بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> رېۋايەتلىرىمىز >> بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرى

بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-24 14:56:24    كۆرۈلۈش سانى : 40  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
  قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدىكى بەشتوغراق كەنتىدە دائىرىسى چوڭ بىر مازارلىق بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرى» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ ھەقتە يەرلىك خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەت  ساقلىنىپ كەلمەكتە:   بۈۋى مەريەم خېنىم سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىزى بولۇپ، نۇر ئالاۋنۇر خېنىمنىڭ سىڭلىسى ئىكەن. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىلىلىق ھەم چىرايلىق بولۇپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بۇ قىزىنى تەربىلەشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپتۇ. بۈۋى مەريەممۇ ناھايىتى ياخشى تەربىيە كۆرۈپ زامانداشلىرى ئارىسىدا ئىلىم ئىگىسى بولۇپ كۆزگە كۆرۈنۈپتۇ. ئوقيا ئېتىش،  ھەربىي ئىلىم، تارىخشۇناسلىق جەھەتلەردىمۇ ئىلىم ئۆگىنىپ كامالەتكە يېتىپتۇ.   شۇ مەزگىلدە، قەشقەردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن خوتەن ئۇيغۇر بۇددىستلىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىي ئۇرۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۈۋى مەريەم جەڭگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ سەركەردىلەر بىلەن ئۇرۇش مەيدانى بولغان يېڭىسارغا بېرىپتۇ. ئۇ يەردە نۇرغۇن قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق بولغاندىن كېيىن، ئاخىر خوتەن بۇددىستلىرى قەشقەر مۇسۇلمانلىرىنى يېڭىپ نۇرغۇن ئەسكەرلەرنى قەتل قىپتۇ. بۈۋى مەريەم تۇتۇلۇپ قالسا بۇددىستلار تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى بولىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قېچىپ كېتىش قارارىغا كېلىپ، ئۆزى بىلەن بىللە بارغان يەتتە قىز بىلەن قېچىپتۇ. بەختكە قارشى بەش قىز ئۇيەردە شېھت بولۇپ، بۈۋى مەريەم قالغان ئىككى قىز ئاتقا مىنىپ قېچىپتۇ. ئۇلار بەشكېرەم يېزىسىنىڭ بەشتوغراق كەنتىگە كەلگەندە، بۈۋى مەريەمگە ئوقيانى زەھەرلىك ئوقى تېگىپ بىر بۇغدايلىققا يېقىلىپتۇ. بۇ دەل ئورما ۋاقتى بولۇپ نۇرغۇنلىغان دېھقانلار ئورما ئورۇۋاتقانىكەن. بۈۋى مەريەم ئۇلارغا قاراپ: «ئى مۇسۇلمانلار، مېنىڭ ئارقامدىن بۇددىستلار قوغلاپ كېلىۋاتىدۇ، مېنى يۇشۇرۇپ قويۇڭلار ۋە قەيەرگە يوشۇرنۇۋالغانلىقىمنى ئېيتىپ قويماڭلار، ئەگەر ئېيتىپ قويساڭلار باقى ئالەمدە ھېسابلىشىمىز» دەپتۇ. دېھقانلار ماقۇل بولۇشۇپتۇ. ئارىدىن مەتسەلەي ئىسىملىك بىر دېھقان ئۇنى بۇغدايلىقتىن ئېلىپ خاماندىكى ئۈنچىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان بۇددستلار ئورما ئورۇۋاتقانلاردىن  سوراپتۇ. مەتسەلەي بىرىنچى بولۇپ «كۆرمىدۇق »دېگەنىكەن، بۇددىستلار دەرھال ئۇنى چېپىپ تاشلاپتۇ ۋە ئاتۇش تەرەپكە قېچىپ كېتىۋاتقان ھېلىقى ئىككى قىزنى قوغلاپ كېتىپتۇ.   بۇددىستلار ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن بۈۋى مەريەم يۇشۇرۇنغان جايدىن چىقىپ مەتسەلەينى يەرلىكىدە قويۇپ، ئۆزى يېقىلغان يەرگە كەپتۇ ۋە «ئاللا مېنى مۇشۇ يەرگە يېقىتتى، مېنىڭ ئاخىرەتتە ياتىدىغان جايىم مۇشۇ بولسۇن» دەپ ئۇ يەرگە بىر گۈمبەز ياستىپ، گۆر كولىتىپتۇ. دەل گۈمبەز پۈتكەن كۈنى بۈۋى مەريەم قازا تېپىپتۇ. كىشىلەر ئۇ قىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا قايىل بولۇپ ھەيران بولۇشۇپتۇ. شۇ يىلى بۈۋى مەريەم ئون يەتتە ياشقا كىرگەن بولۇپ تېخى ياتلىق بولمىغانىكەن.   كېيىن كىشىلەر بۈۋى مەريەمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە مەتسەلەي ئاكىنىڭ قەبرىسىنى ياسىتىپ قويۇپتۇ ھەم بۇ كىشىنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى مەدھىيلەپ «مەتسەلەيكا ئورما غوجام» دەپ تەرىپلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئورما پىرى ھېسابلايدىغان بوپتۇ. مەتسەلەينىڭ مازىرى ھازىرقى ئاۋات يېزىسىنىڭ قالۇق كەنتىدە بولۇپ، ھازىرمۇ كىشىلەر ئورما ۋاقتىدا بۇغدايلىققا بېرىپلا، قولىغا ئورغاقنى ئېلىپ «يا مەتسەلەيكا ئورما غۇجام پىرىم»دەۋىتىپ، ئاندىن ئورما ئورۇشنى باشلايدىكەن.   2    بەشكېرەم يېزىسىنىڭ بەشتوغراق كەنتىدە ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان «بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرى» بولۇپ، ئۇ بەدۆلەت زامانىسىغا كەلگەن چاغدا ۋەيرانلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپتۇ. شۇ مەزگىللەردە بەدۆلەت يۇرتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن چىقىپ، بۇ ۋەيرانە مازارلىققا كۆزى چۈشۈپتۇ.  بەدۆلەت قەبرىلەر سىڭايان بولۇپ تاملارنىڭ ئۇلى چۈشۈپ كەتكەن، گۈمبەزلىرى چاك - چاك يېرىلىپ كەتكەن قەبرىلەرگە قاراپ:«بۇ كىمنىڭ قەبرىسى» دەپ سوراپتۇ.    سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىزى ئىدى. بۇددىستلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭگە قاتنىشىپ، چېكىنگەندە قوغلاپ كەلگەنلەرنىڭ زەھەرلىك ئوقى تېگىپ يارىلانغان. شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ مەقبەرىسىنى ۋە بۇ قەبرىگاھىنىڭ ۋەخپە زېمىنلىرىنى ھەم مۇشۇ يۇرتتىكى خەلقنىڭ زېمىنلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن ئاتۇشتىكى سۇ مۇئەككلىدىن (ھەزرىتى سۇلتانەمدىن) بىر ئېقىن سۇ سوراپ ئېلىپ كەلگەن قىز مۇشۇ، - دەپتۇ مۆتىۋەرلەردىن بىرى.   بەدۆلەت شۇ ھامان دۇئاغا قول كۆتۈرۈپتۇ. ئاندىن جامائەتكە قاراپ:   _ يۇرتۇڭلاردىكى بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ مازىرى مانا مۇشۇنداق ۋەيرانە ھالەتتە ياتسابولامدۇ؟بۇنى چوقۇم ياساش كېرەك، - ددەپتۇ ۋە كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن بۇ يۇرتتىكى كاتتا باي ۋە دىنىي ئىخلاسمەن مەتكېرىم دېگەن باينى چاقىرىپ، بۇ مازارنىڭ خاسىيىتى ۋە ئۇنى يېڭىلاشنىڭ زۈرۈرلۈكىنى ئېيتىپ، - سىز بۇ مازارنى ناھايىتى كاتتا قىلىپ ياسىتىپ چىقىڭ.  ھازىر سىزگە بېرىدىغان بىر يارماقمۇ پۇلۇم  يوق. مازارنىڭ پۈتۈن قۇرلۇشى پۈتكەندىن كېيىن بارلىق چىقىمىڭىزنى مۇكاپاتى بىلەن قوشۇپ قايتۇرىمەن، - دەپتۇ.   مەتكېرىم باي زارىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن بۇ مازارنىڭ ھەممە ئەتراپىنى رىشاتكىغا ئېلىپ، گۈمبەزنى قىممەت باھا كاھىش بىلەن ياساپ،كارىدور ۋەپەلەمپەيلىك مەسچىت ياساپ، بۇ يۇرتتا ھەيۋەتتە تەنھا قىلىپ پۈتتۈرۈپتۇ. لېكىن، مۇشۇ جەرياندا مەتكېرىم باي نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەپتۇ، يەر، سۇلىرىنى، باغۋارانلىرىنى ۋە ماللىرىنىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قورۇ - جايلىرىنىمۇ سېتىشقا مەجبۇر بوپتۇ ۋە  كەمبەغەللىشىپ كېتىپتۇ. مازارلىق پۈتۈپ،مەتكېرىم باي تولىمۇ نامراتلاشقان مەزگىللەردە بەدۆلەت كورلىدا ئۆلۈپتۇ. مەتكېرىم باي تۆلىگەن بەدەلنى   قايتۇرىدىغان ھېچكىم چىقماپتۇ. ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن بۇرادەرلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپتۇ. لېكىن، مەتكېرىم باي يۇرت ئەھلى ئۈچۈن بەدەلگە  قىلچىمۇ پۇشايمان قىلماپتۇ.مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مەتكېرىم باي پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە كۆچۈپ چىقىپ بۈۋى مەريەم مازىرىدىكى ئۆزى ياساتقان بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپتۇ.  سېخىيلىق ۋە مەردلىكتە تونۇلغان  مەتكېرىم باي ئەمدى نامراتلىقتا نام چىقىرىشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغلى بىلال سوپىنى بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرىغا شەيخ قىلىپ قويۇپتۇ. ئۆزى بولسا بۇرۇن ئۆزى ۋەخپە قىلغان يەرلەرنى قايتىدىن ئىجارىگە ئېلىپ تېرىش  بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان بوپتۇ. بەزىلەر:«مەتكېرىم باي بەشتوغراقلىق ئەمەس، ئۇ سىدىرلىق بولغاندىكىن، سىدىردا ياتسۇن» دەپ زارىگاھلىقتىن ئورۇن بەرمەپتۇ. ھەق گەپ قىلىدىغان بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ:«ئى،  بەشتوغراقلىق، مەتكېرىم باي ھايات ۋاقتىدا، باي ۋاقىتىدا ئۇنىڭ ئېشىنى يېمىگىنىمىز، ئۇنىڭدىن ئۆتنە - يېرىم قىلمىغىنىمىز ئاز. ئۇ گەرچە سىدىرلىق بولغان بىلەن بەشتوغراقلىقنى ئوبدان يۆلىگەن. مۇشۇ مازارنىمۇ شۇ ياساتقان. ئەمدى مۇشۇ ئادەمنىڭ جەسىتى مۇشۇ مازارغا سىغمامدۇ؟»دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن  ھەممەيلەن خىجىل بولۇشۇپ بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرىنىڭ ئىچىكىرىكى ئىشىكىنىڭ يېنىغا گۆر كولاپتۇ. مەتكېرىم باينىڭ جەسىتى مۇشۇ يەردىن ئورۇن ئاپتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  قىپچاق ھەققىدەرېۋا...
●  ھەزرىتى موللام ماز...
●  قارايۈزى
●  تۇزتاغ
●  تەلەمەت
●  ئالتۇنتاغ
●  چەشتاغ
●  تاغۇ تاشلار ھەققىد...
●  نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى
●  ئون ئىككى مۈچەل توغ...
●  ئۇيغۇرلار ھەققىدە ...
●  بۈۋى مەريەم خېنىم م...
●  يەتتە قىز قەبرىسى
●  ساتار قانداق ياسال...
●  مارجان بۇلاق رېۋاي...
●  ھېيتگاھ رېۋايىتى
●  ئالتۇن قان رېۋايىت...
●  ئاقئۆستەڭ رېۋايىتى
●  نۇرۇز بۇلاق رېۋايى...
●  ئايدىڭكۆل رېۋايىتى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  قىپچاق ھەققىدەرېۋايەت
●  ھەزرىتى موللام مازىرى
●  قارايۈزى
●  تۇزتاغ
●  تەلەمەت
●  ئالتۇنتاغ
●  چەشتاغ
●  تاغۇ تاشلار ھەققىدە رىۋ...
●  نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى
●  ئون ئىككى مۈچەل توغىرىس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى