تۇزتاغ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-08 11:53:41 كۆرۈلۈش سانى : 112
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە تاشمىلىق يېزىسىنىڭ غەربىدە «تۇزتاغ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغ بار. بۇ تاغ ھەققىدە تۈرلۈك رىۋايەتلەر بولسىمۇ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك:
قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شىكارغا چىقىپ تاغ ئاغزىغا كەلگەندە ئۇزۇق - تۈلۈكى، تۇزلىرى تۈگەپتۇ. ئوردىغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇزۇق - تۈلۈك ئالدۇرۇپ كەپتۇ. لېكىن، ئەۋەتكەن ئادەم تۇز ئېلىپ كەلمەپتۇ. تاماق تۇزسىز بولسىمۇ شىكار كۆڭۈللۈك بولغاچقا پادىشاھ خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ قاپتۇ ۋە تۇز تېپىشقا ئادەم ئەۋەتىپتۇ. ئىككى كۈندىن كېيىن بىر ئاپقۇر تۇز تېپىپ كەپتۇ. تاماق يەۋېتىپ پادىشاھ ۋەزىرنىڭ ئەقىللىقلىقىنى سىناش ئۈچۈن ۋەزىرگە :«دۇنيادا نېمە تاتلىق؟» دەپتۇ.
پادىشاھنىڭ تۇخۇمغا ئامراقلىقىنى بىلگەن ۋەزىر:«تۇخۇم» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ جىملا تۇرۇپتۇ. پادىشاھ جىملا تۇرۇپتۇ. شىكار ئاياغلىشىپ قايتماقچى بولۇپ چېدىر - بارگاھلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. پادىشاھنىڭ ئاشپىزى ئازغىنا قالغان تۇزنى تۆكۈۋەتمەكچى بوپتۇ. پادىشاھ بىلەن شىكارغا چىققان دانا - ئۆلىما بىر كىشى بارئىكەن. ئۇ شىكاردا كېسەل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. ئۇ ئەسلىدە شاھنىڭ ئەقىل كۆرسىتىدىغان خاس مەسلىھەتچىسى ئىكەن. ئۇ كىشى ياتقان ئورنىدىن سەل مىدىرلاپ:
- ئۇلۇغ شاھىم، تۇز پۈتۈن تائامغا مەززە كىرگۈزىدىغان ئۇلۇغ نەرسە، ھەممىمىز ئاللاغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلىپ، تۇزنى مۇشۇ تاغقا چاچايلى، دۇئايىمىز ئىجابەت بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. بۇ تاغ تۇزتاغقا ئايلانسا، پۈتۈن ئىنسانلار بەھىرىمەن بولسا، - دەپتۇ. دۇئا ئىجابەت بولۇپ قىزىلتاغ تۇزتاغقا ئايلىنىپتۇ. بۇلار قايتىش ئالدىدا ھېلىقى كېسەل كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ «مېنى مۇشۇ جايغا قويساڭلار» دەپ ۋەسىيەت قىپتۇ. ئۇ جان ئۈزگەندە ۋەسىيىتى بويىچە تاغ باغرىغا قويۇپتۇ. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن شاھ چىقىپ گۈمبەز چۆرۈپ بۇ جاينى «قىزىل جېيىم» دەپ ئاتاپتۇ. بۇ مازار ھازىرمۇ بار. پادىشاھ ئالدىراش كېتىۋېتىپ ۋەزىردىن توساتتىن:«تائامنىڭ مەززىسى نېمە بىلەن؟» دەپتۇ. ۋەزىر ئىككىلەنمەي:«تۇز بىلەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرنىڭ جاۋابىغا قايىل بوپتۇ.
تۇزتاغنىڭ رىۋايىتى ئارقىلىق كىشىلەر تۇزتاغنى قەدىرلەيدىغان بوپتۇ.
بۇ تاغنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئون كىلومېتىر، كەڭلىكى يەتتە - سەككىز كىلومېتىر كېلىدۇ |
|