ھەزرىتى موللام مازىرى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-22 17:54:05 كۆرۈلۈش سانى : 212
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە ئوپال يېزىسىدىكى «ئازىق دارىسى» نىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە بىر قىزىلتاغ بولۇپ، بۇ تاغنىڭ ئالدى تەرىپىدە «ئەجدىھا ئۇۋىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۆڭكۈر بار ئىكەن. يېتۈك موللام مەھمۇدنىڭ دەۋرىدە شۇ ئورۇندا ئەجدىھا بولۇپ، ئۇ دائىم موللام بېغى كەنتنىڭ خەلقى ۋە مال - ۋارانلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇپ كېتىپ، يۇرتقا ۋەھىمە سالىدىكەن. پۇقرالار ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنالمىغانلىقتىن ، ئۇلار يۇرت ئۆلىماسى مەھمۇدتىن ئەجدىھانى يوقىتىش ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن موللام ئۆز خەلقىنى ئەجدىھانىڭ ھالاك قىلىشىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىككى يېنىغا ئىككى تال قىلىچىنى باغلاپ ئەجدىھاغا تاقابىل تۇرماق بوپتۇ. ئەجدىھا دەم تارتقاندا موللامنىڭ ئىككى يېنىغا باغلانغان قىلىچ ئەقدىھانىڭ ئىككى جاۋغىيىنى تىلىپ ئىككى بۆلەك قىلىپ، ئۇنى ھالاك قىپتۇ. موللاممۇ ئەجدىھانىڭ تەسىرى بىلەن ۋاپات بوپتۇ. بۇ تاغ شۇنىڭدىن باشلاپ «ھەزرىتى موللام مازىرى » دەپ ئاتاپ، نەچچە ئەسىردىن بۇيان تاۋاپ قىلىپ كەپتۇ. بۇ مازارنىڭ ئەتراپلىرى ئالىمنىڭ شەرىپىگە «ھەزرىتى موللام تېغى» دەپ ئاتىلىدىكەن. كېيىنكى زامانلاردا «ھەزرىتى موللام مازىرى » نىڭ نامىنى تېخىمۇ تۇلۇقلاپ، «ھەزرىتى مەۋلانە شەمسىدىن ئەللامۇ مەھمۇدىيە» دەپ ئاتاشقانىكەن.
|
|