چەشتاغ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 15:31:31 كۆرۈلۈش سانى : 102
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى تاشمىلىق يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا بىر ئارالچى تاغ بولۇپ، ئۇ «چەشتاغ» دەپ ئاتىلىدۇ. تاغنىڭ چوققىسى تىك، يانباغرى قىيپاش بولۇپ، خۇددى سورۇپ تەييارلانغان بۇغداي چەشىگە ئوخشايدۇ. تاغنىڭ پەس تەرىپىدىن سوزۇلغان ئىككى كىچىك جىلغا بەئەينى بۇغداي چەشىدىن ئايرىلغان سامان دۆۋىسىگە ئوخشايدۇ. چەشتاغنىڭ ئۈستىدە تۆگىنىڭ ۋە ئاتنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغان تاشلارمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ.
چەشتاغ ھەققىدە يەرلىك خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت ساقلىنىپ كەلمەكتە:
قەدىمكى زاماندا چەشتاغ ئەتراپىغا ماكانلاشقان(چەشتاغ ئاپرىدە بولماستىن بۇرۇن) تاشمىلىق خەلقى ھازىرقى چەشتاغ ئورنىنى ھەريىلى خامان قىلىدىكەن. چۈنكى بۇ يەرنىڭ ئورنى ئېگىز، شاماللىق، تۇپرىقى داڭ - قاتتىق بولغانلىقتىن خامان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ياخشى ئورۇن يوق ئىكەن.
ھەر يىلى بۇغداي پىشقاندا ئۈنچىلەرنى بۇ چوڭ خامانغا توپلاپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ خامان ئېلىشىدىكەن. ئورما ۋاقىتلىرىدا مۇشۇ خاماندا باراۋەت قىلىپ مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىشىدىكەن.
بىر يىلى، بۇغداي بەك ئوخشاپتۇ، بۇغداينىڭ كۆپلۈكىدىن خامانغا پاتماق قاپتۇ. دېھقانلار خالىس نىيەت بىلەن بۇغدايلىرىنى بىر يەرگە چەشلەپتۇ. بۇغداي گويا تاغدەك دۆۋلىنىپتۇ. مۆتىۋەرلەر خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرىكەت بېرىشنى تىلەپ چەشنى بىر كېچە قوندۇرۇپ، ئەتىسى كۈن بىلەن تەڭ ئۇسىدىغان بولۇپ مەسلىھەت قىلىشىپتۇ.
ئەپسۇسكى، ئەتىسى چەشنى ئۇسۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا تاشمىلىقنىڭ غەربىدىكى «ئۇلۇغ ئارت» دەشتىدىن زوراۋان، سۆرۈن تەلەتلىك، بەتبەشىرە قاراقچىلار بېسىپ كەپتۇ. خەلقنىڭ قەھرى - غەزىپى تېشىپتۇ. ئۇلار ئارا، كالتەك، گۈرجەك، توقماقلارنى ئېلىپ تۇلۇق قوراللانغان قاراقچىلار بىلەن ئېلىشىپتۇ. قاراقچىلارنىڭ نەيزە - قىلىچلىرى ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان ئات، تۆگىلىرىنى ئېلىپ، بۇغداي چەشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ غەلىبە تەنتەنىسى بىلەن بەزمە قىلىشقا باشلاپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا قىرغىندىن ئامان قالغان خەلق ۋە يۇرت ئاقساقاللىرى يىغىلىپ خۇداغا قاتتىق نالە - پەرياد قىپتۇ ۋە:
«ئى خۇدا، بىر يىللىق قان تەر بەدىلىگە كەلگەن بۇغداي چەشىنى ئۇلار ئېلىپ كەتكىچە، ئۇنى بىر تاغقا ئايلاندۇرۇۋەتسەڭ، بىچارە بەندىلىرىڭنىڭ ئاھۇ زارىنى ئاڭلىساڭ، تەلىپىنى ئىجابەت قىلساڭ، بىزمۇ سادىر قىلغان گۇناھىمىزنى تونۇپ ھەققىڭگە ئىبادەت قىلساق» دەپ قاتتىق ئاھ ئۇرۇشۇپتۇ.
شۇ ئەسنادا خەلقنىڭ تەلىپى ئىجابەت بولۇپ قاراقچىلار ئات - تۆگىلىرى بىلەن بۇغداي چەشىگە قوشۇلۇپ تاغقا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. شۇندىن بېرى، ئۇ تاغنى «چەشتاغ» دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ. چەشتاغ ئۈستىدىكى تۆگىنىڭ ۋە ئاتنىڭ شەكلىدىكى تاشلار ئەنە شۇ قاراقچىلارنىڭ تاشقا ئايلانغان ئات - تۆگىلىرى ئىكەن. شۇ قىرغىنچىلىقتا شېھىت كەتكەن ئەزىمەتلەرنى خەلق چەشتاغ باغرىغا دەپنە قىپتۇ. ھازىر تاشمىلىق خەلقى «چەشتاغ خاسىيەتلىك مازار» دېيىشىپ، ھەريىلى ئايەم كۈنلىرىدە مۇشۇ تاغدا تۈنەك ئۆتكۈزىلىدۇ.
|
|