• قان بىلەن يۇيۇلغان ئار-نومۇس دېغى(رەسىملىك) - [تارىخي تىمىلار]

    قان بىلەن يۇيۇلغان ئار-نومۇس دېغى(رەسىملىك)

    _ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ۋاپاتىنىڭ 60يىللىقىغا بېغىشلايمەن


    1678-يىلى مىللەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى مۇناپىق ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ قارا قوساق سوپىلىرىنىڭ ئىچكى-تاشقى جەھەتتىكى ماسلىشىشى بىلەن جۇڭغارلار سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئىپلاس ئاياقلىرى ئارقىلىق بۇ ئېزىز تۇپرىقىمىزنى بۇلغىغاننى ئاز دەپ ھەر يىلى مىڭلاپ نۆۋەر يىگىتلەرنى ۋە مىڭلاپ پاك،غۇبارسىز،گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىنى<<غالچا يىگىت>>ۋە<<غالچا چوكان>>لىققا سالغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر دېگەن بۇ باتۇرلۇق،قەھىرمانلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ نۇرانە يۈزىگە قوللۇق ۋە جاھالەتنىڭ قارا دېغى سۈركەلدى.

    بۇ قارا داغ 1758-يىلى مانجۇلار جۇڭغارلارنىڭ قولىدىن بۇ زېمىننى تارتىۋالغاندىن كېيىن يەنىمۇ قېنىقلاشسا قېنىقلاشتىكى،ئەمما يۇيۇلمىدى.19-ئەسىرنىڭ60-70-يىللىرىدا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى خەلق قوزغىلىڭى مىللەتنىڭ يۈزىدىكى قارا داغنى بىر مەزگىل يوقاتقان بولسىمۇ،ئەمما كېيىنكى دەۋرلەردە قوقەنلىك ياقۇپ بەگ مىللەتنىڭ يۈزىدە يەنە يېڭى بىر داغ پەيدا قىلدى.بۇ داغ يۇيۇلۇپ بولالماي تۇرۇپلا  زۇ زۇڭتاڭ يەتمىش نەچچە مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىن كېلىپ  80نەچچە مىڭ ئەسكەرنى ھېچقانچە كۈچىمەيلا سۈر-توقاي قىلىپ،بۇ زېمىننى  ئىگەللەپ <<شىنجاڭ>>دېگەن تېخىمۇ مەرەز،تېخىمۇ پاسكىنا قارا داغنى مىللىتىمىزنىڭ يۈزىگە سۈركىدى.
    پەقەت ئارىدىن ئىككى يېرىم ئەسىرچە ۋاقىت ئۆتكەندە،يەنى 20-ئەسىرنىڭ30-يىللىرىدىن باشلاپ خەلقىمىز ئويغىنىشقا،ئەينەككە قاراپ ئۆزلىرىنىڭ يۈزىدىكى ئار-نومۇس دېغىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى.

    مانا مۇشۇنداق ئىجتىمائىي شارائىتتا شېڭ شېسەينىڭ چەكتىن ئاشقان،ئوچۇق-ئاشكارا زۇلۇمى خەلقنىمىزنى ھەقىقىي غەزەپكە كەلتۈرۈپ-قولىغا قورال ئېلىپ يۈزىدىكى ئىككى يېرىم ئەسىرلىك ئار-نومۇس دېغىنى يۇيۇپ،تارىختىكى نۇرانە سىماسىنى دۇنيا سەھنىسىدە قايتدىن پارلىتىش نىيىتى ۋە ئىرادىسىگە كەلتۈردى.ئار-نومۇسنى ئاقلاش يولىدا خېيىم-خەتەر،ئۆلۈم-يىتىم دېگەنلەر ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمىدى.ھەش-پەش دېگۈچە ئىنقىلاپ ئوتى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە قېرىنداشلىرمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدى.شەرق ۋە جەنۇبتىكى رايۇنلىرىمىزدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىنقىلاپ ئوتى تۇتىشىپ مىللىتىمىز چېھرىدە ئۈمىد نۇرى پارلىدى.

    1

    ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،بۇ قېتىم يەنە مىللىتىمىزنىڭ ھېسىياتقا بېرىلىش،دۈشمەنلەرنىڭ چىرايلىق ياغلىما گەپلىرىگە ئاسان ئىشنىش،ئازغىنە ياخشىلىقىغا  تەسىرلىنىپ كېتىپ،سۈيقەستىگە سەل قاراشتىن ئبارەت ئەجەللىك ئاجىزلىقى يەنە بىر قېتىم بىزنى داغدا قويدى.دۈشمەن ئەمدى ئاشكارە زۇلۇمدىن،ئاشكارە يوقۇتۇشتىن يوشۇرۇن زۇلۇمغا،يۇشۇرۇن يوقۇتۇشقا ،تەنى ئۆلتۈرۈشتىن روھنى ئۆلتۈرۈشكە ئۆتتى.
      ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى خەلق قان كېچىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئەر-ئوغۇللىرىنى تۈركۈم-تۈركۈم قۇربان بېرىپ،ئىنتايىن باتۇرلۇق ۋە ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان،غەلبە مېۋىسىگە قول يىتەيلا دەپ قالغان،دۈشمەن جەڭدە تامامەن مەغلۇپ بولغاندىلا،پەقەت شۇ چاغدىلا قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئىكەنلىكى تەكرار ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنى بىردىنلا سۆھبەت ئۈستىلىدىن ئىستىمەكچى بولۇپ،تۆمۈرنى قىزىغىدا سوقۇش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن،ئۇزاققا سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ ئۆز رېلىسىدىن چىقىپ كەتكەن،ئەينى ۋاقىتتىكى  ۋە بۈگۈنكى ئاۋام خەلقنىڭ تىلىكىنى ئورۇنلىيالمىغان بولسىمۇ ئەمما مىللىتمىزنىڭ  يۈزىدىكى 260يىللىق ئار-نومۇس دېغىنى يۇيۇپ چىقىرۋەتتى.ئۇيغۇر پەرزەنتلىتىنىڭ باتۇرلىقى،قەھىرمانلىقى،دۈشمەنگە باش ئەگمەيدىغانلىقى،ۋاقتى كەلگەندە قولىغا قورال ئېلىپ جەڭ قىلالايدىغانلىقى ۋە دۈشمەننى ئۆزى بىلەن يالغاندىن بولسىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلالايدىغانلىقىنى،ئۆز-ئۆزۈنى ئوبدان ئىدارە قىلالايدىغانلىقىنى،قوللۇقتىن،مەھكۇملىقتىن ئىبارەت ئار-نومۇس دېغىنى پەقەت ئىنقىلاپ ئوتىلا داۋالاپ ساقايتالايدىغانلىقىنى-يوقۇتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.دۇنيا ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنىڭمۇ كىچىك ئەمەسلىكىنى بىلدى.

    2

    3

     

    3

    5

    ئەي قەھىرمانلىرمىز،يەرلىكىڭلاردا قورۇنماي يېتىڭلار،سىلەر ئۇ دۇنياغا يۈزۈڭلار يورۇق ھالدا كەتتىڭلار.سىلەرنىڭ يۈزۈڭلار ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا يورۇق.سىلەر ياققان ئىنقىلاپ ئوتىنىڭ يالقۇنى يالغۇز سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى يورۇق قىلىپ قالماستىن،پۈتكۈل
    ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈزۈنى يورۇق قىلدى.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ260يىللىق ئار-نومۇسىنى سىلەر ئىسسىق قېنىڭلار بىلەن يۇيۇپ تازلىدىڭلار!سىلەرنىڭ سىمايىڭلار ھەرقاچان بىز ئەۋلادلارنىڭ قەلب ئېكرارنىمىزدا جۇلا قىلماقتا.تەڭرى تېغى،تەلكە تېغى،بۇغدا چوققۇسى<<مەن ئاق بايراق ئەمەس>>دەپ گۇۋالىق بېرىپ تۇرۇپتۇ،-ئەنە!

    6

    Xabnam mubirh