موسكۋادىكى 10 - نۆۋەتلىك خەلقارالىق قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسىدا ئۇيغۇرلار - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن] |
موسكۋادىكى 10 - نۆۋەتلىك خەلقارالىق قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسىدا ئۇيغۇرلار
6 - ئاينىڭ 20 - 21 - كۈنلىرى رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادا 10 - نۆۋەتلىك خەلقارالىق قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقىگە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئالجىرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، چىن(جوڭگو) ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئوتتۇزدىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن قارىلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ھازىر فىنلاندىيىدە ياشاۋاتقان ئوبۇل قاسىم قارى قاتناشقان.
سۈرەتتە، 6 - ئاينىڭ 20 - 21 - كۈنلىرى رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 10 - نۆۋەتلىك خەلقارالىق قۇران ئوقۇش مۇسابىقىسىغا، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ھازىر فىنلاندىيىدە ياشاۋاتقان ئوبۇل قاسىم قارى.
مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۆز دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن كىشىلەر ئىكەن. بۇ مۇسابىقىدا تۈركىيىدىن كەلگەن bunyamin selchuqoghlu قارى بىرىنچىلىككە، ئالجىرىيىدىن ياسىن ئىسمائىل قارى ئىككىنچىلىككە ۋە مالايسىيادىن ئابدۇللاھ سېيىت قارى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوبۇل قاسىم ئەپەندى گەرچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ قاتارىغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە كىيىملىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە موسكۋادا 3 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ نىڭ دىيىشچە ،موسكۋادا مىليونلارچە مۇسۇلمان بارلىقىنى، چىن(جوڭگو)نىڭ دىن سىياسىتى بىلەن ھازىرقى رۇسلارنىڭ دىن سىياسىتىنىڭ ئاسمان زېمىن پەرقى بارلىقىنى ئېيتتقان.
ئوبۇل قاسىم قارى بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا يەنە، موسكۋا ئىسلام مەركىزىنىڭ مەسۇلىrawil ghayrettin ئەپەندىنىڭ ئۆزىدىن ئالاھىدە سوئال سوراپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلارغا شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارغا تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مەنبە:
http://www.uighurbiz.net/forum/viewthread.php?tid=1649