• بۇخارا پاجىئەسى - [تارىخي تىمىلار]

    بۇخارا پاجىئەسى

    ئۆمەر رەشىدوۋ

    پۇقرالار ئۇرۇشىدىكى غەلىبىسىدىن مەغرۇرلىنىپ دۇنياۋى ئىنقىلاب ۋەسۋەسىسىگە چۈشكەن سوۋېت رۇسىيىسى قانلىق قېلىچىنى شەرققە ئۇزاتتى. ئاۋۋال  1920-يىلى فېۋرالدا خەلقئارا قائىدىلەرگە  خىلاپ ھالدا خىۋە خانلىقى يوقىتىلدى ۋە سوۋىتلاشتۇرۇلدى. شەرققە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيىلىك جايدىكى بۇخارانىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەم سوۋېت رۇسىيىسىگە ياقمىدى.
    نەتىجىدە تۈركىستان فرونتى قوشۇنىنىڭ قوماندانى مىخائىل فىرونزې بۇخاراغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى تېزلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ 1920-يىلى 7-ئاينىڭ31-كۈنى لېنىنغا تۆۋەندىكى مەزمۇندا تېلېگرامما يوللىدى:
    «... بۇخارا ئەمىرى بىزگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا. ئۇ ئافغانىستان بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزدى. ئەمىرلىك شۇ تەرىقىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا بىزنىڭ شەرقتىكى سىياسىتىمىز چولاق بولىدۇ. تۈركىستان فرونتى ھەربىي كېڭىشى تۈرك كومىسسىيىسى ۋە ئۆلكىدىكى باشقا ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ئەمىرلىك مەسىلىسىنى يېقىن كۈنلەردە ھەل قىلىشقا كېلىشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەييارلىقلار پۈتتۈرۈلدى:
    1200كىشىلىك بۇخارا قىزىل ئارمىيىسى تەشكىللەندى. ھۆكۈمەت تەركىبى تۈزۈلۈپ، بارلىق ئورگان ۋە ئىدارىلەرگە لايىق كىشىلەر تاللاندى. ئەمىرلىكنى يوقىتىشتا قىزىل قوشۇنلار تەييار. بۇخارانىڭ خەلقئارا ۋەزىيىتى ياخشى ئەمەس، جامال پاشا بىلەن بولغان سۆھبەتتىن مەلۇم بولدىكى تۈركىيە تەرەپ ئەمىرلىكنى يوقىتىشىمىزغا  قارشى ئەمەس. ئامانۇللاخان بولسا ئافغانىستاندىكى ئىچكى بىلەن مەشغۇل بولغاچقا بۇخاراغا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئىرانغا كەلسەك ئۇ يەردىكى ئىشلارنى بىزنىڭ دىپلوماتلىرىمىز ھەل قىلىدۇ. شۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ قۇلاي پۇرسەتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن مەركەز رۇخسەت بەرسە،8-ئاينىڭ 20-كۈنلىرى ئەتراپىدا ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتنى باشلايمىز».
    (P. A. Shevotsukov. "Stranitsy istorii Grajdanskoy voyny". M., 1992, str. 180-181).
    تۈركىستان فرونت قوماندانى: م. فرۇنزې
    ئەزالىرى: ۋ. كۇيبىشېۋ، يۇ. ئىبراگىموۋ
    شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك RSFSRقوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانى س. كەمېنېۋ ۋە باش شتاب باشلىقى تامانىدىن «رۇخسەت بېرىلسۇن»دېگەن جاۋاب كەلدى. بۇنىڭدىن روھلانغان مىخائىل فرۇنزې 1920-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەمىرلىكنى يوق قىلىش مەقسىتىدە تۆت ھەربىي كورپۇس تۈزۈشكە بۇيرۇق بەردى. بۇلار چارجۆي، كاگان، كاتتا قورغان ۋە سەمەرقەنت كورپۇسلىرىدىن بولۇپ سەمەرقەند-بۇخارا فرونتىغا بويسۇناتتى. مەزكۇر فرونتنىڭ تەركىبى مۇنداق ئىدى: 7000مىڭ پىيادە ئەسكەر،2يېرىم مىڭ ئاتلىق ئەسكەر،5 ئېغىر توپ،35 يېنىك توپ،206 زەمبىرەك، 5برونې پويىز،5برونېۋىك ماشىنا ۋە 11 ئايروپىلان.
    (Voenno-istoricheskiy jurnal, №10, 1940; str. 72)
    ئەمىر ئارمىيىسىدە 16مىڭ سەرۋاز بولۇپ سەپەرۋەر قىلىنسا 27مىڭ سەرۋاز يىغىش مۇمكىن ئىدى. ئۇلاردا 55 كونا توپ ۋە 12 پىلىموت بار ئىدى. (X. Sh. Inoyatov. Narodi Sredney Azii v borbe protiv interventov i vnutrenney kontrrevolyutsii. M., 1984, str. 345) كۈچلەر نىسبىتىدىن قارىغاندا ئەمىر قوشۇنى ساندا كۆپرەك بولسىمۇ ئەمما تېخنىكا ۋە ھەربىي ماھارەت جەھەتتە قىزىل ئارمىيە قوشۇنى ئۈستۈن ئىدى. چۈنكى بۇخارا سەرۋازلىرىغا مۇتلەق ناتونۇش بولغان ئاۋتۇماشىنىلار، پويىز ۋە ئايروپىلانلار فېئودال ئەمىر ئارمىيىسىگە قارشى تۇراتتى.
    شۇ  تەرىقە مۇستەقىل بۇخارا ئەمىرلىكى تەقدىرىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا كىرىشىلدى. شۇ ئارىدا يەنى 16__18 ئاۋغۇست كۈنلىرى چارجۆيدە BKP(بۇخارا كومپارتىيىسى) نىڭ 4-يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا 110 ۋەكىل قاتناشتى ۋە مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن بۇرژۇئا پارتىيىلىرىنىڭ  تارقىتىلغانلىقى ھەمدە ئەمىرگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى. بولشېۋىكلارنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئويلاپ تاپقان پىلانلىرى ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىدى. تارىختا «يەلپى قوزغىلىڭى»دەپ ئاتالغان ھەرىكەت 23-ئاۋغۇست باشلاندى. بېشىم سەرداۋ باشچىلىقىدىكى ياللانما تۈركمەن ئاتلىقلىرىنىڭ ياردىمىدە كونا چارجۆي ئىشغال قىلىندى. بەگ ئەمەلدارلىرىدىن 100دىن ئارتۇق كىشى ئەسىر ئېلىندى. بەگلىك خەزىنىسى قولغا چۈشۈرىلىپ بايلىقلار تېزلا چارجۆي رايونلۇق كومىتېت ۋە يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ قولىغا ئۆتتى. بەگ بولسا قېچىپ كەتتى. كېلىشىلگىنى بويىچە شۇ كۈنى چارجۆي رايونلۇق كومىتېت تۈركىستان فرونتىغا مۇراجىئەت قىلىپ  «پۈتۈن بۇخارا خەلقى »نامىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئالدىن تەييارلانغان پىلان بويىچە تۈركىستان فرونتى قوماندانى فىرۇنزېگە ئاشۇنداق «ئاقلىغۇچى»ھۆججەت زۆرۈر ئىدى.
    چارجۆي رايونلۇق كومىتېتنىڭ مۇراجاتىنى تاپشۇرۇۋالغان قوماندان 1920-يىلى 25-ئاۋغۇست 3667-نومۇرلۇق مۇتلەق مەخپىي بۇيرۇق ئېلان قىلدى:
    « بۇخارا خەلقىگە ئىنقىلابى ياردەم بېرىش مەقسىتىدە  سەمەرقەنت-بۇخارا فرونتى 28-ئاۋغۇست كەچكىچە ھەربىي ھەرىكەتنى باشلىسۇن. ئاساسى كۈچلەر كونا بۇخارا ئەتراپىغا توپلانسۇن...
    بۇيرۇق: كونا بۇخارا ئىگىلەنسۇن. دۈشمەن كۈچلىرى شەرق شىمالغا قوغلىۋېتىلسۇن. ئاندىن چارجۆي، كاگان، كاتتا قورغان كورپۇسلىرى ھەمكارلىشىپ دۈشمەننىڭ ۋابكەنت، غىجداۋان، ۋەنغازە ۋە باھائۇددىندىكى كۈچلىرىنى تارمار قىلسۇن.
    تۈركىستان فرونتى قوماندانى م. ۋ. فىرۇنزې»
    بۇيرۇققا ئاساسەن تۈزۈلگەن 4 كورپۇس(گۇرۇھ) نىڭ ھەر بىرىگە ئالاھىدە ھەربىي ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان ئىدى:
    1. سەمەرقەنەد كورپۇسى 29-30-ئاۋغۇستتا تۈركىستان ئوقچى پولكى، تۈركىستان ئاتلىق 1-دېۋىزىيىسى، تۈركىستان ئاتلىق ئالاھىدە بىرىگادىسى ۋە ئىنژېنېرلار روتىسىنىڭ ياردىمىدە شەھرى سەبز-كىتاپ يۆنىلىشىدە ھەرىكەت قىلىپ قەشقەدەريا ۋادىسىغا چىقىپ، قارشى ۋە غۇزار شەھەرلىرىنى ئىگىلىشى كېرەك.
    2. كاتتاقورغان كورپۇسى شۇ كۈنلىرى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال كاۋالېرىيە پولكى بىلەن خەتىرچى ۋە زىياۋۇددىن شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىشى كېرەك.
    3. چارجۆي كورپۇسى تەركىبىدىكى 4-ئوقچى پولك،8-ئوقچى پولكنىڭ بىر باتاليونى، ئارتىرىللىيە دېۋىزىيىسى، ئاتلىق دېۋىزىيە ۋە تۈركمەن ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە 29-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن سائەت 4:00دە چارجۆينى ئىگىلىگەندىن كېيىن بۇخارا-تەرمىز ۋە ئامۇ دەريا ئەتراپىنى كۆزىتىپ، ئافغانىستان چېگراسىنى نازارەت قىلىشى زۆرۈر.
    4. ئاساسى ۋەزىپىنى كاگان كورپۇسى زىممىسىگە ئالغان. ئۇنىڭ تەركىبىدە يېڭى بۇخارا ( كاگان) ۋە قارشى گارنىزونى،4-ئاتلىق پولك، مۇسۇلمانلار شەرقى 1-پولكى ۋە 7-ئوقچى پولك بولۇپ، كونا بۇخارا قەلئەسىنى ئىگىلەش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن ئىدى.
    ئوپراتسىيىنى قاتتىق مەخپى تۇتۇش ئۈچۈن 29-ئاۋغۇست مىخائىل فىرۇنزېنىڭ 017-نومۇرلۇق يەنە بىر بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغان.ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
    «كاتتا قورغاندىن كاگانغىچە بولغان مۇساپىدە كېتىۋاتقان ماشىنا-ۋاگونلارنىڭ ئەينەكلىرىگە پەردە تارتىلىپ پەقەت تۇڭلۈكلىرىلا ئېچىلسۇن.ۋاگونلارغاRKP(b)(رۇس كومپارتىيسى ياكى بولشىۋېك)ۋەكىللىرىدن باشقا ھېچكىمنىڭ يېقىنلاشماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلسۇن».
    «29-ئاۋغۇست 23-بىرونې پويىز كاگاننىڭ غەربى جەنۇبىدىكى،14 كىلومېتىر نېرىدىكى مىڭ ئىت قىشلىقىغا كېلىپ توختىدى.سائەت 5لەردە ۋاگوندىكى ئەسكەرلەر چۈشۈپ يۈكلەرنى نىشاملانغان ئامبارلارغا جايلاشتۇرۇشقا باشلىدى.ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قەيەرگە كەلگەنلىكىنى بىلمەيىتتى.شۇ كۈندىن ئېتىۋارەن كاگانغا كىرىش يوللىرى ئوچۇق بولسىمۇ ئۇ يەردىن ھېچكىم چىقىرىلمىدى»دەپ يازىدۇ شۇ ۋەقەلەر ئۈستىدە بولغان دىۋىزىيە قوماندانى ۋ.كلېمېنتېۋ.
    (Voprosy istorii, №7, 1993; str. 4).
    كونا بۇخارانى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كاگان كورپۇسىنىڭ سول قانىتى شەيخ جالال ۋە قارا كۆل دەرۋازىلىرى ئارقىلىق ئاساسى ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.29-ئاۋغۇست سائەت 9:50تە بىرونې پويىزدىن چۈشكەن دېسسانت قىسمى ئابشار قىشلىقىنى ئىگىلەپ شەيخ جالال دەرۋازىسىغا يېقىنلاشتى.31-ئاۋغۇست كۈنى 4-5-10-پولك، تۈركىستان ئوقچى پولكى،28-بىرونې پويىز،53-بىرونېك ماشىنا ئەترىتى ۋە ئېغىر ئارتىللېرىيە باتاليونى قارشى دەرۋازىسىغا كېلىپ توختىدى.
    قارشى دەرۋازىسىغا يېقىن تۆمۈر يولدا تۇرغان 28-بىرونې پويىز شەھەرنى شەپقەتسىزلىك بىلەن ئوققا تۇتتى. شەھەر ئوت ئىچىدە قالدى. پەقەت ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىن سېنتەبىرنىڭ بېشىغىچە بۇخارا شەھىرىگە 12مىڭ سىنارەت، نەچچە مىليون پاي ئوق ئىشلىتىلدى.
    (Voyna v peskax. Pod. red. M. Gorkogo, I. Mintsa i F. Kolesova. M., 1935, str. 292).
    بۇ كۈچلەرگە تايىنىپ بېكىتىلگەن مۆھلەتتە شەھەرنى ئېلىش مۈشكۈل بولغىنى ئۈچۈن شەھەرنى ھاۋادىن بومبىلاش قارار قىلىندى. ۋە 31-ئاۋغۇست كۈنى چارجۆيدىن 25 ھاۋا ئەترىتى ياردەمگە چاقىرىلدى. ئۇلار كېلىپ بولغۇچە 43-ھاۋا ئەترىتى بومباردىمان قىلىشنى باشلاپ تۇردى. ئۇچقۇچى فائۇسېكنىڭ يېزىشىچە «كاگان يېنىدىكى ئايرودرومدا تۈركىستان تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر مەنزىرە پەيدا بولغان ئىدى. بۇ يەردە ئايروپىلانلارنىڭ "فارمان "، فارسېل"، "ساپۋىچ"، "نيۇپار"،"بائۇزېن"،"ئالبەتروس"دېگەندەك تۈرلىرىنى كۆرگىلى بۇلاتتى».
    قەدىمى بۇخارا ئەنە شۇ تەرىقىدە ھەم يەردىن ھەم ئاسماندىن بومباردىمان قىلىندى. شەھەرنىڭ قارشى ۋە سەمەرقەنت دەرۋازىلىرى ئاستىغا دورا كۆمۈپ پارتلىتىلدى. قىزىل قوشۇنلار ۋەيران قىلىنغان سېپىل ئارقىلىق شەھەرگە كىردى. شەھەر ئاھالىلىرى ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدىن ۋەھىمىگە چۈشتى. ئەمىر ئالىمخان بۇخارانى تامامەن ۋەيران بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 31-ئاۋغۇستتىن 1-سېنتەبىرگە ئۆتەر كېچىسى ماھى خاسە ئارقىلىق غىجداۋان تەرەپكە چېكىندى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بۇخارالىقلار ھەم ئانا شەھىرىنى تاشلاپ ئەمىرنىڭ ئارقىسىدىن كېتىشكە مەجبۇر بولدى.1-سېنتەبىر كۈنى قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى شەھەرگە كىردى. ئەرك تارتىۋېلىندى، بايلىقلار قولغا چۈشۈرۈلدى. ئەمىرنىڭ قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئانىسى، سىڭلىسى، خوتۇنى، ئۈچ ئوغلى، قېرىنداشلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى ئەسىر ئېلىندى.
    ئەمما بۇخارا پاجىئەسى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى. شەھەرنى بومباردىمان قىلىش ۋە ئاھالىنى بۇلاپ-تالاش داۋام قىلىۋەردى. شەھەر قامالىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ن. زىنوۋېۋ مۇنداق يازىدۇ:«شەھەر ئاساسەن يانغىندىن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. كوچىلاردا ئۆلۈكلەر شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى ئۇلارنى يىغىشتۇرۇشقا ئىمكان يوق ئىدى».
    (A. G'afurov, U. Rashidov. Buxoro Xalq sovetlar jumhuriyati tarixidan lavhalar /1920-1924/. T, 1992, 10-bet).
    «بۇخارا خەلق ئىنقىلابى» نىقابىدىكى بۇ باسقۇنچىلىق نەتىجىسىدە شەھەر 11ئايروپىلاندا  ئۈچ كۈن بومباردىمان قىلىندى. شەھەرنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ۋەيران قىلىۋېتىلدى.
    (Voprosy istorii, №7, 1993; str. 42)
    قۇرۇق قول بوۋايلار، ئاياللار ۋە بالىلار ئۈستىدىن "8قېتىم ئۇچۇپ ئۆتۈپ بومبا تاشلىغان ئۇچقۇچى لېسكىن قىزىل بايراق ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى".
    (Istoriya grajdanskoy voyny v Uzbekistane, Tom II. T., "Fan", 1970, str. 153).
    سوۋېت ئايروپىلانلىرى 1-2-سېنتەبىر كۈنلىرى ئەمىرنى ئىزدەپ تېپىش باھانىسىدە بۇخارا ئەتراپىدىكى يېزىلارنى ۋە ئاجايىپ ئابىدە__ ئەمىرنىڭ يازلىق سارىيى ماھى خاسەنى ھەم بومباردىمان قىلدى. بۇنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى ئۇچقۇچى فائۇسېك ئايرودرومغا قۇنۇۋېتىپ مۇنداق دەپ ماختانغان ئىكەن:«بىز بۇخارانى بومباردىمان قىلدۇق. قەدىمى ئەمىرلىكنى ۋەيران قىلدۇق. خۇسۇسەن "ئەجەل مۇنارى"غا بومبا تاشلاشنىڭ ماھىيەتتە پايدىسى بولمىسىمۇ ماڭا ئالاھىدە زوق-ھوزۇر بېغىشلىدى».(Voyna v peskax. Pod red. M. Gorkogo, I. Mintsa i F. Kolesova. M., 1935, str. 303).
    يەنە بىر ئۇچقۇچى ئۆزىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى مۇنداق خاتىرىلىگەن:«قولۇمدا بومبىنى پەسكە قارايمەن، ھەشەمەتلىك مەسچىتنى، ئۇنىڭ گۈمبەزلىرىنى نىشانلاپ بومبا تاشلايمەن. گۈمبۈرلەپ يەكسان بولىدۇ... كېيىنچە ماڭا "گۈمبۈر"دەپ لەقەم قويۇشتى. ئەنە شۇ شاھىتلارنىڭ ئېتىراپى  بۇخارا خەلقىگە «ياردەم»گە كەلگەن ئارمىيىنىڭ ھېقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ.
    يەنە بىر مىسال بۇخارادىكى قىزىل ئەسكەرلەرنىڭ زوراۋانلىقى ۋە بۇلاڭ-تالىڭىنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئېچىپ بېرىشكە تىرىشقان تۈركىستان ئىنقىلابى ھەربىي بىيۇرو"ئۈچلۈكى"نىڭ ئەزاسى ئا. ماشىتسكىي 1920-يىلى سېنتەبىرنىڭ بېشىدا ۋلادىمىر لېنىنغا يازغان خېتىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «شەھەر مەركىزى يەكسان قىلىنغان، رېگىستان كۆيدۈرۈلگەن، بۇخارا ئېلىنغاندىن كېيىن شىددەتلىك يانغىن، مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇلاڭ-تالاڭ باشلاندى. رېگىستان ۋە ئامبارلاردىكى بارلىق بايلىقلار بۇلاپ-تالاندى. كۆيمەيدىغان يوغان كۆن ساندۇقلار بۇزۇلدى. بۇلاڭ-تالاڭغا قىزىل ئارمىيە قاتنىشىپ مال-مۈلۈك بېسىلغان ئىككى ئېشىلان( ماشىنا؟ eshelon) تاشكەنتكە ماڭدۇرۇرۇلدى». بۇ مۇھىم ھۆججەت رۇسىيە دۆلەت ئارخىپلىرىدىن يېقىندا تېپىلدى.
    تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى بۇخارانى يەر بىلەن يەكسان قىلىشقا بۇيرۇق بېرىپ، بايلىقلارنى بۇلاپ-تالاشقا ۋە تىنچ ئاھالە ئۈستىگە بومبا ياغدۇرۇشقا باش بولغان تۈركىستان فرونتى قوماندانى م. ۋ. فىرۇنزې ھەمدە رايونلۇق سوۋېت ئەزاسى يۇ. ئىبراگىموۋ«بۇخارا ئىنقىلابىغا ئاكتىپ قاتناشقىنى ئۈچۈن» ئالتۇن قىلىچ بىلەن مۇكاپاتلاندى.
    دېمەك، ئۆزى قىيىن ئەھۋالدا قالغان، ياردەمگە موھتاج سوۋېت رۇسىيىسى ئەنە شۇنداق ياردەم كۆرسىتىش نىقابىدا بۇخاراغا قارماق تاشلىدى. ئەسلىدە ئۇلارغا بۇخارانىڭ ئالتۇن-تىللاسى، پاختا-يىپەكلىرى، قاراكۆل تېرىلىرى كېرەك ئىدى.
    (F. Qilichev. Mustaqillikning fojiali yo‘li. "Sharq yulduzi", 1992, 7-son, 151-bet).
    بولشېۋىكلار ئۆكتەبىر ئىسيانىدىن  كېيىن چار رۇسىيىدىن مىراس قالغان 1مىليارىد 64 مىليون300مىڭ ئالتۇن سومغا ئىگە بولغان ئىدى. بۇ مەبلەغدىن برسېت كېلىشىمى بويىچە گېرمانىيىگە 8125مىليون ئالتۇن سوم تۆلەندى. خەزىنىنىڭ 2355مىليون سومى ئادمىرال كولچاك قوشۇنلىرىنىڭ ئولجىسى بولۇپ كەتتى. قالغان 5755مىليون سوم پۇل ئىنقىلابنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا دال بولمايتتى. بۇخارا خەزىنىلىرىگە ئىنتىلىشنىڭ باش سەۋەبى ئەنە شۇ بولسا كېرەك. ئاسىيا ۋە پۈتۈن جاھاندىكى مەشھۇر شەھەر__بۇخارائى شەرفنىڭ بۇنداق شەپقەتسىز بومبادىمان قىلىنىشى، مۇنار، مەسچىت-مەدرىس ۋە مەقبەرىلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى موسكىۋادىكى رەھبەرلەر تەرىپىدىن قوللاپ رىغبەتلەندۈرۈلۈپ تۇرۇلغان. تۈركىستان فرونتى قوماندانى م. ۋ. فىرۇنزېنىڭ 1920-يىلى 3-سېنتەبىردىكى بۇيرۇقى قارىشىمىزنى ھەم تەستىقلايدۇ:«بارچە ئوزۇق –تۈلۈك (نان، غەللە، گۈرۈچ، يەم - خەشەك) لەر، ئەمىر ئارمىيىسىنى تەمىنلىگۈچى بەگلەرنىڭ ھەربىي ۋە ئوزۇق-ئوقەت ئامبارلىرى تېزدىن تۇركستان فىرونت مۈلكى ھىساۋىغا ئۆتكۈزىۋېلىنسۇن. ئىگىلەنگەن قورال -ئەسلىھە ۋە بىنالار فىرونت مۈلكى دەپ ئېلان قىلىنسۇن... قولغا چۈشكەن بارچە بايلىقلار قاتتىق نازارەت ئېتىلسۇن. بىرمۇ تۆمۈر ساندۇق ۋە خالتا(قاپ) لار ئېچىلمىسۇن. بارلىق ئالتۇن ۋە قىممەت باھا بۇيۇملار رويخەتكە ئېلىنىپ پېچەتلىنىپ تېزدىن سەمەرقەنت بانكىسىغا تاپشۇرۇلسۇن».
    (O'zRMDA, 46-f., 1-ro‘yxat, 81-ish, 1-bet).
    بۇخارادا تۇرۇپ 15-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلغان بۇلاڭ-تالاڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تۈرك كومىسسىيە ۋەكىلى گ. سەفەروۋ مۇنداق ئېتىراپ قىلغان:«بۇخاراغا كەلگەن رۇس قوشۇنلىرى ۋە قىزىل گۇۋاردىيەچىلەر ئەڭ دەسلەپ بۇلاڭچىلىق ۋە زوراۋانلىق قىلدى. ئالدىغا ئۇچرىغان ھەممە نەرسىنى بۇلاپ تالىدى.»
    (G. Safarov. Kolonialnaya revolyutsiya (Opyt Turkestana). M., 1921, str. 80).
    بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىۋاسىتە شاھىتى بولغان بۇخارا باسقۇنى رەھبەرلىرىدىن گ. زىناۋېۋ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاچكۆزلۈكى ھەققىدە موسكىۋاغا مۇنداق مەلۇمات يوللىغان ئىدى:« ئۈچ كۈنلۈك بۇلاڭ-تالاڭدىن كېيىن كونا بۇخارا چوڭ زىيانغا ئۇچرىدى، ئەمىر قەلئەسى ئۆرۈلدى، نۇرغۇن ئالتۇن ئوغرىلاندى».("Navqiron Buxoro". 1992 yil, 14 avgust).
    «ئىنقىلاب»نىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن بايلىقلا ر: ئالتۇن، كۆمۈش، قىممەتباھا  بويۇم ۋە قارا كۆل تېرىلىرى 14ۋاگونغا جايلاشتۇرۇلۇپ بىۋاسىتە موسكىۋاغا ماڭدۇرۇلدى.
    بايلىقلار شۇ ساناقلىق شەخسلەرگە تېگىشلىك ئىدى. چوڭلارنىڭ ھېكايە قىلىشىچە بۇخارا شەھرى ۋە بەگلىكتىكى نەچچە مىڭلىغان دۆلەتمەن كىشىلەرنىڭ ئاتا مىراس مال-مۈلكى شۇ تەرىقىدە ھەقسىز تارتىپ ئېلىنغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى بۇخارا ئەمىرى، بەگلىرى ۋە بايلىرىنىڭ مال-مۈلكى مەخسۇس پەرمان-بۇيرۇقلار ئاساسىدا مۇسادىرە قىلىنغان.
    شاھىتلار مەلۇماتىغا كۆرە «ئەمىر خەزىنىسىنى تالان-تاراق قىلىش جەريانىدا قىزىل ئەسكەر ۋە كوماندىرلار ئالتۇن-كۆمۈش ئۈستىدە مېڭىپ قەدىمكى بىباھا سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئوغرىلىغان». ("Voprosy istorii", №7, 1993, str. 51).
    VChKنىڭ تۈركىستاندىكى ۋەكىلى يان پېتېرس 1920-يىلى سېنتەبىردە ۋلادىمىر لېنىنغا تۆۋەندىكىدەك يازما ئاخبارات يوللىغان؛«بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مەن بۇخارا گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق قوماندانىنى قاماققا ئالدىم. چۈنكى ئاختۇرغان چاغدا ئۇنىڭدىن بۇ يەردىن بۇلاپ-تالاپ ئېلىۋالغان بىر قاپ قۇيما ئالتۇن، تىللا، كۈمۈش ۋە پۇل تېپىلدى. مېنىڭچە بۇخارا يۈرۈشى يۈزىسىدىن ئالاھىدە تەكشۈرۈش كومىسسىيىسى تەشكىللەپ بۇ تەرتىپسىزلىكلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش كېرەك».
    بۇخارا ئىنقىلابىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ موسكىۋاغا ماڭغان تۈركىستان فىرونتى قوماندانى پويىزىنىڭ VChKخادىملىرى تەرىپىدىن ئاختۇرۇلىشىنى ئەنە شۇ ئاخباراتنىڭ نەتىجىسى دېيىش مۇمكىن. بۇ مەسىلە 1920-يىلى 25-سېنتەبىردە تۈركىستان رېسپۇبلىكىسى ھۆكۈمىتىدە ھەم مۇزاكىرە قىلىنغان.1920-يىلى7-سېنتەبىردە بۇخارا رېسپۇبلىكىسى مۈلكىنى تىزىملاش ۋە قوغداش كومىسسىيە سى  قۇرۇلىدۇ. كومىسسىيە سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا ئۆز خادىملىرىنى چارجۆي، كەرمەنە، زىياۋۇددىن ، خاتىرىچى، شەھرى سەبز، كىتاب، تېرمىز، غۇزئار ۋە چىراقچىغا  ئەۋەتىپ قېچىپ كەتكەن بەگلەرنىڭ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. (O'zRMDA, 46-f., 1-ro‘yxat, 7-ish, 6-bet).
    شەھرى سەبزنى ئىگىلىگەن قىزىل ئەسكەرلەر ئۇ يەردە زور مىقداردىكى ئالتۇننى قولغا چۈشۈرگەن.  (Boevoy put Turkestanskogo voennogo okruga. M., 1959, str. 133).                بۇنىڭدىن تاشقىرى پاختا، ژۇڭ، يىپەك، قارا كۆل تېرىسى، قۇرۇتۇلغان مېۋىلەر ھەم مۇسادىرە قىلىنغان. بۇخارا چېگرالىرى تامامەن رۇسىيە قوشۇنلىرى بىلەن قوغدىلىش بەلگىلەنگەن. ھەتتا مەخسۇس بۇيرۇقتا «ھازىرقى كۈندە بۇخارانىڭ ئۆز قوشۇنلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن رېسپۇپلىكا چېگرالىرىنى رۇسىيە ئارمىيىسى قوغداپ تۇرىدۇ»دەپ تەكىتلەنگەن. (UzRMDA, 1-ro‘yxat, 2-ish, 32-bet).
            بۇ ئەلۋەتتە سىياسىي نەيرەڭ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس  ئىدى.
    شۇ تەرىقە بۇخارا جاھاندىن ئاجرىلىپ، بولشېۋىكلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشتى. كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان بۇ «ئىنقىلاب» بۇخارا خەلقىگە ئېغىر ماددىي زىيان كەلتۈردى. بۇخارا مەنىۋى جەھەتتىن ھەم مۆلچەرلىگۈسىز زىيان كۆردى. بولۇپمۇ مەسچىت-مەدرىسلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، بۇزۇلماي قالغانلىرىنىڭ بولسا قىزىل قوشۇنلارنىڭ ئات ئېغىلىغا ئايلاندۇرۇلۇشى، مۇقەددەس كىتابلارنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىشى، سوۋېتلار سىياسىتىنىڭ باشتىن-ئاياق ئادالەتسىزلىك ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىدىن دالالەت بەردى. بۇ تۈزۈمنىڭ بار-يوقى 70 يىلدا چەك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكىنى ھەم بىزنى ھەقسىزلىقنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاچچىق لېكىن ھەققانىي خۇلاسىگە كەلتۈرىدۇ.


    مەنبە: ئۆزبېكىستاندا چىقىدىغان «تەپەككۇر ژۇرنىلى»نىڭ 2007-يىللىق4-سانى

    ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: تۇنياز ئوسمان
    مەنبە : ئاققۇش مۇنبىرى