• شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى(1) - [تارىخي تىمىلار]

    شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى

    ئاپتور:ئىلھام توختى  ھەنسۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: پەرھاد تۇرسۇن
      لەكسىيىنور: ئىلھام توختى
    لېكسىيە ئورنى: مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋەرستىت يىغىن زالى
    ۋاھتى:2005،يىلى 12.ئاينىڭ9.كۈنى 
    خىنجىئاڭ خ ئۇ ئا ر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىلىغىنى ھاتىرلەش
      رىياسەتچى: د.ر جاڭخەي ياڭ (مەركىز مىللەتلەر ئۇنىۋەرستىتى مىلەتشۇناسلىق ۋە سوتسىيالوگويە ئىئىنىستوتىنىڭ دېرىكتورى،دوكتور يېتەكچىسى

       سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇزاق مەزگىل بېسىپ قويۇلغان مىللىي مەسىلە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ گەۋدىلىنىپ چىقتى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ئورنىتىلغان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پرىنسىپلىرى تەۋرىنىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي ھاياتىدا كۈچلۈك سىلكىنىشلەر يۈزبەردى. مىللىي مۇناسىۋەت دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ مۇقىملىقىدىكى بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. لېكىن دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن مىللىي مەسىلىلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىمۇ روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. تۈزلا قىلىپ ئېيتقاندا، مىللىي مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق ئامىللار ئىقتىسادتتىن باشقا يەنە مىللەت، دىن ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىكى پەرق ھەمدە بۇ سەۋەبتىن ئاجىز توپ ئۇچرىغان تەڭسىزلىك ۋە ھوقۇق مەنپەئەتتىن مەھرۇم بولۇش قاتارلىقلاردۇر. شۇڭا باراۋەرلىك ۋە ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ( ئاپتونومىيە ھوقۇقى) دائىم مىللىي مەسىلىلەردىكى يادرولۇق مەزمۇنلاردۇر. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رويونىنى ئېلىپ ئېيتساق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان يېرىم ئەسىردىن بېرى، خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان تۈركۈم تۈركۈملەپ كۆچمەنلەرنىڭ ئېقىپ كىرىشى بىلەن بۇ يەرنىڭ مىللەت قۇرۇلمىسىدا جىددىي ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلدى. مىللىي تەركىب ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغدىكى 13 دىن كۆپىيىپ 54 كە يەتتى. تارىختىن بېرى شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتى جىددىي تۆۋەنلىدى. نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات سەۋىيىسىدە تۇرماقتا. ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات شارائىتى ۋە تەلىپى بويىچە ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات يوللىرىدا ماڭماقتا. لېكىن ئۇلارنىڭ دۇچ كەلگىنى ئوخشاش بىر خىرىس: زامانىۋىلىشىشنىڭ خىرىسى، قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقىنى ئوخشاش بىر ئىستىقبال: مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىك شەكلى، دىنى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، مائارىپى، كېلىمات ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەرقلەر مەۋجۇت. شىنجاڭنىڭ رايون ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، بولۇپمۇ غېرىبنى ئېچىش شارائىتىدا، شىنجاڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن رايون ۋە مىللىي تەرەققىيات ئىستىراگىدىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شىنجاڭدا تارىختىن بېرى ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ ياكى بېكىنمە ھالەتتە قالدۇرۇلغان ۋە بارغانسېرى چەتكە قېقىلغان ئەھۋال ئاستىدا نامراتلىقنىڭ يامان سۈپەتلىك چەمبىرىكىگە كىرىپ قالدى ياكى كۈچ سىنىشىشلار ئارىسىدىكى قۇربانلىققا ئايلاندى. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز لازىمكى، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بولمىسا جۇڭگونىڭ گۈللىنىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىشىشى بولمىسا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلىشىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر دائىم نامراق ۋە قالاق ھالەتتە تۇرۇۋەرسە شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قىيىنغا توختايدۇ. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا باھا بەرگىنىمىزدە بىز چوقۇم شىنجاڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېچىۋېتىش ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە تۇرۇپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىگە بېرىپ تاقىلىدىغان كەڭ دائىرە، تارىختىن قالغان مەسىلىلەر، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئومۇمىي ئەھۋال ۋە ھالەتكە دىققەت قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك يۈزلىنىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشىمىز لازىم. مەن ئىشىنىمەنكى، پۈتۈن دۇنيا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولغانلىقىنى شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن قانچىلىك مەنپەئەت ئالغانلىقىغا قاراپلا ئادىل باھالىيالايدۇ. بىزنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغاندا تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىدە شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر توپىنىڭ قىسمىتى ۋە ئىستىكىنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىنى كۆپ مەنبەلىك ۋە ئالاھىدە مەسىلە سۈپىتىدە يېشىپ بېرىشىمىز ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر.
    بۇ دوكلاتتا شىنجاڭدىكى خەنزۇلار نىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن تەھلىل قىلىنىدۇ: 1، مىللىي مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئاساسىي پرىنسىپلار. 2. شىنجاڭدىكى نوپۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بىلەن ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمدە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، 3. شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر توپىنىڭ مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارى، 4. بىلىمدىكى نامراتلىق ۋە مائارىپتىكى تەڭسىزلىك قاتارلىقلار، 5. ھوقۇق فۇنكىتسىيىسى ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇش ئىقتىدارى، 6. تۈزۈمدىكى يەكلەش، 7. گۇرۇھلارنىڭ تاكتىكىسىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى.

    1، مىللىي مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئاساسىي پرىنسىپلار

    مەيلى نەزىريىۋىي جەھەتتىن ياكى ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتايلى، دۆلەتنىڭ مىللىي مەسىلىدە ئوينىغان رولى ھالقىلىق رولدۇر. ئادەتتە دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنى مۇنداق ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭ بىرى، مىللىي ئەندىزە. بۇ خىل ئەندىزىدە غايەت زور مىللىي پەرق ھەتتا ئېغىر دەرىجىدىكى بۆلىنىش خاھىشى بار دۆلەتتە مەلۇم مىللەت توپى باشقا مىللەت توپىدىن بەكرەك ئەتىۋارلىنىدۇ. مىللىي ئەندىزە يولغا قويۇلغان دۆلەتتە، مىللەتچىلىك ماھىيەتتە پۇقرالىقنى ياكى زېمىننى ئاساس قىلغان بولماستىن بەلكى مىللەتنى ئاساس قىلغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ شەكىلدە دېموكراتىك تۈزۈمدە بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالارغا بولغان مۇئامىلە ۋە ھوقۇق مەنپەئەتكە كەلگەندە، دېموكراتىيە ئالدىن ئويلىشىلىدىغان مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئورۇن بوشۇتۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ بولسا قوللانغىنى مۇستەبىتلىك تۈزۈم بولۇپ، دائىم زورلۇق ۋە غەيرىي زورلۇق ۋاسىتىلىرى بىلەن بېقىندى ھالەتتىكى ياكى سانى ئاز بولغان توپقا تاقابىل تۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغانلارنىڭ ياكى كۆپ سانلىق كىشىلەر توپىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ئورنىنى ساقلايدۇ. يۇقىرىقى ئىككىلا خىل ئەھۋال ئاستىدا دۆلەتنىڭ رول ئوينىشى بىلەن، مەلۇم بىر مىللەت توپى ياكى ئۇنىڭ يەككە ئەزالىرى باشقا توپ ۋە يەككە ئەزالارغا قارىغاندا ئەۋزەللىككە ۋە ئالاھىدە ھوقۇق مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. ئازسانلىق مىللەتلەر ياكى ئاجىز توپ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدە نىشانىدىن سىرتتا قالدۇرۇلىدۇ. ئۇلار سىياسىي جەھەتتىلا ئەمەس مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىمۇ قىيىنچىلىققا يولىقىدۇ. لېكىن ھەرقانداق مىللىي توپنىڭ باراۋەرلىك، تەۋەلىك ۋە كىملىكتىكىنى ئىستىشى ئەڭ ئاساسلىق پرىنسىپ بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل سەل قاراش ۋە بېسىقتۇرۇلۇشنى كۆتۈرمەيدىغان ۋە مەسلىھەت قىلغىلى بولمايدىغان ئىنسانىي تەلەپتۇر. ئىككىنچى بىر خىلى دېموكراتىك ئەندىزە. دېموكراتىيە مەلۇم ئالاھىدە سىياسىي قۇرۇلما ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىللىنىش شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى خىل ئاساسلىق پرىنسىپى بار: بۇنىڭ بىرى ئەركىنلىك، يەنە بىرى جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باب باراۋەر بولۇشىدۇر. بۇ ئىككى خىل شەرتنىڭ ھەرقانداق بىرى كەم بولسا، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىك ۋە دېمىكراتىيە بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا، مىللىي بۆلىنىش ئېغىر بولغان دۆلەتتە ئورنىتىلغان دېموكراتىك سىياسىي گەۋدە يەنە دۆلەت ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ باراۋەر سىياسەت ئىجرا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مىللىي كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى جازالىشى ھەم نازارەت قىلىشى لازىم. دېموكراتىك ئەندىزىنىڭ مەقسىتى، ھەرقانداق بىر توپنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى ياكى دۆلەتنىڭ ئۇلارغا ئالاھىدە سالاھىيەت بېرىشىگە خاتىمە بېرىپ، ھەممىگە تەڭ كۆزدە قاراپ، بارلىق توپلارغا باراۋەرلىك ھوقۇقى بېرىپ، دۆلەتنىڭ ھەرخىل توپلارنىڭ رىقابىتىدىكى بىتەرەپلىكىنى ساقلاشتىن ئىبارەتتۇر. يەنى، دۆلەت بارلىق توپلارنى ئوخشاش ئۆلچەم بىلەن سالاھىيەتكە ئىگە قىلىشى زۆرۈر. جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۈتۈن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دىن، ئېتىقاد، مىللەت ۋە جىنس ئايرىماي قانۇن ئالدىدا تولۇق باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە باشقا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىللىي سىياسەتلەردە ئاپتونوم رايون ۋە ئوپتونومىيە يۈرگۈزگۈچى مىللەتنىڭ ھەرتۈرلۈك ھوقۇقلىرى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمىلەر بار. بۇ يەنە ئۆز رايونى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ھوقۇقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر بولغان ئاساستا ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكىي مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەپ، يېڭىچە تىپتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتۇر. بۇ خىل مۇناسىۋەت مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەم مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىسى ۋە بىر بىرىنى چۈشىنىشىگىمۇ پايدىلىق. ئوبيېكتىپ قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان بۇ يېرىم ئەسىردىن بېرى، شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا روشەن ئۆزگىرىشلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. ئۇلار ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئىلگىرىكى ئەجدادلارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىدى. شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىش ئەھۋالىدىمۇ ياخشىلىنىش بولدى. مەسىلەن ھەرقېتىملىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بار. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، سوت ۋە تەپتىش مەھكىمىسى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىقىنى شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەردىن بولغان كادىر ئۆتەۋاتىدۇ. شىنجاڭنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاش، دۆلەتنىڭ سىياسىي گەۋدىسى ۋە پۈتكۈل جۇڭگو جەمئىيىتى تەرىپىدىن يەنىلا ئېتىراپ قىلىنىدۇ. لېكىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا بىر قىسىم ئورۇم ۋە رەھبەرلەرنىڭ تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، قارىشى مۈجمەل، دۆلەت بىلەن يەرلىك، كوللېكتىپ بىلەن شەخس، مىللىي ئاپتونومىيىلىك رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن مىللىي تەرەققىياتنىڭ پايدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تونۇش يەنىلا ئىنتايىن غۇۋا.
    شىنجاڭدىكى نوپۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بىلەن ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمدە مىللەتلەر مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە شىنجاڭ غېرىبنى ئېچىشتىن ئىبارەت سانسىز ئەسىردە بىر كېلىدىغان پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگونىڭ 21- ئەسىردە غەرىپنى ئېچىشتىكى مۇھىم بازىلىرىدىن بىرى بولغان شىنجاڭ باشقا ئۆلكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان مول كان بايلىقلىرى ۋە فوتوتېرمال ئېكۋوتىك شارائىتقا ئىگە. تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق ماددىي ئاساس ۋە تەرەققىياتنى غەربكە يۈزلەندۈرىدىغان يەرلىك سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانىي كۇلتۇر ئەۋزەللىكىگە ئىگە. لېكىن غەرىپنى ئېچىش ستراتىگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەلۇم ماددىي شارائىتلارنى ھازىرلاشتىن باشقا يەنە بىرقەدەر ياخشى نوپۇس مۇھىت شارائىتىنىمۇ ھازىرلاش لازىم. بۇ نوپۇس سانىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى ھەم مۇۋاپىق نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە ياخشى نوپۇس سۈپىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇندىن باشقا نوپۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە يۆتكىلىش ئەھۋالى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە ئۆزگىرىشلەرمۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ غېرىبنى ئېچىش جەريانىدا كۈنسېرى ئېغىرلىشىدۇ. كۆپ مىللەتلىك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ زېمىن ئۈستىدىكى جايلىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەرقايسى رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش، ئۆلۈش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ئۆزگىرىشى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي يەنە نوپۇس ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ رايونلار ئارىسىدىكى ئېقىپ يۈرۈش ئەھۋالى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ
    شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنىڭ نوپۇس زىچلىقى كەسكىن پەرقلىنىدۇ. باشقا ئوبلاس ۋە ۋىلايەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىلى ئوبلاستىنىڭ نوپۇس زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر بىر كۋادرات كېلومېتىرغا 44.60 كىشى توغرا كېلىدۇ، ئۇندىن قالسا قەشقەر ۋىلايىتى، ھەر بىر كۋادرات كېلومېتىرغا 25.1 كىشى توغرا كېلىدۇ؛ ئەڭ تۆۋىنى بايىنغولىن ئوبلاستى بولۇپ ھەر بىر كۋادرات كېلومېتىرغا ئاران 2.4 كىشى توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۈچ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىمۇ سېلىشتۇرما ئىچىگە كىرگۈزسەك پەرق تېخىمۇ زور. شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، جەمئىي 54 مىللەت بار. مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ تارقىلىشى چوڭ دائىرىدە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 39. 87% نى ئازسانلىق مىللەتلەر 60. 137% نى ئىگىلەيدۇ. ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئاساس بولۇپ، پۈتۈن ئازسانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ 75.88%نى، پۈتۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ 45.62%نى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ، لېكىن نىسبەتەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ۋىلايەتلىرى ۋە بايىنغولىن، قىزىلسۇ قاتارلىق ئوبلاستلارغا (جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ۋىلايەتلىرى ۋە بايىنغولىن، قىزىلسۇ قاتارلىق بەش ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارغا جايلاشقان ئۇيغۇرلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇلرلارنىڭ تەخمىنەن 70% نى ئىگىلەيدۇ.) شۇنداقلا شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىلى ۋىلايىتى ( ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ) ۋە ئۈرۈمچى شەھرى (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ) ، شۇنداقلا شەرقى شىنجاڭدىكى تۇرپان (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى  ئەڭ كۆپ) ۋە قۇمۇل (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ) قاتارلىق جايلارغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇندىن باشقا سانجى ئوبلاستى (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىچىدە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ)، تارباغاتاي (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بارلىق مىللەتلەر ئىچىدە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ)، بۆرىتالا (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ)، ئالتاي (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بارلىق مىللەتلەر 3- ئورۇندا تۇرىدۇ) ۋە قاراماي شەھرى (ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ) قاتارلىق رايونلاردا ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان.

      2. خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى


                      شىنجاڭدىكى خەنزۇلار نوپۇسى روشەن ھالدا كەڭ تارقىلىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىكى زور كۆلەمگە ئىگە. شىمالىي شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ 73.  29% نى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەنزۇلار بولسا 26. 71% نى ئىگىلەيدۇ. ھەرقايسى ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلەرگە قارىغاندا، ھەرقايسى رايونلارنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ تارقىلىش ئۆز تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ ئىككى خىل تەسىرى بىلەن، ئۈرۈمچى، ئىلى ئوبلاستى ۋە سانجى ئوبلاستىدىكى خەنزۇلارنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر زور بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ 10% دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئۆز رايونىدىكى نوپۇس ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا 72.  72%، 44. 71% ۋە 74.  88%. بۇ ئۈچ رايوندىكى خەنزۇلارنىڭ نوپۇسىنى قوشقاندا پۈتۈن شىنجاڭدىكى خەنزۇلار نوپۇسىنىڭ 58.22%نى ئىگىلەيدۇ. ئۇندىن باشقا شىمالىي شىنجاڭنىڭ قارىماي، شىخەنزە، كۈيتۈن شەھەرلىرى ۋە شەرقى شىنجاڭنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 75%، ھەتتا 98% دىن يۇقىرى بولۇپ، خەنزۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن كۆپراقىنى ئىگىلەيدۇ.

    3. قازاقلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىش ئالاھىدىلىكى

                      شىنجاڭدىكى ئىككىنچى چوڭ ئازسانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتىدە، قازاقلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىشىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى. ئۇلار ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان. شىمالىي شىنجاڭدىكى قازاقلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى قازاقلار نوپۇسىنىڭ 94.27% نى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجادىكىسى بولسا ئاران 5.73% دۇر. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ۋىلايىتىگە بىر قەدەر مەركەزلەشكەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قازاقلار نوپۇسىنىڭ 36.76% نى ئىگىلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى قازاقلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى قازاقلار نوپۇسىنىڭ 17% دىن كۆپراقىنى ئىگىلەيدۇ. ئۆز رايونىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا 49.31% ۋە 24.63%. سانجى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن باشقا يەنە قۇمۇل ۋە بۆرتالالارغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

    4. خۇيزۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىش ئالاھىدىلىكى


                شىنجاڭدىكى خۇيزۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايونلارغا تارقىلىش ئالاھىدىلىكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن شىمالىي شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان. شىمالىي شىنجاڭدىكى خۇيزۇلارنىڭ نوپۇسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى خۇيزۇلار نوپۇسىنىڭ 83.27% نى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجادىكىسى بولسا 16.73% دۇر. رايونلار ئىچىدە سانجى ئوبلاستىدا ئەڭ كۆپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى خۇيزۇلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 21.45% نى ئىگىلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئىلى ۋىلايىتى ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى خۇيزۇلار نوپۇسىنىڭ 20.86% نى ئىگىلەيدۇ. ئۈرۈمچى 3- ئورۇندا بولۇپ، 18.71% نى ئىگىلەيدۇ. تارباغاتاي، تۇرپان، بايىنغولىن ۋە ئالتايلاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا 7.68%، 4.58 ۋە 6.69%.1949.يىللدىن بۇيان  خۇيزۇلارخىنجىئاڭدا نوپۇسى ئەڭ تەز كۆپەيگەن زاسسانلىق مىللەتت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ