تەلەمەت
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-22 12:54:56 كۆرۈلۈش سانى : 118
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تەلەمەت داۋىنى ئۆزىنىڭ ھاۋا كىلىماتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆزگىرىشچانلىقى، داۋان يولىنىڭ زىيادە تىكلىكى بىلەن تارىختىن بۇيان مەشھۇردۇر. تەلەمەت ھەققىدە بۇرۇندىن تارتىپ كىشىلەر ئىچىدە «داۋاننىڭ تىكلىكىدىن ئالدىڭغا ماڭغان ئات - ئېشەكنىڭ تېزەكلىگەن تېزىكى يەرگە چۈشمەي بېشىڭدىن ھالقىدۇ» دېگەندەك سۆزلەر تارقالغان. ئىلگىرى بۇ داۋاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئات - ئېشەك كارۋانلىرى بىر كۈن سەرپ قىلىپ تەييارلىق قىلىدىكەن. يېرىم كۈن داۋانغا ئۆرلەپ، يېرىم كۈن پەسكە چۈشىدىكەن. ئەگەر جۇدۇنغا يولۇقۇپ قالسا، بارلىق تەئەللۇقاتتىن، ھەتتا جېنىدىن ئايرىلىدىكەن. شۇڭا، كارۋانلار ھاۋانىڭ تۇراقلىق بولۇشىنى كۈتۈپ، داۋاننىڭ قاپتىلىدا ھەپتە - ئون كۈنلەپ ساقلاپ ياتىدىكەن. كىشىلەر تەلەمەت يولىنى «بارسا كەلمەس يول» دەپ ئاتىشىدىكەن. بۇرۇنقى زاماندا كۇچادىيارى ئۆز ئالدىغا پادىشاھلىق بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قوشنىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىمايدىكەن. شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان، كۆككە تاقاشقان تەڭرىتاغ چوڭ توساق ئىكەن. بۇ تاغدىن ھېچبىر جانلىق ئۆتەلمەيدۇ دەپ قارىلىدىكەن.
كۈنلەردىن بىر كۈنى، كۇچا خانلىقى تەۋەلىكىدىن ئەمەت ئىسىملىك بىر كىشى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، خاننىڭ زىندانىغا قامىلىپتۇ. خان تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ شىكايەتنامىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەمەتنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ. ئەمەت دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىگە بېرىلگەن جازادىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ، زىنداندىن قېچىپ چىقىپتۇ. ئەمەت قاچقاندىن كېيىن پادىشاھ ھەممە يەرگە ئەمەتنى تۇتۇش ھەققىدە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. ئەمەت كۇچا تەۋەلىكىدە تۇرۇش ئىمكانىيىتىنى تاپالماي جاننى ئالقانغا ئېلىپ، كۇچا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ قېچىپتۇ. ئەمەت توختىماي ئىلگىرىلەپ، تاغ جىرالىرىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ چوڭ كۆل، كىچىك كۆللەرگە يېتىپتۇ. «ھېچقانداق جانلىق ئۆتەلمەيدۇ» دەپ قارالغان قار - مۇز قاپلىغان چوققىغا ئۆرلەپ چىقىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ياساۋۇللار داۋاملىق قوغلاۋېرىشتىن ھەزەر ئەيلەپ، قايتىپ كېلىپ ئەھۋالنى شاھقا مەلۇم قىپتۇ. شاھ بۇنى ئاڭلاپ، ئاچچىقىدا ساقاللىرىنى قاماللاپ تۇرۇپ:
_ ھەي تەلۋە، ھەي تەلۋە ئەمەت! - دەپ تىترەپ كېتىپتۇ. بۇرۇندىن سىرلىق دەپ قارىلىپ ، ئادەم، ئات - ئۇلاغ ماڭمايدىغان بڭ داۋان يولى ئەمەتنىڭ تەككۈل قىلىپ مېڭىشى بىلەن ئېچىلىپ، كارۋانلار قاتنايدىغان بوپتۇ.
كىشىلەر داۋان يولىنىڭ نامىنى ئاتاشتا پادىشاھنىڭ دېگىنىگە ماسلاشتۇرۇپ، «تەلۋە ئەمەت داۋىنى» دەپ ئاتاپتۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ داۋان «تەلەمەت داۋىنى» دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ. ھازىرمۇ شۇنداق ئاتىلىۋېتىپتۇ.
|
|