تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر(2) - [ئەدەبي ئەسەرلەر] |
5- پارچە خەت
[چولور=داركسلاتەگراي]تۇنجى سائەتلىك دەرس
سالام سابا، مېنىڭ جاۋابلىرىمنى كۈتۈۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن، ئەمما يېقىندىن بۇيان دەرسلەر بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە خېتىڭىزگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرالمىدىم، بۇندىن كېيىن ئامال بار چاققانراق جاۋاب يېزىشقا تىرىشىمەن.
سابا، مەن مەكتەپكە كېلىپ ئەتىسى (دۈشەنبە) ئەتىگەندە ئوقۇتقۇچۇم بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا بەرىپ، مەكتەپكە كىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىدىم، گ ئەپەندىنىڭ ياردىمىدە تېگىشلىك ئانكىتلارنى تولدۇردۇم، گ ئەپەندى يېنىمدا كۆرسەتمە بېرىپ تۇردى، ئۇنىڭ ياردىمىدە بۇ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشىم مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن خېلىلا تېز تۈگىدى.
چۈشتىن كېيىن گ ئەپەندىمنىڭ دەرسى بار ئىكەن، ئۇ مېنىڭ ئۆزىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغىم بار-يوقلۇقىنى سورىدى، مەن ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم، \"Siz ئوقۇتقۇچۇم تۇرسىڭىز، ئەلۋەتتە دەرسىڭىزنى ئاڭلىشىم kérekte!\" ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈلۈمسىرىدى، \"Rehmet, ئەگەر خالىسىڭىز مەن بىلەن بېرىپ دەرسىمنى ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ، بۇ يەردە سىز ئەركىن، چۈنكى سىز \"Visiting Scholar\". سىلەر بىرقەدەر ئەركىن بولىسىلەر، مەكتىپىمىزدە ئەركىن ھالدا ئۆز كەسپىڭىز ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسىڭىز bolidu...\" ئۇ ماڭا مېنىڭ بۇ يەردىكى ھوقۇقۇم ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى... ئۇنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى نەتىجىسىدە مەن مەكتەپ تۈزۈمىگە ئاىت نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەردار بولدۇم، ھەقىقەتەن بۇ يەردىكى مەكتەپلەرنىڭ دۆلىتىمىز مەكتەپلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار ئىكەن، بۇ ھەقتە مەن كېيىنكى خەتلىرىمدە ئايرىم توختالماقچىمەن.
شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 دا گ ئەپەندىم بىلەن دەرسخانىغا كىرىپ كەلدىم. سىنىپ ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، ئوننەچچە ئوقۇغۇچى سىنىپنى ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇشاتتى. ئۇلارغا سەپسالدىم، ئۇلار ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان ئىرقتىكى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ھەمممىسىلا ناھايىتى ياش ئىدى، گ ئەپەندى ئۇلارغا مېنى تونۇشتۇردى \"Bu ياق بۈگۈن كەلدى، فاكۇلتېتىمىز تەكلىپ قىلغان \"Viziting Scholar\", ئۇيغۇر ئۆرپ -ئادەت تەتقىقاتى بىلەن shughullinidu\" ئارقىدىن ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى \"Lale خانىم، سىز ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى xalamsiz?\" مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ qaldim,\"Elwette xalaymen!\". شۇ ھامان ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى قىزىقىش بىلەن ماڭا قارىشىپ كەتتى. ۋەتەندە مەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەرگەن، ھىچقاچان تەمتىرىمىگەن، ھەر سائەتلىك دەرسىمنى تولىمۇ تەمكىن ئۆتۈپ چىقاتتىم، ھەتتا تۇيۇقسىز دەرس ئاڭلىغىلى كىرگەن فاكۇلتېت مۇدىرلىرىگە ئۇچراپ قالغىنىمدىمۇ ئاسانلىقچە ھودۇقۇپ قالمايتتىم، ئەمما بۈگۈن نېمىشقىدۇر ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ خېلىلا تەمتىرىدىم...
گ ئەپەندىم بۈگۈنكى تېمىنى دوسكىغا يازدى-دە، ئاندىن ئوقۇغۇچىلاردىن مۇشۇ تېما ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىشنى تەلەپ قىلدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىنگلىز تىلىنى شۇنچىلىك راۋان سۆزلەيتتى، مەن ئۆزۈمنىڭ ۋەتەندە ئۆگەنگەن ئازغىنە ئىنگلىزچە سەۋىيەم بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر خىل تەلەپپۇزدىكى ئىنگلىزچە بايانلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمىنىلا چۈشىنەلىدىم، مەركىزىي ئاسىيا، ئۇيغۇرلار تارىخى، دېگەندەك ئۆزۈمگە تونۇشلۇق سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئىتتىك سۆزلىگەن سۆزلىرى بىلەن مەزمۇن جەھەتتىن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى ئويلايتتىم... ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا توردىن چۈشۈرۈۋالغان ماتېرىياللار بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭغا قاراپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى ۋە ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشاتتى، ھەممەيلەن دېگۈدەك مۇنازىرىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ھەر كىم ناھايىتى ئەركىن ھالدا ئۆز پىكرىنى بايان قىلاتتى... گ ئەپەندىم بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايانلىرىنى ناھايىتى دىققەت بىلەن ئاڭلايتتى ۋە ئارىلاپ سوئاللارنى قىستۇرۇپ قوياتتى، بەزىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى... گەرچە ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى تازا ياخشى چۈشىنەلمىگەن بولساممۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ قەدەر ئەستايىدىللىق ۋە قىزغىنلىق ماڭا خېلىلا تەسىر قىلدى، ئۇلار مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئوخشىمىغان بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشاتتى، قىزغىنلىق بىلەن تالاش-تارتىش قىلاتتى، ھەممەيلەن دېگۈدەك دەرس مەزمۇنى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئەپسۇس، مېنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەم ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىزغىن مۇنازىرىسىگە قاتنىشىشىمغا ئېغىر توسالغۇ بولۇۋاتاتى، كاللامدا \"Men تىرىشىشىم كەرەك، ئۇلارغا ئوخشاش ئۆز مەقسىدىمنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدىغان سەۋىيەگە يېتىشىم kérek\" دېگەن پىكىر ھۆكۈم سۈرەتتى...
سابا، مانا بۇ قاتناشقان تۇنجى سائەتلىك دەرس، بۇ بايانلىرىمنى ئوقۇغىنىڭىزدا قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىزكىن بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما ماڭا تەسىر قىلغىنى ئوقۇتقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ماھىرلىق بىلەن يېتەكلەش، ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەستايىدىل ئويلىنىش، ئەركىن پىكىر قىلىشتىن ئىبارەت ئوقۇتۇش مېتودى بولدى. ئۆزۈمگە كەلسەم، ئۆزۈمنىڭ ئىنگلىز تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارىمنىڭ تېخى ناھايىتى ناچارلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم، گەرچە يازما ماتېرىياللارنى لۇغەتنىڭ ياردىمىدە ئوقۇپ چۈشۇنەلەيدىغان بولساممۇ، ئەمما ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىم ھەقىقەتەن بەكلا ناچار ئىدى، مانا بۇ بىزنىڭ ۋەتەندىكى ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىدىكى بىر ئاجىز نۇقتا بولسا كەرەك، بۇ خىل پەقەت ئوقۇپ چۈشىنىشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىغا سەل قارىلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ زىيىنىنى مەن تۇنجى سائەتلىك دەرسنى ئاڭلاش جەريانىدا تېخىمۇ ھېس قىلماقتا ئىدىم.
خەير، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يازاي، باشقىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي يولۇققان ئۇقۇشماسلىقلار ھەققىدە كېلەركى خېتىمدە يازىمەن، بۇ ئۇقۇشماسلىقلار ئەڭ ئاۋال مېنىڭ ياتاقدىشىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمدە ئىپادىلەندى، ئىشىنىمەنكى سىز چوقۇم بۇلارغا قىزىقىسىز.
خوش، ئامان بولۇڭ. لالە