قارايۈزى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 11:19:43 كۆرۈلۈش سانى : 104
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئۆتكەن زاماندا، يالقۇنتاغنىڭ باغرىدىكى دىياردا بىر تۇل خوتۇن ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئاتىسىدىن كىچىك قالغان بىر ئوغلى بولۇپ، بۇ ئوغۇل بەستلىك، قامەتلىك بىر يىگىت بولۇپ يېتىلىپتۇ. بۇ ئوغۇل بويىغا يەتكەندە ئۆزى ياشىغان يۇرتتىكى نامرات خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كويىغا چۈشۈپتۇ - دە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدىكى جىلغا سۈيىنى ئۆز يۇرتىغا باشلىماق بوپتۇ. بۇ يىگىت شۇ ئارزۇدا ئۆزىگە يارىشا مېتىن ۋە كەتمەن تەييارلاپتۇ ھەم سەپەرگە جابدۇنۇپتۇ. ئۇ سەپەرگە ماڭغان چېغىدا ئاپىسىغا:«ئاپا، سىز ھەركۈنى ماڭا تاماق ئاپارغان ۋاقتىڭىزدا تۆگىنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىپ قويۇڭ. مەن ئاۋازنى ئاڭلىغاندا ئالدىڭىزغا كېلىمەن. سىز ھەرگىز مېنى كۆرىمەن دەپ دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقماسلىققا ۋەدە بېرىڭ ھەم ۋەدىگە ۋاپا قىلغايسىز» دەپتۇ - دە، يولغا راۋان بوپتۇ.
يىگىت ئۆزى كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن زور غەيرەت - شىجائەت بىلەن ئىشلەپتۇ. ئۇنىڭ ھەربىر ئورغان مېتىنىدىن ئۆيدىن - ئۆيدىن يوغان تاشلار ھەر تەرەپكە ئوت چاچرىتىپ پارچىلىنىدىكەن. كەتمەننى ھەربىر قېتىم چاپقاندا كىچىك - كىچىك دۆڭ - يوتىلارنى تۈزلىۋېتىدىكەن. يىگىت ئاچقان زۇمرەتتەك سۇلار ئېرىق بويلاپ پەسكە قاراپ ئېقىشقا باشلاپتۇ. يىگىت ئېرىق چېپىپ خىلىلا ئاۋۇتۇپتۇ.
ھەركۈنى ئوغلىغا تامام توشۇيدىغان ئاپىسىنىڭ ئىچى پۇشۇپ، ئوغىلىنىڭ سىرلىق ئىشىنى كۆرمەكچى بوپتۇ. بىر كۈنى ئاپىسى قوڭغۇراق ئاسقان تۆگىنى خېلى يىراق بىرجايغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئوغلىنىڭ ئىشىنى كۆرۈپتۇ. ئوغلى ئانىدىن تۇغما ھالدا كۈچەپ ئىشلەۋاتقانىكەن. بۇنى كۆرگەن ئاپىسى ناھايىتى ئەپسۇسلىنىپ خىجىل بوپتۇ - دە، كەينىگە يانماقچى بوپتۇ. دەل شۇ چاغدا يىگىت :«كەينىڭگە قارا» دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئىشىتكەندەك بوپتۇ - دە، دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ ئاپىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ. نومۇستىن ئۆزىنى يۇشۇرۇشقا جاي تاپالمىغان يىگىت ھەسرەت بىلەن «ھەي ئاپا، ۋەدىگە ۋاپا قىلماي قارا يۈز بولدىڭىز» دەپ خىتاب قىپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۆسەڭدىكى سۇ دەھشەت بىلەن قەھرىلىك دولقۇنلىنىپتۇ - دە، تېرىك بويى ئېگىزلىككە كۆتۈرۈپتۇ ۋە بىردىن پەسىيىپ يىگىتنى يۇتۇپ كېتىپتۇ. ئاپىسى بۇنى كۆرۈپ قىلمىشىغا مىڭبىر پۇشايمان قىپتۇ. يەرگە كىرەي دېسە يەر قاتتىق، ئاسمانغا چىقاي دېسە ئاسمان ئېگىز بىلىنىپتۇ - دە، ئوغلى باشلىغان جىلغا ئىچىدە يىغلاپ - قاقشاپ يۈرۈپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. بۇ جىلغىنىڭ نامى شۇنىڭدىن كېيىن «قارايۈزى» دەپ ئاتالغانىكەن. |
|