سەردار بىلوگى قۇرلغىلى
  •   (رەسىملىك)مۇسۇلمان بولغان ياپۇنىيەلىك قىز!!! _cat}

    خەتكۈچ:(تەۋىسيە)

    ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ يىڭىدىن تۇغۇلغاندەك بولدۇم .
    مانا بۇ سۆزنى ياپۇنىيەلىك  ياپۇن قىزى ئەيىتقان . مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى خۇددى يىڭىدىن تۇغۇلغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم .بۇ ھىس- تۇيغۇ  مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن قەلبىمدىن قەتئى يوقالمىدى .
    دۇنيادا  ئىسلام دىنىمىزغا بولغان قىزقىش ،ۋە ئىسلام دىنىمىزغا كىرىش ، كۈندىن -كۈنگە كۆپۈيۋاتىدۇ . مانا بۇ  قىزقىش ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرۋاتقان دەۋلەتلەردىن بىرسى  بۇددىزىم دىنىگە ئەڭ كۆپ چوقۇنغۇچىلار  بولغان ياپۇنىيە . مۇشۇ 5 يىل ئىچىدە ياپۇنىيەلىك ياشلار ئىچىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلار خىلى كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ . بۇلاردىن بىرسى  بۇددىزىمگە چوقۇنۇپ  كىيىن ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىپ ، قۇرئان كەرىمنىڭ ياپۇن تىلى تەرجىمىسىنى ئوقۇپ ، سۈرىيە ، ئىئوردانىيە ، تۈركىيە ، قاتارلىق دۆلەتلەرنى كۆرۈپ  ياپۇنىيەگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن  توكيودىكى ئىسلام مەركىزىگە بىرىپ مۇسۇلمان بولغان   LEYKOخانىم .  مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن  LEYLA  دەپ ئىسىمىنى ئۆزگەرتكەن . يەنە ئىككى ياپۇن دوستىنىڭ  مۇسۇلمان بولىشىغا  سەۋەپچى بولغان . كەلىمە شاھادەت ئەيتىپ  مۇسۇلمان بولغان سائەتتىن باشلاپ ئىسلامى قىياپەت كىيىپ ، بىشىنى يىپىپ  ،ئىشلەۋاتقان شىركىتىگە بارغىنىدا ، شىركەت مۇدىرى   مۇنداق بىشىدا ياغلىق ئىشلەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەيىتقاندا  دەرھال  خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن .
    باش ياغلىقىم مىنىڭ پۈتۈن نەرسەم . باش ياغلىقىم بىشىمدا بولسىلا  اللە قا  ۋە دىنىمغا تىخىمۇ مۇھەببىتىمنىڭ ،ۋە ئىتىقادىمنىڭ كۈچۈيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمەن دەيدۇ  Leyla خانىم .
    ھازىر ياپۇنىيەدە  ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ  كۈنىگە  5 ياپۇن ياشلىرىدىن ئىسلام مەركىزىگە بىرىپ كەلىمە شاھادەت ئەيتىپ مۇسۇلمان بولۇۋاتقانلار باركەن .
    بۇ مۇسۇلمان بولغان LEYLA خانىم ، ھازىر  سۈرىيەدە ،بىر تەرەپتىن ئەرەپ تىلى ئۈگۈنۈپ ، بىر تەرەپتىن  ئەرەپ تىل يىزقىنىڭ خەتتاتلىق كۇرسىدا ئوقۇۋىتىپتۇ . ئوقۇشى پۈتكەندە ياپۇنىيەگە قايتىپ   پاپۇنىيە خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىگە كىرشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسى باركەن .





  • ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلان ئورنى