شاۋگۇەن دە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرۇسىدا توقۇنۇش يۇز بەردى - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن] |
شاۋگۇەن دە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرۇسىدا توقۇنۇش يۇز بەردى
جۇڭخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،6،ئاينىڭ 26.كۇنى سەھەر سائەت 2دە،شاۋگۇەن شەھىرى ۋۇجىياڭ رايونىغا ئورۇنلاشقان شۇ رى خەلقئارا چەكلىك شىركىتىدە شۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئىشچى خىزمەتچىلىرى بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرۇسىدا چوڭ سۇركۇلۇش بولۇپ،كەڭ كولەمدە ئۇرۇش توقۇنۇشى بولغان،118ئادەم يارىلانغان،بۇنىڭ ئىچىدە 79 ئۇيغۇر،16سى ئېغىر يارىلانغان،2 ئۇيغۇر جېنىدىن ئايرىلغان.ۋەقە يۇز بەرگەندىن كىيىن يەرلىك ھوكۇمەت جىددى مۇئامىلىدە بولۇپ ۋەقەنىڭ تېخىمۇ كەڭىيىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان.شەھەر پارتىكومنىڭ رەئىسى shujianhua،شەھەرلىك پارتىكومنىڭ كاتىۋى liyoubao،شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىغى lai ri xian،مۇئاۋىن شەھەر باشلىغى lan yin قاتارلىق رەھبەرلەر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ نەق مەيداندا خىزمەت ئېلىپ بارغان،سىرىتتا كاماندوروپكىدا بولۇۋاتقان شەھەر باشلىغى zhenzhentao تىلىفۇن ئارقىلىق خىزمەت يوليورۇغى بەرگەن. شەھەرلىك ج خ تارماقلىرى ئالايىدە ساقچى،قوراللىق ساقچى قىسىم،پاترون ساقچى ۋە ساقچىلاردىن 400نى تەشكىللەپ نەق مەيدان تەرتىۋىنى قوغدىغان،مۇناسىۋەتلك كىشىلەرنى ئايرىغان ۋە زەخمىلەنگەنلەرنى داۋالش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ بارغان.
ۋەقە يۇز بەرگەندىن كىيىن شاۋگۇەن شەھرى 6- دوختۇرخانىدىن سەھيە خادىملىرىنى تەشكىللەپ ئېغىر يارىدارلارغا نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان جىدىد قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدىن 48 قېتىم تىببى خادىملاردىن152قېتىم ئەۋەتىپ 120 ياردارنى بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 81ئادەم باشقىلار 39ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان( بۇنىڭ ئىچىدە ئېغر يارىدار 10، ئىككىى ئۇيغۇر قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان) ۋەقەگە قاتناشمىغان 600 ئۇيغۇر ئىشچىنى قوغداش ئۇچۇن يەرلىك ھوكۇمەت ئۇلارنى باشقا بىر نەچچە ئورۇنغا قوغداش سۇپىتىدە يوتكىگەن.خەۋەردە كورسۇتىشىچە بۇ زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلا بۇ يىل 5.ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھوكۇمەت تەرەپنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ توققۇزاق نايىسى(疏附县)دىن كەلگەن ئۇيغۇر دىھقان ئىشچىلىرى ئىكەن. (جۇڭخۇا تور بتىدىن ئۇزۇپ تەرجىمە قىلىندى). http://military.club.china.com/data/thread/1011/2686/25/63/4_1.html )
http://www.ganfang.com/bbs/viewthread-tid-6342-fid-13.html
ياكى بۇ جايدىن كۈرىڭ: http://bbs.club.sina.com.cn/thread-68-0/table-195879-5569.html
http://photo.jschina.com.cn/gb/jschina/photo/node21593/userobject1ai2217605.html
خەنزۇچە كۆپلىگەن تور ۋە مۇنبەرلەردە بۇ ۋەقە توغرىلىق خەۋەر بۇگۇن ئەڭ قىزىق نۇختىغا ئايلانغان.نۇرغۇنلىغان ھەقىقى ئەھۋالنى چۇشەنمىگەن تور ئابونتلىرى ئۇيغۇرلارنى ئەيىپلىگەن،ھەتتا بەزى يامان غەرەزدىكى كىشىلەر ئۇيغۇرلارغا نىسىپەتەن ئىرقى كەمسىتىش ،چەتكە قېقىش،ئىرقى قىرغىنچىلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرۇغا قويغان.بىر قىسىم خەنزۇ تورلىرى ۋە بلوگلاردا تارالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا،بۇ قېتىمقى ۋەقە شۇ زاۋۇتتىكى بىر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ خەنزۇ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىغى سەۋەبىدىن بولغانمىش.لىكىن يەنە بىر قىسىم خەنزۇ تور ئابونتلىرى بۇ ۋەقە تولۇق ئېنىقلانمۇغىچە قالايمىقان پىكىردە بولماسلىقنى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر بىز تور رەئىسى ئىلھام توختى ئەپەندى توردا ئوچۇق خەت يېزىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئېنىقلىنىپ ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇن يالغان-- ياۋاداق چوچەكلەرنى توسۇش ،بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللى كەمسىتىش،مىللى ئوچمەنلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان بايان ياكى پىكىرلەرنى توسۇشنى مۇراجەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا .يەرلىك ھوكۇمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىشچى خىزمەتچىللىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىززەت ئابرويىنى قوغداش لازىملىغىنى تەكىتلىدى ھەم بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقى تەپسىلاتىنى تىزدىن تەشكۇرۇپ ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.شۇنداقلا ھوكۇمەتنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۇچىنى ئىچكىرىگە يوتكەپ ئىشلىتىش سىياسىتىنى تەكشۇرۇپ تەتەقىق قىلىپ ئۇيغۇر ئەمگەك كۇچلىرىنىڭ ئەمگەك ئەركىنلىك ھوقۇقۇنى ئەمگەك قانۇنى بويىچە ھورمەتلىنىشى ۋە كاپالەت قىلىنىشى لازىملىغىنى ئوتتۇرۇغا قويدى. ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە گەرچە خەنزۇچە تورلاردا كۆپسانلىق تور ئابونتلىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى دە گۇناھنى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا ھەتتا ئۇيغۇرلارغا قويغان بولسىمۇ،ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن خۇلاسە خاراكتەرلىك پىكىرنىڭ مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۇچلىرىنىڭ تەشكىللىنىش جەريانى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى،مىجەز-خۇلقى ۋە خەنزۇچە تورلاردىكى ئىنكاس...تەرەپلەرگە بولغان چۇشۇنىشىگە نىسپەتەن بۇ ۋەقەدە ئۇيغۇرلارغا ئوچمەنلىكەتە بولغان ياكى ئۇيغۇرلارنى چۇشەنمەيدىغان خاتا چۇشەنگەن ۋە جاھىل ئىرقچى، مىللەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىگە قىلغان بىر قېتىملىق جىنايى قىلمىشى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرزلەيدىغانلىغىنى بىلدۇردى.ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ ئىشتا ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋال ئېنىقلىنىپ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن،ھىسياتقا تايىنىپ ئىنكاس قىلماسلىغىنى،لىكىن قانۇنى يولدا كۇزۇتۇپ،پىكىر قىلىپ ھەقانى بىر تەرەپ قىلىنىشنى تەلەپ قىلىشنى ئۇمۇت قىلىدىغانلىغىنى بۇلدۇردى.
مەنبە: ئۇيغۇر بىز
评论