قىپچاق ھەققىدەرېۋايەت
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-20 11:01:44 كۆرۈلۈش سانى : 221
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
1
ئوغۇزخان لەشكەرلىرىنى باشلاپ جەڭ قىلىپ ئىتىل دەرياسى بويىغا كەلدى. بۇ دەريا ناھايىتى چوڭ ئىدى. ئوغۇز خاقان دەريانى كۆرۈپ «بۇ سۇدىن قانداق ئۆتەرمىز؟»دېدى. لەشكەرلەر ئىچىدە ئۇلۇس ئوردا بەگ دېگەن بىر ياخشى بەگ بار ئىدى، ئۇ قابىلىيەتلىك ۋە ئەقىللىق ئادەم ئىدى. ئۇ بەگ دەريا بويىدا نۇرغۇن دەرەخ شاخلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇنداق دەرەخ شاخلىرى «قىپچە» دېيىلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەگ ئاشۇ قىپچەلەرنى كەستى ۋە ئۇنى سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلىتىپ، ئۆزلىرى ئۈستىگە چىقىپ ئىتىل دەرياسىدىن ئۆتتى. ئوغۇز خاقان شادلىنىپ كۈلدى، ئېيتتىكى:«سەن بۇ يەرگە بەگ بولغىن، ئېتىڭ قىپچە بولسۇن» كېيىن ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرلەپ ماڭدى. «قىپچە» دېگەن سۆز ئاستا - ئاستا قىپچاققا ئۆزگەردى.
2
ئوغۇزخان ئەرەبىستان تەرەپكە قوشۇن تارتىپ بارغاندا، ئۇنىڭ باتۇرلىرىدىن بىر جەڭدە ئۆلۈپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى بولسا ھامىلدار ئىكەن. ۋاقتى - سائىتى توشۇپ، بوشىنىشقا بىر خالىي جاي تاپالماي، بىر دەرەخنىڭ كاۋىكىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئوغۇزخان بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ خوتۇننى بالىسى بىلەن ئوردىسىغا ئالدۇرۇپ پەرۋىش قىپتۇ. دەرەخنىڭ ئىچىدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بالىغا «قىپچە» دەپ ئات قويۇپتۇ. چۈنكى، دەرەختىن يېڭى چىققان شاخنى «قىپچە »دەپ ئاتايدىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن «قىپچە »سۆزى «قىپچاق»قا ئۆزگىرىپتۇ. بۇ بالا چوڭ بولغاندا لەشكەرلەر قوماندانى قىلىنىپ، خەرىز تەرەپكە ئۇرۇشقا ئەۋەتىلىپتۇ. ئۇ تەرەپلەرنى قولغا كىرگۈزۈپ، شۇ جايلاردا يەرلىكلىشىپ قاپتۇ. پۈتۈن قىپچاقلار قەبىلىسى بۇ ئوغۇلنىڭ نەسلىدىن ئىكەن.
3
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئوغۇزخان سىردەريا بويىدا بولغان بىر جەڭدىن قايتىپ كەلگەندە، ئۆزىنىڭ باتۇر بەگلىرىدىن بىرىنىڭ ئېغىر ئاياغ بولغان خوتۇنى ئىزسىز يوقىلىپ كېتىپتۇ. ئوغۇزخان شۇ خوتۇننى تاپتۇرۇش ئۈچۈن جەڭ بولغان جايغا ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئوغۇزخان ئەۋەتكەن ئادەملەر سىر دەرياسى بويىدىكى بىر قېلىن ئورمانلىقتىن يوقالغان خوتۇننى تېپىشىپتۇ. ئېغىر ئاياغ خوتۇن ئىچى كاۋاك بىر چوڭ دەرەخنىڭ ئىچىدە بىر ئوغۇل تۇغقانىكەن. خوتۇنىنى ئەھۋال ئاستىدا تاپقان ئادەملەر ئۇنى بوۋاق بىلەن بىللە ئوغۇزخاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئوغۇزخان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا «قىپچاق» دەپ ئات قويۇپتۇ. «قىپچاق» سۆزى«قىسىلچاق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. ئىچى كاۋاك دەرەخنىڭ قىسىلچىقىدا تۇغۇلغان ئوغۇلغا شۇنداق ئات قويغانىكەن.
|
|