بىر مىللەتكە بىر يولباشچى لازىم - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن] |
بىر مىللەتكە بىر يولباشچى لازىم
م.ئازات
قوياش يىگانىدۇر.ئامما پۈتۈن دۇيانى،كائىناتنى يۇرۇتىدۇ،يۇلتۇزلار سان-ساناقسىزدۇر.ئامما يۇرۇقلۇق بىرەلمەيدۇ. ،يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پىلانىتلار قوياش ئەتىراپىدا ئايلىنىدۇ.دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى شۇنداق.
ئەمما،ئىنسانلارنىڭچۇ؟
مىسالنى ئۆزىمىزدىن ئالايلى، ھەر بىر ئائلىنىڭ،بىر ئائلە باشلىغى،ھەر بىر مەھەللىنىڭ بىر يۇرت ئاقساقىلى،ھەر بىر مەسچتنىڭ بىر ئىمامى بولىدۇ.ئىجتىمائىلىشىش ئەنە شۇنداق باشلىنىدۇ.
بىر مىللەتنىڭمۇ بىر يول باشچىسى بولىدۇ.
ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن يىللار مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمىغانلىغى،ياكى ھەل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىگى ئۈچۈن،يەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ ئالدىدىكى مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.ئۇيغۇر مىللىتى مەسىلە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكمۇ؟يقا.مىڭلارچە قېتىم ياق.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەسىلىلىرى ھەل قىلىنىشى لازىم.
بۇ مەسىلىلەرنى كىم ھەل قىلىدۇ؟ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزى،ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن نىمە قىلىشى كەرەك؟
بىر تۈركۈم ئاۋانگارت،ئۆز خەلقىگە سادىق،مەسىلىلەرنى ياخشى چۈشىنىدىغان،پىداكار،تشكىلاتچى يولباشچىلار قوشۇنىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى لازىم.
بۇ يول باشچىلار قوشۇنىڭ ئەڭ ئۈستىدە بىر باش يولباشچى،رەھبەر بولىشى لازىم.
يېقىنقى ئۇيغۇر تارىخىمىزدا،قاچانلا بىر يولباشچىمىز،قوياشتەك پارلاپ ئوتتۇرىغا چىقىپ خەلقىمىزنىڭ كەلەچەگىنى يۇرۇتۇشقا باشلىدىمۇ دەرھال يوقۇتۇلدى.يوقۇتۇلۇپلا قالمىدى،ئوقۇغان ئامما نادان،ياكى مەنپەتپەرەس قەلەمكەشلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ نامى قارىلاندى،ئابرويسىزلاندۇرۇلدى.
بىر يولباشچى كەلسە ئەگەر بېشىمىزغا،
مۇمكىن بولسا جىلى قىلىپ ئۆلتۈرىمىز.
ئۆلتۈرسەكمۇ ئۆلمىگەننى،
پىتنە بىلەن، بەش تىيىنغا ئۆتمەس ھالغا كەلتۈرىمىز.
ئاچچىق-ساۋاقلاردىن قەتئى دەرىس ئالىدىغان زامان كەلدى.مىللىتىمىزنىڭ ھەربىر ئەزاسى بۇ پوقنى تەكرار يىمەسلىگى لازىم.
بۇ قەتىمقى قانۇنى ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى،قانۇنى يوللار بىلەن قولغا كەلتۈرۈش ھەركىتىدە بىر ئوغۇل بالا،بىر ئەزىمەت يىگىت ئۆزىنىڭ پىداكار يولباشچى بولالايدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.
ئۇ بولسىمۇ،بەئىجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ مۇئاۋىن پروپپىسسورى،قانۇنشۇناس،ئىختىسادشۇناس،"ئۇيغۇربىز"تور بىتىنىڭ ئىگىسى ياش تالانت مۆھتىرەم ئىلھام توختى ئەپەندى.
ئىلھام توختى ئەپەندى،قانۇنى ئويغۇنۇش ھەركىتىنىڭ تەشەببۇسكارى ۋە باشلىغۇچىسى،بەدەل تۈلىگۈچىسى.
ئىلھام توختى ئەپەندى خالىسۇن،خالىمىسۇن،بۇ تارىخى ۋەزىپە تەبىئى ھالدا ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنمەكتە.
ئۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىشقا لايىق.ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەرتلىرىنى،مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى،خەنزۇ خەلقىنىمۇ تولۇق چۈشىنىشى،خەنزۇ تىلىنى ئانا تىلىدەك ياخشى بىلىشى،تەپەككۇرى،مەسىلەرغە بولغان كۆز قارىشى،بىر تەرەپ قىلىش مىتودى،ئۇيغۇر خەلقى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى،ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خەنزۇ خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئادىل ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالايدىغان بىلىم،جاسارەت ۋە كۈچكە ئىگە.ئۇنىڭ بېيجڭدا بولىشى سىياسى پائالىيىتى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق شارايىت يارىتىدۇ.
ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن ھازىرغىچە كۆرۈشۈش پۇرسىتىم بولمىدى.مەتبوئاتلاردا ئېلان قىلىنغان رەسىمىنى كۆردۈم.مەن ئۇنى كۆرمىسەممۇ يۈرىگىم ئۇنى تولۇق ھىس قىلماقتا.
ئۇ،شارائىت پىشىپ يىتىلگەن يېقىنقى كەلەچەكتە، ئۇيغۇر ئاپتوموم رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلى ئاپپاراتىنى تەشكىللەش،باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە بۇ يولدا پىداكارلىقلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بارلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنى قوللاشقا،ئۇنىڭ ئەتىراپىغا ئۇيۇشۇشقا چاقىرىق قىلىمەن! يۇرتىمىزدا،ئىلھام توختى ئەپەندىدىنمۇ ئەقىللىلىق،بىلىملىك،سالاھىيەتلىك كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەرباپلىرىمىزنىڭ بارلىغىنى بىلىمەن.بىراق بىر خەلققە بىر يو ل باشچى يىتىدۇ. كىتىۋاتقان بىر يولۇچى ئاپتۇۋۇزنىڭ رولىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى شوپىر تالىشىپ قالسا،يولۇچىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتىپ قالىدۇ.
بىز قابىلىيىتىمىزنى،كۈچىمىزنى ئىلھام توختى ئەتىراپىدا بىرلەشتۈرىدىغان بولساق،جۇڭگودىمۇ،دۇنيادىمۇ تەكرار ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىمىز.
قابىلىيەتلىك،پىداكار،ئامما تاماخور بولمىغان ئۇيغۇر مۆتۋەرلىرى،زىيالىلىرى، ئىلھام توختى ئۈچۈن ئەمەس،مللىي مەنپەتىمىز ئۈچۈن ئىلھام توختىنىڭ ئەتىراپىغا ئۇيۇشساق،بىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىنمۇ،خەلقىمىز بىزنى ئۈلگە ئالىدۇ.تارىخ بىزنى ئۇنۇتمايدۇ.
ئېلھام توختى دىگەن ئىسىمنى ھازىر ئۇيغۇرلارغا قىززىققۇچى غەرىپ دۇنياسىمۇ ياخشى بىلىدۇ.
ئىلھام توختىنى قوللاش،ھۆرمەتلەش،قوغداش،ئۇنىڭ ئەتىراپىغا ئۇيۇشۇش ئۇيغۇر خەلقىگە خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ھەر بىر ۋەتەن پەرزەنتىنىڭ تەبىئى ۋەزىپىسىدۇر.
بىزگە يامانلىق ئويلاۋاتقان،ئۆلۈمىمىزنى تىلەۋاتقان،ھەتتا ئۆلۈشىمىز ئۈچۈن پىلان تۈزەۋاتقانلارغا بۇ روبائى بىلەن جاۋاپ بەرىمەن:
ئۆلۈمىمنى تىلەيسىلەر كۈلۈپ كىتىمەن،
ئۆلۈسىلەر سىلەر،مەنمۇ ئۆلۈپ كەتىمەن.
سىلەر ئۈچۈن يوق بولۇشتۇر ئۆلۈش،
بىراق مەن،
مىللىتىمنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ كىتىمەن.
بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز.مللىتىمىز چوقۇم لايىق بولغان ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.ئىلھام توختى ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىگىچە بۇ سەپنىڭ بايراقدارى بولىدۇ.ھەم بولىشى كەرەك!
چۈنكى، بىر مىللەتكە بىر يولباشچى لازم.
زور مىللىي بىرلىك ياراتماي تۇرۇپ يوقالغان ئىتىبارىمىزغا،يوقالغان ھەق-ھوقۇقىمىزغا تەكرار ئىرىشىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
داۋامىنى ئەتە يازىمەن
2009.06.10
مەنبە:
http://www.uighurbiz.net/forum/viewthread.php?tid=1537
评论
ئۇندىن باشقاچەۋەندازنىڭ دىگىنىمۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ بولۇپتۇ.
لېكىن بۇ شەكىلدە داۋاملىق باشقا بلوگىلارنىڭمۇ سان ئۆستۈرىشى تازا مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن. سىزنىڭ دىلكەش بلوگىمۇ دەل مۇشۇنداق بىرسىلا بولسا كۇپايە دەپ قارايمەن. ماقالىڭىزنىڭ داۋامىغا قارايمەن.
ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. چەۋەندازلار بلوگى سىزنى ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقىمىز راۋاج تاپقۇسى!
سىز توغرا ئېيتىسىز! سىز دىگەندەك بلوگ ئەسلىدە ئۆزەۈچىللىككە يەنى خاسلىققا ئىگە بۇلىشى ئۈچۈن ، ئاۋۋال مەلۇم بىر مەزمۇننى ئاساس قىلىپ يېزلىشى ۋە شۇ بۇيۇنچە داۋام قىلشى كېرەك ئىدى. ئەسلى مەنمۇ شۇنداق قىلماقچى ئېدىم بىراق بىرنچىدىن ئۈزۈم قىزققان ئۆزمىز يەنى مىللىتىمىزگە دائېر پايدىلق يازمىلارنى تەشۋىق قىلىش يەنە كېلىك ئۇيغۇر بىز ، ۋەتىنىم ، سۈرەتلەر قاتار لىق توربىكەتلەرنىڭ يېزىقى ئۇيغۇر لاتىن يېزقى بولغاچقا ، شۇنداق ياخشى يازمىلار زور كۆپچىلك ئۇيغۇرلارغا يەتمەي كۈمۈلۈپ قالدىكەن ، شۇ ۋەجدىن ئۇيغۇر لاتىن يېزقىدىكى مللىتىمىزنىڭ ھۇقۇقلىرىغا پايدىق بولغان يازمىلارنى تېخمۇ كۆپ كىشلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ، ھازىر كۆپىنچە ھالدا يۇقۇردا دىيلگەن توربەتلەردىكى ماقاللىلەرنى ئۇيغۇر كونا يېزقىغا ئايلاندۇرۇپ بۇجايغا يېزىپ كىلىۋاتىمەن!
يەنە كېلىك مەن ئۇقۇش بىلەن ئالدىراش بولغاچقا كۆپۈنچە ھالدا بىر نەرسىلەر نى يېزىشقا باك ۋاختىم چىقىپ كەتمىدى،
مەنمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم، قوللىغىنىڭزغا رەھمەت!