بىن لادىن جوڭگۇدىكى كاتتىبىشىنى بىكىتتى - [ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن] |
بىن لادىن جوڭگۇدىكى كاتتىبىشىنى بىكىتتى
ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى«جامىستون فوند جەمئىيىتى» تور پونكىتىنىڭ يىقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزىنى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى دەۋالغان بىر قورالللىق ئۇنسۇرنىڭ جاكارلىشىچە، تىرورچىلار كاتتىبېشى بىن لادىن يىقىندا« شەخسەن ئۆزى»«بازا» تەشكىلاتىنىڭ جوڭگۇدىكى تارماق ئاپپاراتىنىڭ كاتتىبېشىنى تەيىنلىگەن. بۇ كىشى ناھايىتى ئېشەنچىلىك سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن جوڭگۇ ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئېنىستىتوتى تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى ۋېي بۇ خەۋەرنىڭ ئېشەنچلىكلىكىدىن گۇمانلىنىپ ، بۇ بەلكىم بەزى تىرورلۇق تەشكىلاتلىرى « بازا» تەشكىلاتى بىلەن دوست تارتىشىپ دەبدەبىسىنى ئاشۇرماقچى بولىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
«جامىس فوندجەمئىيىتى» تور پونكىتىدىكى ماقالىدە باشلىنىشىدىلا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بازا» تەشكىلاتى ۋە تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ بازىسىنى ئافغانىستاندىن تەدرىجى پاكىستاننىڭ غەربى شىمالى قىسمىغا يۆتكىشىگە ئەگىشىپ، يېڭىدىن پەيدا بولغان بەزى تىرورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ « بازا» تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېلان قىلماقتا. ئالدىنقى ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆزىنى ئۇخۇر دەپ ئاتىۋالغان بىر كىشى « بازا» تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسىلىق سالاھىيتى بىلەن بىن لادىننىڭ يىقىندا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ جوڭگۇدىكى كاتتىبېشىنى تەيىنلىگەنلىكىنى، بۇ كىشىنىڭ جوڭگۇ پۇقراسى، ئىسمىنىڭ ئابدۇلھەق تۈركىستانى ( 阿卜杜勒·哈克(Abdul Haq Turkistani ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇخۇرنىڭ تەكىتلىشىچە ئابدۇلھەق تۈركىستانىنى بىن لادىن شەخسەن تەيىنلىگەن بولۇپ ئاللىقاچان شىنجاڭغا يىلتىز تارتىپ بولغان.ئۇخۇرنىڭ دېيىشىچە ئابدۇلھەق نى يەنە « تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»گە رەھبەرلىك قىلىشقا ھوقۇق بەرگەن. ئۇخۇرنىڭ ئېيتىشىچە جوڭگۇدىن كەلگەن 300 قوراللىق ئۇنسۇر پاكىستاننىڭ غەربى شىمالىدىكى چىگرا رايۇندىكى مەشىق بازىسىدا مەشىق قىلىۋىتىپتۇ. بۇ كىشىلەر » تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»نىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئارىدىكى بەزىلىرى مەشىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتقان. خەۋەردە يەنە ئۆزىنى« شەرقى تۈركـىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ ئالاقىلاشقۇچىسى دەپ ئاتىۋالغان ئابدۇ سۇلايمانAbu Sulieman دېگەن كىشىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئىسپاتلىشىچە 42 ياشلىق ئابدۇلھەق ھازسىر جوڭگۇدا پائالىيەت قىلىۋىتىپتۇ. بىراق جامىس فوندى جەمئىيىتى تورىنىڭ بۇ خەۋىرىدىمۇ بۇنىڭدىن گۇمان قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ئابدۇلھەق، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئابدۇلھەق نەچچە يۈز بازا تىرورچىلىرى بىلەن پاكىستاننىڭ چىگرا رايۇنلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دېيىلگەنىدى. خەۋەردە يەنە ئاشكارىلاپ ئافغانىستاننىڭ تالىبانلاركونترۇللىقىدىكى رايۇنلاردا تەخمىنەن 250چە جوڭگۇلۇق ئىسلام رادىكال ئۇنسۇرلىرى بىن لادىننىڭ قوماندانلىقىىدا تىرورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ دېيىلدى.
8-چىسلا« يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جوڭگۇ ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئېنستىتوتى تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى ۋېي مۇنداق دېدى، بۇ خەۋەر ئەڭ دەسلەپتە ئىراندىن تارلغان. خەۋەر مەنبەسىلا گۇمانلىنىشقا ئەرزىيدۇ. يەنە كېلىپ« بازا» تەشكىلاتىنىڭ دائىم كۆرۈنىدىغان باياناتچىلىرى ئارىسىدائۇخۇر ئىسىملىك كىشى يوق.، ئۇنىڭدىن باشقا «بازا» تەشكىلاتى تارماق تەشكىلات قۇرۇش ئىشىدا ناھايىتى يۇقۇرى ئۆچەم تۇتۇپ كەلگەن. بۇ قېتىمقىسى ئۇلارنىڭ بۇ ئاداتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. لى ۋېينىڭ دېيىشىچە، بەزى تىرورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن « بازا» تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان بولۇشى مۇمكىن. نېمىلا دېگەن بىلەن « بازا »تەشكىلاتى دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق تىرورلۇق تەشكىلاتى بولغاچقا، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىيالىسا بەلكىم مەبلەغ قوللىشىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن. يەنە بىر ئېھتىماللىق تىرورچى ئۇنسۇرلار قەستەن يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ جوڭگۇنىڭ تىرورلۇققا قارشى سىياسەتلىرىنى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرماقچى بولىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە:
http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=1969