• 2008-05-29

    دۇنياغا قارا - [شېئىرلار]

    Tag:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/21887985.html

     دۇنياغا قارا

     

    مەيلى ئامراق بولغىن ۋە ياكى ئۆچ،  كۆڭلۈك بولسۇن كەڭتاشا،

    تەقدىرىڭ بىلگىنكى سۆيسەڭ سۆي، ئاچچىقلانما بىكاردۇر بىكا.

    مەيلى ئازاپ مەيلى شاتلىق،  تاتلىق ھەرزامان ھەمرادۇر ئاچچىققا،

    كۈلۈپ يۈرگەن ئەركەك ئىشى، زىنھار ئاچمىغىن ھەرقاچان ھازا.

    مەيلى باي بول ۋە ياكى نامرات، بەخت ئەمەستۇر دائىم پۇلغا بانا،

     ئۆزىگە تۇشلۇق باينىڭمۇ بايچە، نامراتمۇ كەيمەس جەندە-كولا.

    مەيلى بەخت ۋە ياكى قازا، مۇقەرەردۇر ئايرىلماس ئىككىسى ھەمرا،

    يەڭگىنىڭ ئازاپ مەنزىلىڭ بەخت،  ھايات چاپقۇنى گويا بىر شوتا.

    مەيلى غالپ مەيلى مەغلۇپ،  مەنزىل بۇ  ئەمەس كەسكىن ئايرىما،

    تىرىش-تىرماش ھايات شۇ،  غورۇر ۋىژداننى ھەرگىز  سەن ساتما.

    مەيلى ئېرىش ياكى مەھرۇم قال،  ھاياتىڭ بولمىسۇن  بىھۇدە زايا،

    ئېرىشسەڭ ياخشى مەھرۇملۇقمۇ چاغلىق، ۋەزىپەڭنى قىلغىن ئادا.

    مەيلى ئاچكۆز مەيلى نەپسى بالا،  ھەممىسى كۆر ئۆتكۈنچى بولا،

    مەيلى توغرا مەيلى خاتا،  ھەق- ناھەق ھەممىگە ئۆزىنىڭ توغرا.

    يىللار دىگەن بەكمۇ ئۇزۇن،  توغرا دىگەن قارا ئاخىرى بولۇر خاتا،

    كۆر ئاخىرى بۇغداي تېرىغان بوغداي ئورار، شال تېرىغان شال ئالا.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • 13150283242{gra:}
    dunyakara回复啊曼古丽。吐尔地说:
    سىزنى ئەسلىيەلمىدىمغۇ؟؟؟؟
    2009-04-27 17:07:32