-
جۇڭخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،6،ئاينىڭ 26.كۇنى سەھەر سائەت 2دە،شاۋگۇەن شەھىرى ۋۇجىياڭ رايونىغا ئورۇنلاشقان شۇ رى خەلقئارا چەكلىك شىركىتىدە شۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئىشچى خىزمەتچىلىرى بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرۇسىدا چوڭ سۇركۇلۇش بولۇپ،كەڭ كولەمدە ئۇرۇش توقۇنۇشى بولغان،118ئادەم يارىلانغان،بۇنىڭ ئىچىدە 79 ئۇيغۇر،16سى ئېغىر يارىلانغان،2 ئۇيغۇر جېنىدىن ئايرىلغان.
-
ھولوۋۇد فلىمچىسى مارك فوستېر قەشقەر كوناشەھىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھېسياتىنى ئىپادىلىدى - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن]
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان روھ، مەدەنىيەت ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان، - دەپ يازىدۇ مارك فوستېر ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا يازغان خېتىدە - مىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭدىكى خاس گۈزەللىكلەر بىلەن قىزغىن قارشى ئالغان بۇ شەھەرنىڭ ھازىر چېقىلىپ، ۋەيران قىلىنىپ كۆزدىن غايىپ بولۇشقا باشلىغانلىقىدىن مىنىڭ قەلبىم قاتتىق ئازاپلاندى!
-
6 - ئاينىڭ 20 - 21 - كۈنلىرى رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادا 10 - نۆۋەتلىك خەلقارالىق قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقىگە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئالجىرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، چىن(جوڭگو) ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئوتتۇزدىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن قارىلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ھازىر فىنلاندىيىدە ياشاۋاتقان ئوبۇل قاسىم قارى قاتناشقان
-
نەچچە ۋاقىتىن بېرى تورلاردا قەشقەر يۇپۇرغۇلۇق بىر ئۇيغۇر دىھقان
ياشنىڭ ھاۋانى يېقىلغۇ قىلدىغا ن بىرخىل يېڭى كەشىياتنى ئىجاد قىلغانلىقى بۇ ئارقىلىق بۇندىن كىيىكى دۇنيادا دۇچ كېلدىغان ئېنرگىيە مەسلىسىنى ھەل قىلشقا بۇلدىغانلقى ، بۇ ياشنىڭ بۇنۇڭدىن باشقا يەنە بىرقىسىم يېڭى كەشپىياتلىرىنىڭ بارلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بىرلىگەن، ھەم بۇ خەۋەرنىڭ راسلققىدىن گۇمان قىلىپ ئۈچۈرلگەن ئىدى. -
خەلقىمىز ئەركىنلىگىنى قولغا كەلتۈرگەندە،بۇ ئۇمۇمى يۈزلۈك مىللىي ئويغۇنۇش ئۈچۈن "ئۆچمەس تۆھپە"قوشقان Chui dangwei"نىڭ بۈگۈنكى "تۆھپىكار"رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر مىللىتى نامىدىن مىدال تەقدىم قىلىشنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك.چۈنكى،ئۇلارنىڭ ئۈزلىكسىز ۋە قاخشاتقۇچ زەربىلىرى بولمىغان بولسا ئىدى،ئۇيغۇر مىللىتى بۇ قەدەر چىداملىق ۋە ئويغاق ھالغا كەلەلمىگەن بولاتتى.
-
مۆھتەرەم ئىلھام توختى ئەپەندىنى سۈكۈتتە تۇرىۋالدى دەپ ئەيىپلەۋاتقىنىم يوق.ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىقلاردىن خەۋىرىم بار.شۇنداقتىمۇ، تېخىمۇ دادىل ھەركەت قىلىشى لازىم!
چۈنكى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇنى ھوقۇق- مەنپەتلىرىنى قۇتقۇزۇش،قوغداش،كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا،پۈتۈن ئۈمىتلەر ئىلھام توختىغا مەركەزلاشمەكتە. -
ئوتكەن يىلى 2.ئايدىن بۇ يىل 4.ئايغىچە بېيجىڭ تۇران تەتقىقات ئورنى ئۇىغۇر تەتقىقات مەركىزى ئۇىغۇر بىز تورى بىلەن بىرلىكتە" ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق قوغداش ئېڭى"توغرۇلۇق بىرلەشمە تەكشۇرۇش ئېلىپ باردى.بۇ قەتىمقى تەكشۇرۇش توردا تەكشۇرۇش ،ئايرىم پاراڭلىشىپ تەكشۇرۇش،سوئال قەرغىزى تارقىتىپ تەكشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقى ئېلىپ بەرىلدى.تەكشۇرۇشكە قاتناشقانلار 771 كىشىگە يەتتى.تەكشۇرۇش نەتىجىسى: -
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە بۇ يولدا پىداكارلىقلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بارلىق مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنى قوللاشقا،ئۇنىڭ ئەتىراپىغا ئۇيۇشۇشقا چاقىرىق قىلىمەن! يۇرتىمىزدا،ئىلھام توختى ئەپەندىدىنمۇ ئەقىللىلىق،بىلىملىك،سالاھىيەتلىك كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەرباپلىرىمىزنىڭ بارلىغىنى بىلىمەن.
-
ئوزىمىزنىڭ تىلى ۋە ئوزىمىزنىڭ يازىقىنى بىز ئوزىمىز قوغدىمىساق ،جارى قىلدۇرمىساق ،ئاسرىمىساق ،باشقىلار كىلىپ قوغداپ بىرەمتى.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ رەخبەرلىرى لام-جىم دىيەلمەي پوق يەپ قالغان توخۇدەك ھەر قايسىسى ئىلمىراق سوزلىسە بولمامدۇ دىيىشىپ ئوز ئىشخانىلىرىغا كىرىپ كىتىپتۇ
-
ئەمما لىندستراند ئەپەندى مەزكۇر ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت جامائىتى ئۈستىدىن ئىشپىيونلۇق قىلغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، مەسىلىنىڭ سەل مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە "چۈنكى بۇ پەقەت شۋېتسىيىگە قارشى ھەرىكەتلەرگىلا چېتىشلىق ئەمەس. ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئالاقىچى شېرىكلىرى بار" دېگەن، ئەمما مەزكۇرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان
-
15 مىنۇت بۇرۇن كەلگەن خەۋەردىن، تىچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى بولغان پالائۇنىڭ پرىزىنتى جوھنسون تورىبىئوڭ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستەرى ھىللاري كېلىنتوننىڭ ئالاھىدە مەكتۇپىغا جاۋابەن قايتۇرغان جاۋاپ مەكتۇپىدا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ گۇئانتانامودىكى 17 ئۇيغۇرنى ئوز دۆلىتىگە قوبۇل قىلىدىغانلىقى جاكارلاندى.
-
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىڭ 2004.يىلى 3.ئاينىڭ 14.كۈنى10.نۆۋتلىك 2.ئۇمۇمى يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاخىرقى نۇسقىسىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
"كىشىلىك ھوقۇق" دىگە سۆزنى ئوزۇن يىللار تىلغا ئالمىغان،تىلغا ئالسىمۇ تەنقىت قىلىش مەقسىدىدە تىلغا ئالغان جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىتىراپ قىلىشى ۋە بۇنى ئاساسى قانۇن -
قانۇنغا ئۇيغۇن تەشكىللىنىمىز،قانۇنغا ئۇيغۇن پائالىيەت قىلىمىز.سۆزلىگەن سۆز،يازغان يازما،قىلغان پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئاشكارە بولىدۇ.ھەر قانداق غەيرى قانۇنى،مەخپى ئىشلارغا قارشى تۇرىمىز.
قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ماددىلىرى ئاشكارا،ئىجىرا قىلىنمايۋاتقان قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ماددىلىرى ھەممىمىزگە ئايان. -
ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كشىلەر نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى سۈكۈت ئىچىدە قولدىن بېرىپ قويماقتا! مەن ئېيتىمەنكى، ھەر بىر كىشى، ھەر بىر مىللەت ئىززەت-ئابروي ساھىبىدۇر، جۇڭگونىڭ قانۇنى جۇڭگو پۇخرالىرى مىللەت، جىنس، دىن… ئايرىماستىن، بارلىق ھوقۇقلاردا باپ-باراۋەر، دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن. بىراق، رېئال تۇرمۇشتا، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى ئۈزلۈكسىز دەخل-تەرىزگە ئۇچرىماقتا، ھەتتا بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ ھاماقەتلەرچە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتمەكتە!!
-
بۇ ئالىملارنىڭ، بولۇپمۇ ئەركىن سىدىقنىڭ يۇرتىمىزدا 10 مىڭلىغان ئىخلاسمەنلىرى بار. ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىنىڭ بولسىمۇ، بۇ ئالىملارنىڭ لىكسىيەسىنى تىڭشىغانلىغى، قولىنى تۇتۇپ كۆرۈشكەنلىگى، ئىلىم-پەڭە يۈرۈش قىلىۋاتقان ياش ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئۈچۈن زور ئىلھام. چۈنكى ئۇلار ئالەمشۇمۇل ئالىملارنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتقانلىغىنى ئۆز قۇلىغى بىلەن ئاڭلىدى.
-
ئەي ئۈرۈمچىنىڭ مەردانە قاسساپلىرى،ئاق كۆڭۈل ئاشپەز-ناۋايلىرى! ئۇيغۇربىز! ئۈرۈمچىنىڭ تىچارەتچىلىرى،ھۆنەرۋەنلىرى،ئىشچىلىرى،ھامماللىرى،ئىشسىزلىرى!
ئۈرۈمچىنىڭ قىمارۋازلىرى،لۈكچەكلىرى،پاھىشىلىرى،خىرويىنكەشلىرى!..
سىلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆرمەتكە،شان-شەرەپكە،ئىپتىخارغا ئاچ ئىنسانلىرى.
غۇرۇر،شان-شەرەپ،ئىپتىخار شۇئاندا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا.ئۇ بولسىمۇ،سىلەرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىمىڭلار ئەركىن سىدىق. -
ئاپتور بۇ ماقالىسىدا، مىللىي رايونلاردا مىللىي خاھىشلارنىڭ كۈچۈيۈپ كىتىشىدىن مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنى جاۋاپكار قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە يەنە بىر قېتىم جوڭگودا ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ مىللىي رايونلاردا ئاپتونومىيەنى قەتئى بىرىشكە بولمايدىغانلىغىنى، بىرىلسە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئېقىمىنىڭ كۈچۈيىپ كېتىدىغانلىغىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
-
دېمەكچىمەنكى؛ جۇڭگو قىسقىغىنە 30 يىل ئىچىدە بازار ئىقتىسادى، ئىشىكىنى سىرتقا ئېچۋېتىش يولىدا، غەربتىكى دېموكىراتىك كاپىتالىستىك دۆلەتلەر بىلەن شۇنچىلىك ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كەتتىكى، تومۇر بىلەن قان، گۆش بىلەن تىرناق مۇناسىۋىتىدەك ئايرىلالماس ھالغا كەلدى. جۇڭگودا شەكىللەنگەن پۇلغا بولغان ئىشتىياق ۋە چوقۇنۇشنىڭ، چاڭجىياڭ، خۇاڭخې دەريالىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگىمۇ پەرۋاسىز قارايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىشى، كاپىتالىزىمنىڭ ئىجاتچىسى بولغان غەرب دۆلەتلىرىنى ھەم ھەيران ھەم تەشۋىشتە قالدۇرماقتا.
-
بىز ئەسلىگە كىلىشىنى تەقەزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان < ئۇيغۇر بىز تور بىتى > ئەسلىگە ،كەلدى. ئۇنىڭ يازمىلىرىدىكى ئىسىل كۆز قاراشلىرى ،ئۇنىڭ كۆپنى كۆرگەن ئىلغار ئىدىيىسى بىز ئۇيغۇرلارغا باشلامچى بولۇپ چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە كىتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلىقىگە ئۆزىنى تونۇش يولىدا بىر ماياك بولۇپ، ۋەتەننىڭ ۋە يۇرتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن يىڭى يول ئاچقۇسى ...
-
ئاتام زامانلاردىن قالغان ، تارىختا نەچچە رەت ئۇيغۇرنىڭ مۇستەھكەم ئۇلىغا ياۋ قىلچىدىنمۇ دەھشەتلىك ئۇرۇلغان ، يۇرۇت ئايرىمچىلقى ، مەزھەپچىلىك ، گۇرۇھۋازلىقلارنىڭ قارا بۇلۇتلىرى ، ھىلھەم بۇگۈنكى مەدىنىي دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ كاللىسى ئۈستىدە قارا سايە تاشلاپ ئەگىپ يۈرەمدىغاندۇ؟!.......
-
قەشقەر كونا شەھەر رايۇنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن پىكىر توپلاش ئىمزا توپلاش پائاليتى ئىلىپ بارغىلى تۇرۇپتۇ UNESCO(بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى) غا يوللايدىكەن. بۇ ئىش ھەممىمىزنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج قىنى سىزمۇ بىر بىلەت تاشلاپ قويۇڭ.
بىلەت تاشلاش ئادىرىسى؛ -
ھەزرىتى سۇلايماننىڭ ئولۈمىدىن كېيىن، مىسىرلىقلار بىلەن ئاسۇرلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا يەھۇدىيلار ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 586.يىلى بابىل پادىشاھى سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئىبادەتھانىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى ۋە يەھۇدىيلارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. İران پادىشى 11. كىروس يەھۇدىيلارنى تەكرار ئازاد قىلدى.
-
گەپنىڭ تېمىسى: ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئۆزىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەن`گېن ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا ھەرىكەتكە ئۈندەش ئېغىر جىنايەتمۇ ياكى نېسىپ بولمايدىغان پۇرسەتلەر بىلەن ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۈمىد يالىتىلغان ئېمىزگىنى زورلاپ سېلىپ ئۇخلىتىپ قويۇش ئېغىر جىنايەتمۇ؟
-
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھەممە مىللەت بىردەك باراۋەر.دۆلەت ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق ۋە مەنپەتلىرىنى قوغدايدۇ.ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىگىنى،ئىتتىپاقلىغىنى،ئۆزارا مۇناسىۋىتىنى ھىمايە ۋە تەرەققى قىلدۇرىدۇ.ھەر قانداق مىللىي كەمسىتىش ۋە ئىزىشنى چەكلەيدۇ.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى بۇزغۇچى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىنى چەكلەيدۇ.
-
مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى دەپ بىر شوئار چىقتى.....كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز ؟!.....دۆلەتكە !....
توغرا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز...ئەمما ئاۋال سىلىدىن، ئاندىن بىزدىن.....دەسلەپ چوڭدىن كەلسۇن.....دۆلەت بىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىشنى ئۈگتىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرسۇن.......
نىمىشقا دەملا ؟.... -
بۇ يامان غەرەزلىك كىشىلەر ھوقۇقتىن ئۇزاقلاشتۇرىلىشى لازىم.ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن بىر كىشىنىڭ باشقا مىللەتنى سۆيىشى ناتايىن.ئۆز مىللىتىگە ۋاپا قىلمىغان بىر كىشىنىڭ باشقا مىللەتكە ۋاپا قىلىشى ناتايىن.
-
ئالجىرىيە 1830.يىلىدىن 1962.يىلىغا قەدەر 132 يىل پىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالدى.ئالجىرىيىدە قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلدى.
1840-1850.يىللىرى ئارىسىدا،ئالىجىرىيەنىڭ ئەڭ مۇنبەت زېمىنلىرىدا يەرلىك خەلقنىڭ قولىدىن مەجبۇرى تارتىۋلىنغان 115.000 گېكتار تېرىلغۇ يېرى فىرانسۇز كۆچمەنلەرگە ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلدى. -
باش سەكىرتار خۇجىنتاۋ كومىنىستىك پارتىيەنىڭ 17.قۇرۇلتايدا "4 تە قەتى تەۋرەنمەسلىك"پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"4 تە قەتى تەۋرەنمەسلىك قايسىلار؟
داۋاملىق ئىدىيەنى ئازات قىلىشتا،ئىسلاھات-ئىشىكنى سىرتقا ئەچىۋەتىشتە،ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى تىكلەشتە،ئۇمۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەربا قىلىشتا قەتى تەۋرەنمەسلىك. -
پاسپورت ئېلىش رەسمىيەتلىرى چەتەلگە چىقىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بىر ئۆتكەل بولۇپ قالماقتا.بولۇپمۇ ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن مەككىگە تەييارلانغان دىندار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قاتمۇ-قات توسالغۇ،ئاسانلىقچە ئۆتكىلى بولمايدىغان سۈنئي ئۆتكەللەر قويۇلماقتا.
-
1991.يىلى سېۋىت ئىتتىپاقى ئۆزلىگىدىن تارقىلىپ كەتكەندىن كەيىن،جۇڭگوغا ھەربى تەھدىت يارىتىش ئىھتىمالى بولغان ھىچ بىر خوشنىسى قالمىدى.
جۇڭگو، رۇسسىيە،قازاقىستان،قىرغىزىستان،تاجىكىستانلار بىلەن تەكرار چەگرا كەلىشىملىرى ئىمزالىدى.ئاپغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن زھۇڭگونىڭ چەگرا مەسىلى يوق ئىدى.ھازىرمۇ يوق.
ھىندىستان بىلەن سۆھبەت داۋاملاشماقتا.ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈندىن-كۈڭە ياخشىلىنىۋاتىدۇ