سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   ئىسلامدىكى مۇھەببەت توغرىسىدا _cat}

    خەتكۈچ:(تەۋىسيە)
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،سۈيۈملۈك مۇسۇلمان قېرىنداشلار:
    مەن بۇيىل 20ياشقا كىردىم ،بىر مەسلىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، بىلدىغانلار ياردەم قىلغان بولساڭلار،ئىسلامدا قىز-ئوغوللارمۇھەببەتلەشسە دۇرۇس بولامدۇ؟شۇنى بىر چۇشەندۇرۇپ قويغان بولساڭلار،بۇ مەسىلە توغرۇلۇق مەنلا ئەمەس خېلى كوپ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ياشلىرىئېنىق بىر چۇشەنچىگە ئىگە
    ئەمەس بولشى مۇمكىن.ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇنى بىلدىغانلارنىڭ بىزلەرگە يەتكۇزۇپ قويۇشىنى تىلەيمەن(ئامىن)
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەخمۇتۇللاھې بەركاتۇ.
    قېرېندېشېم سېز سورېغان بۇ مەسېلېگە شەخسەن مېنېڭ كۈرگەن كېتاپلېرېمغا ئاساسەن ئلېپ ئېيېتغاندا قەتتې بولمايدۇ ؛
    چۇنكې قېز -يېگېت مۇھەببەتلەشسە چۇقۇم كۈرۇشېدۇ ئەلۋەتتە بازاردا ئەمەس بەلكې خالې بېر جايدا كۇرۇشېدۇ شەرېئەن بۇنې قاتتېق چەكلېگەن ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلېمېز بۇ ئېشنې چەكلېگەن تۇرۇپ شۇنداق ئەۋجە ئەپكەتتې .
    قېرېندېشېم سېز ياخشې ئويلاپ بېقېڭ سېز كۇرۇشكەندە قېزنېڭ كۇزېگە قارېمامسېز قولېنې تۇتمامسېز بۇ گۇناھ ئەمەسمۇ نېمە ئۇچۇن ئاياللار يۇزېنې يۇگەيدۇ يات ئەرلەرنې ۋە ئۇزېنې گۇناھكار بوپقالماسلېغې ئۇچۇن .
    سېز ھەقېقې مۇسۇلمان ئەركەك بولسېڭېز ئەمېرېڭېزگە ئېلېپ ئاندېن مۇھەببەت باغلاڭ.مەن مۇشۇنچېلېك چۇشەندۇرەي باشقا قېرېنداشلارنېڭ تەپسېلې چۇشەنچە بېرېشېنې ئۇمۇت قېلېمەن ئاللاھ تائالا نېڭ سېلەرگە تەۋپېق ھېدايەت شەرمې ھايا ۋە بەخېت ئاتا قېلېشېنې تېلەيمەن (ئامېن)
    ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ

    «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر» (ئىسرا سۈرىسى، 32- ئايەت)

    ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:

    «مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، اﷲ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار. 
      مۆمىنە ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا)زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار)دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲ غا تەۋبە قىلىڭلار.»
    (نۇر سۈرىسى، 30-31 - ئايەتلەر)

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
    «بىر ئەر بىلەن بىر ئايال خالى يەردە قالمىسۇن، ئەگەر شۇنداق قىلسا ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ»...

    دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز، ئاللاھ تەئەلا يۇقىرىدىكى ئايەتتە «زىنا قىلماڭلار» دېمەستىن «زىناغا يېقىنلاشماڭلار» دېگەن. بۇنىڭ مەنسى زىناغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇنىڭغا سەۋەب بولىدىغان، ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان... ھەرقانداق ئىش ۋە ھەرىكەتتىن يىراق تۇرۇڭلار دېگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدا تىلغا ئالغىنىمۇ شۇ مەزمۇنلاردىن بىرى بولۇپ، ئەر - ئاياللارنى زىناغا ئېلىپ بارىدىغان يوللارنىڭ بېشىدا كېلىدىغانلىرىدىندۇر.

    نۇر سۈرىسىدىكى ئايەتلەردە بولسا ئايرىمچىلىق قىلماستىن ئەر ۋە ئايال مۇئمىنلەرگە بىردەك نامەھرەمدىن ساقلىنىش، يات ئەر ۋە يات ئاياللارغا تىكىلىپ قارىماسلىق، ئەمرىنى بېرىدۇ ۋە ئاياللارغا ئەرلەردىن پەرقلىق ھالدا كىيىم كىچەكلىرىنى قانداق كىيىشلىرى ھەققىدە بىر قىسىم بۇيرۇقلارنى چۈشۈرىدۇ.

    بۇنىڭغا ئاساسەن قىز - ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنىڭ تېكىستلىرىغا تۈپتىن زىت بولغىنىدەك، قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپتۇر.
    بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمىيەتتىكى «مۇھەببەتلىشىش»، «سىنىشىش»، «دوسلىشىش» (قىز - ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكىنى دېمەكچى) دېگەن ئىسىملار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايەتلەر، گۇناھ - مەئسىيەتلەر، قۇرئان كەرىم تەرىپ قىلغان، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىىسسالام ياشاپ كۆرسىتىپ بەرگەن ۋە تەلىم بەرگەن مۇئمىن - مۇسۇلمانلىققا پۈتۈنلەي زىت قىلمىشلار بولۇپ، ئۆزىنى مۇئمىن- مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان، تېخىمۇ توغرىسى «مۇئمىن - مۇسۇلمان» بولۇپ ياشىماقچى بولغانلار بۇنداق ئىشلاردىن قەتئىي ھالدا يىراق تۇرۇشلىرى ۋە قوللىرىدىن كېلىشىچە بۇنداق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىشلىرى لازىم.

    قىسقىسى ئىسلام دىنى ئەر - خوتۇنلارنىڭ بىر - بىرىگە مۇھەببەت باغلىشى، ۋە بۇ مۇھەببەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئەرلەرنىڭ مۇناسىپ كۆرگەن قىز - ئاياللارنى، ئاتا - ئانىسى ياكى ئۇلار بولمىسا ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان تاغىلىرى ياكى ئاكىلىرىغا ئوخشاش ئۇنىڭ ۋەلىسى بولالايدىغان كىشىلەردىن يوللۇق رەۋىشتە تەلەپ قىلىپ، ئەل - جامائەتنىڭ ئالدىدا چەك - چېگرىلار دائىرىسى ئىچىدە توي قىلىپ، نىكاھلاپ ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلاردۇر.

    بۇنىڭدىن باشقا يوللار بىلەن بولىدىغان قارشى جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق مۇھەببەت، سىنىشىش، دېگەندەك ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى
    «مۇئمىن - مۇسۇلمان»لار ئۈچۈن جائىز ئەمەستۇر
    مەنبە     http://www.uighurislam.net




  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى