بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> رېۋايەتلىرىمىز >> ئون ئىككى مۈچەل توغىرىسىدا رىۋايەتلەر

ئون ئىككى مۈچەل توغىرىسىدا رىۋايەتلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-08 10:12:04    كۆرۈلۈش سانى : 64  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
   [align=center] 1[/align]   ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، ئىنسانلار نېمىنىڭ يىل بېشى بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ تالاش - تارتىش قىلغاندىن كېيىن، كۈننىڭ چىققانلىقىنى قايسى مەخلۇق بالدۇر كۆرسە ، يىل بېشى شۇ بولسۇن دېيىشىپتۇ. بۇ تەڭلىپكە ھەممە قوشۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ھەممە ھايۋانلارغا ئۇقتۇرۇلۇپتۇ. ئۇلار بىر كۈنى تاغ ئارىسىغا يىغىلىپتۇ. بىراق، بۇ تاغنىڭ كۈنچىقىش تەرەپتىكىسى پەس، كۈنپېتىش تەرەپتىكىسى ئېگىز، يەنە كېلىپ قىپقىزىل تاقىر تاغ ئىكەن.   مەسلىھەتكە بىنائەن، ھەممە ھايۋانلار پۈتۈن دىققىتى  بىلەن كۈنچىقىشقا قاراپ تۇرۇپتۇ. يالغۇز چاشقانلا قالغان ھايۋانلارغا كەينىنى قىلىپ كۈنپېتىش تەرەپتىكى تاغ تەرەپكە قاراپ تۇرۇپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن «ئەنە كۈن چىقتى! »دېگەن بىر چىرقىراق ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، لېكىن بۇ چاغدا ھېچكىم قۇياشنى كۆرمىگەچكە بۇ گەپكە ئىشەنمەپتۇ.  بىراق، چاشقان بولسا خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي قاپتۇ ۋە تىنماي «كۈن چىقتى!» دەپ توۋلاشقا باشلاپتۇ. قالغانلار قارىسا غەرب تەرەپتىكى تاغ چوققىسىدا راستىنلا قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، چاشقان «كۈن چىقتى!» دەپ توۋلاپ خېلىدىن كېيىن كۈن كۆرۈنۈپتۇ.   چاشقان ئەسلىدە بۇ يەرنىڭ يەر شەكلىگە قاراپ، كۈن نۇرىنىڭ كۈنچىقىشتىكى پاكار تاغلاردىن ئۆتۈپ كۈنپېتىشقا قاراپ ئولتۇرسا كۈننىڭ چىقىشىنى  چىقىشىنى ھەممىدىن بۇرۇن كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ، ئون ئىككى مۈچەلدە يىل بېشى بولۇۋالغانىكەن.   [align=center]2[/align]   ئىنسانلار بۇنىڭدىن ناھايىتى قەدىمكى زامانلار ئىلگىرى، يېڭى يىلنى بىرەر  ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتاشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ، لېكىن قايسى ھايۋاننى يىل بېشى قىلىش ھەققىدە ناھايىتى كۆپ تالاش - تارتىش بولغان بولسىمۇ، پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەپتۇ. بۇنى ئۇققان ھايۋانلارمۇ  يىل بېشىنى تالىشىپ جېدەل قىپتۇ. تۆگە «مەن ھەممىدىن چوڭ، مەن يىل بېشى بولۇشۇم كېرەك»دېسە، ئات «مېنىڭ بويۇم چوڭ ھەم تۆھپەم ھەرقانداق ھايۋاندىن زور»دەپ يىل بېشى بولماقچى بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بارلىق ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا ھەيدەشكە، قايسى ھايۋان ئالدىدا چىقسا شۇ ھايۋاننى يىل بېشى قىلىشقا كېلىشىپتۇ. بۇ تەكلىپكە ھايۋانلارمۇ قوشۇلۇپتۇ  -دە، قارشى قىرغاققا ئالدىراش چىقىش ئۈچۈن ئارقا - ئارقىدىن دەرياغا سەكرەپتۇ. ئۇلار ھەيۋەتلىك دولقۇنلار بىلەن ئېلىشىپ، ئارقا - ئارقىدىن قارشى قىرغاققا چىقىشىپتۇ. ھەممىنىڭ ئالدىدا كالا سۇدىن چىقىپتۇ، بىراق كالا قارشى قىرغاققا ئەمدىلا پۇتىنى قوياي دەپ تۇرۇشىغا ، چاشقان كالىدىن ئىككى - ئۈچ غۇلاچ نېرىغا سەكرەپ چۈشۈپ ئالدىغا ئۆتۈۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن يىلنىڭ بېشى چاشقانغا بېرىلگەنىكەن.   [align=center]3[/align]   ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، ئىنسانلار ھەر بىر يىلنى بىرەر ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتاش توغرىسىدا كېڭەش ئېلىپ بېرىپتۇ. كۆپ تالاش - تارتىشلار بولۇپتۇ. بىرى ئۇنى دەپتۇ، بىرى بۇنى دەپتۇ، لېكىن پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەپتۇ. ھايۋانلارمۇ ئۆز ئارا تالىشىپ، ھەرخىل سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يىلنىڭ بېشى بولغۇسى كەپتۇ. ئاخىر ئىنسانلار قايسى ھايۋان كۈننىڭ بالدۇر چىققانلىقىنى كۆرەلىسە شۇ يىل بېشى بولسۇن، دەپ كېلىشىپتۇ. بۇ تەكلىپ ھايۋانلارغىمۇ خوپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ھايۋان بىر تۈزلەڭلىككە يىغىلىپ، كۈن چىقىشقا قاراپ تۇرۇپتۇ. تۆگە ھەممىدىن چوڭ ھايۋان بولغاچقا ئۇنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى، بوينىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئىشىنىپ كۈن چىققاننى ھەممىدىن ئاۋۋال مەن كۆرىمەن،دەپ مەغرۇر قىياپەتتە تۇرۇپتۇ. بىراق، چاشقاننىڭ ئۆزىنىڭ كەينى پۇتى بىلەن ئۈستىگە چىقىپ ئىككى قۇلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۈنچىقىشقا قاراپ تۇرغانلىقىنى تۇيماپتۇ. بىر چاغدا «ئەنە كۈن چىقتى!» دېگەن چىرقىراق بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بىراق ئاۋازنىڭ نەدىن چىققانلىقىنى ھېچكىم بىلمەپتۇ، ئارقىدىن كالا «ئەنە كۈن چىقىتى!» دەپتۇ.   چاشقان بولسا تۆگىنىڭ قۇلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، كۈن چىقتى دېگەندىن كېيىنلا سەكرەپ يەرگە چۈشۈپتۇ. تۆگە بۇنى بىلىپ ئاچچىقىلىنىپ چاشقاننىڭ كەينىدىن قوغلاپتۇ. چاشقان بىر كۈل دۆۋىسىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كۆزدىن    غايىب بوپتۇ. تۆگە بىر ھازاغىچە كۈلنى مالتىلاپ، دەسسەپ بىر نەرسە قىلىپ بولغۇچە، ئون ئىككى ھايۋان كۈن چىققانلىقىنى دەپ بولۇپتۇ. تۆگە چاشقان بىلەن بولۇپ كېتىپ يىل نامىغا ئىگە بولالمىغانىكەن. شۇڭا، تۆگە شۇ ئاچچىقىدا ھازىرغىچە قانداق جايدا كۈل ئۇچرىسا دەسسەپ پېتىقداپ كېتىدىكەن. سەۋەبى، چاشقاننى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلىدىغان يېڭى يىل بېشىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزى يىل بېشى بولماقچىكەن.   [align=center]4[/align]   تۈرل خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغانىكەن. لېكىن ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالىشىپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ ، قۇرۇلتايدا :«بىز بۇ تارىخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق،  بىزنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ. شۇڭا بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ بۇرجىغا ئاساسلىنىپ، ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى،  بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن. بۇ ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكار بولۇپ قالسۇن» دەپتۇ. خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكرىنى «شۇنداق بولسۇن» دەپ ماقۇللاپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىقىپتۇ ۋە ھەممە ياۋايى ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرۇپتۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا ئىكەن. خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ ، ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدەپتۇ.  بىرمۇنچە ھايۋانلار ئۆزىنى سۇغا ئېتىپتۇ. ئۇلاردىن ئون ئىككى خىلى سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ.ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلۇپتۇ. سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال چاشقان ئۆتۈپتۇ. شۇڭا، يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ «چاشقان يىلى» دېيىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەنلەر تۆۋەندىكى تەرتىپتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىر يىل ئۈچۈن ئىسىم بولۇپ قاپتۇ. ئۇي يىلى (كالا يىلى)، بارىس يىلى(يولۋاس يىلى)، توشقان يىلى، لەھەڭ يىلى( تىمساھ يىلى)، يىلان  يىلى، ئات يىلى، قوي يىلى، مايمۇن يىلى، توخۇ يىلى، ئىت يىلى، توڭگۇز يىلى.   توڭگۇز يىلىغا يەتكەندىن كېيىن، ھېساب يەنە چاشقان يىلىدىن قايتا باشلىنىدىكەن.   تۈركلەر بۇ يىللارنىڭ ھەر بىرىدە بىر خاسيەت بار دەپ تەخمىن قىپتۇ. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كالا يىلى كىرگەندە ئۇرۇش كۆپىيىدىكەن،  چۈنكى كالا بىر  - بىرى بىلەن كۆپ ئۈسۈشىدىغان ھايۋان. توخۇ يىلى كىرسە ئۇزۇق -تۈلۈك كۆپىيىدىكەن ، لېكىن كىشىلەر ئارىسىدا تەشۋىش ئاشىدىكەن، چۈنكى توخۇنىڭ يېمى دان، توخۇ داننى تېپىش ئۈچۈن ئەخلەت  - چاۋارلارنى تاتىلاپ چېچىۋېتىدىكەن. ھەلەڭ يىلى كىرىش بىلەن ھۆل - يېغىن كۆپىيىپ، ئاشلىق ئوخشايدىكەن. چۈنكى لەھەڭ سۇدا ياشايدۇ. توڭگۇز يىلى كىرىش بىلەن قار كۆپ ياغىدىكەن، سوغۇق قاتتىق بولىدىكەن، پىتنە - پاسات كۆپىيىدىكەن ۋەھاكازا . . .   كېيىن كىشىلەر يىللارنىڭ رەت تەرتىپىنى ئوڭاي ئەستە ساقلاش ۋە ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، بۇ ھەقتە مۇنداق قوشاق توقۇپتۇ ۋە ناخشا قىلىپ ئوقۇپتۇ:   يىل بېشى چاشقان  ئېرۇر،   كالىسى مۆرەپ كېلۇر.   يولۋىسى يولدا يېتىپ،   توشقىنى سەكرەپ كېلۇر.   دەريادا بىلىق ئۈزۈپ،   يىلاننى قوغلاپ كېلۇر،   ئات ئالدىدا، قوي كەينىدە،   مەرەپ كېلۇر.   مايمۇنى ئويناپ ماڭار،   توخۇسى چىللاپ كېلۇر.   ئىتلىرى ھاۋشىپ ئۆتەر،   توڭگۇزلىرى تويلاپ كېلۇر.   


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  قىپچاق ھەققىدەرېۋا...
●  ھەزرىتى موللام ماز...
●  قارايۈزى
●  تۇزتاغ
●  تەلەمەت
●  ئالتۇنتاغ
●  چەشتاغ
●  تاغۇ تاشلار ھەققىد...
●  نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى
●  ئون ئىككى مۈچەل توغ...
●  ئۇيغۇرلار ھەققىدە ...
●  بۈۋى مەريەم خېنىم م...
●  يەتتە قىز قەبرىسى
●  ساتار قانداق ياسال...
●  مارجان بۇلاق رېۋاي...
●  ھېيتگاھ رېۋايىتى
●  ئالتۇن قان رېۋايىت...
●  ئاقئۆستەڭ رېۋايىتى
●  نۇرۇز بۇلاق رېۋايى...
●  ئايدىڭكۆل رېۋايىتى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  قىپچاق ھەققىدەرېۋايەت
●  ھەزرىتى موللام مازىرى
●  قارايۈزى
●  تۇزتاغ
●  تەلەمەت
●  ئالتۇنتاغ
●  چەشتاغ
●  تاغۇ تاشلار ھەققىدە رىۋ...
●  نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى
●  ئون ئىككى مۈچەل توغىرىس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى