڭىزدىن يۈز ئۆرۈمەڭ. 

     3.     باشقىلارغا بىرەر مەخپىيەتلىكنى دىمەكچى بولسىڭىز ئاقىۋىتىنى قاتتىق ئويلىنىڭ.

     4.     جۆرە تاللىغان ۋاقتىڭىزدا ھىسياتىڭىز بىلەن ئەمەس ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن تاللاڭ، چۈنكى ئۇ كېيىنكى ئۆمرىڭىزنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇپ قېلىشىدا ئاز بولغاندىمۇ 90% ھەسسىسى بولىدۇ.

     5.     ھەر دائىم زىيان تارتمايدىغان كىشىلەردىن ئېھتىيات قىلىڭ.

     6.     ھەركۈنى 30 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ پىيادە سەيلە قىلىپ بېرىڭ.

     7.     جىددى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئۆگۈنۈپ قويۇڭ.

     8.     سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن كۆپرەك ئويلىنىڭ.

     9.     ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى ئەپۇ قىلالايدىغان بولۇڭ.

     10. بالىڭىز ھەققەنىيەت ۋە مۇكەممەل(تاكامۇللىشىش) دىگەن سۆزلەرگە يولۇققاندا سىزنى ئەسلەيدىغان بولسۇن. 

     11. تۇرمۇشىڭىزدا ،زىممىڭىزدە تۈرلۈك ئېغىر قىيىنچىلىق ،مۇھتاجلىق بولسىمۇ ئامال قىلىپ ئائىلىڭىز بىلەن بىرلىكتە ساياھەتكە چىقىپ تۇرۇڭ، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ كۈنلەر ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ.

     12. ھەركۈنى 6 ئىستاكان مۇزلىتىلغان قايناق سۇ ئىچىپ بېرىڭ.

     13. دۇنيادىكى گۈزەللىك،رەزىللىك،ھەق-ناھەقلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇڭ.

     14. باشقىلار قولىڭىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ سالاملاشقاندا سىز ئالدى بىلەن قولىڭىزنى تارتىۋالماڭ. 

     15. مۇۋاپپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىڭ، سىز بۇرۇنقىدەكلا ساغلاممۇ؟بۇرۇنقىدەكلا  باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلەلەمسىز؟كۆڭلى-كۆكسىڭىز بۇرۇنقىدەكلا كەڭتاشىمۇ؟.....يالغۇز يەرنى تېپىپ ئۆزىڭىز توغۇرلۇق چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىڭ.

     16. ھەر يىلى باھاردا ياكى نورۇزدا بىر تۈپ مېۋىلىك دەرەخ تىكىڭ.

     17. نىكاھنىڭ ئوڭۇشلۇق بەختلىك بولىشى بىر ياخشى ھەمراھنى تېپىشتا ھەم بىر ياخشى ئادەم بولۇشتا.ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ.

     18. جۆرىڭىزنى ،بالىڭىزنى ياكى باشقىلارنى ئەيىپلىمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. 

     19. ھەركۈنى ئاز-تولا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ قويۇڭ،تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشىغا پايدىسى بار.

     20. باشقىلارغا ياخشى گەپ-سۆزلەرنى قىلغان ۋاقتىڭىزدا بالىڭىزمۇ ئاڭلىسۇن. 

     21. باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى ياكى قىلغان ياخشى ئىشىنى مەڭگۈ ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.ئەكسىچە سىز باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى دەرھال ئۇنتۇپ كېتىڭ. قىلغان ياخشىلىقىڭىزنىڭ كەينىگە بىرەر مەقسەت يۇشۇرۇنغان بولمىسۇن.

     22. شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بەخت__ ئۇ بايلىق،مەرتىۋە،گۈزەل چىرايدىن كەلمەيدۇ، ئەكسىچە سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان ياخشى ئالاقىدىن كېلىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن