بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> رېۋايەتلىرىمىز >> يەتتە قىز قەبرىسى

يەتتە قىز قەبرىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-22 11:49:29    كۆرۈلۈش سانى : 58  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
  رىۋايەت ۋە ھېكايە قىلغۇچىلار شۇنداق رىۋايەت ۋە ھېكايەقىلىدۇكى، تۇرپان ۋاڭلىرى دەۋرىدە، تۇرپان كونىشەھەر ئەتراپىدا بىر كەمبەغەل  ئايالغا يېتىم قىزى ھەھراھ بولۇپ ياشايدىكەن. ئۇ قىز شۇنداق گۈزەلكى، ھۆر - پەرىلەردىن قېلىشمايدىكەن. ئۇنىڭ ھۆسىن - جامالىلا ئەمەس، ئەقىل - پاراسىتى، ئەخلاق - پەزىلىتى قىزنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشۇپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىكەن. شۇڭا قىزنى بىر كۆرگەن كىشى ئاشىقى بىقارار بولۇپ ئويقۇدىن بىدار بولىدىكەن، ئاش - ناندىن قالىدىكەن.   قىز ئەمدىلا ئون ئىككى ياشقا تولۇشىغا ئەلچىلەر كېلىپ  قىزنىڭ قۇلىقىنى قىزىتىپ، كۆڭلىگە ئارام بەرمەي، خاتىرجەم قىلماپتۇ. ئەلچىلەر ئىچىدە، قازىغا ئەلچى بولۇپ  كەلگەنلەرمۇ، داموللىغا ئەلچى بولۇپ كەلگەنلەرمۇ، دوتەيگىمۇ . . . ئىشقىلىپ قولىدا پۇلى بارلارنىڭ ھەممىسى ئۈزۈلدۈرمەي ئەلچى كىرگۈزۈشكە باشلاپتۇ. قىزنىڭ كېسەلچان، ئاق كۆڭۈل،  ساددا، قولىدىن يەۋاتقان ئېشىنى تارتىۋالسىمۇ يەردىن يۇقىرى قارىمايدىغان مۆمىن ئانىسى ئۆز كۆڭلىنى، كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئابرۇي - ئىززىتىنى دەپ، ھەممىسىنى خوش - خوش  بىلەن يولغا سېلىپ، قىزنىڭ ئەلچىلىرىنى نائۈمىد قويغانلىقتىن ئەپۇ سوراپ يولغا سالىدىكەن.   قىز دادىسى ھايات ۋاقتىدا دادىسىدىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىدا كىتاب ئوقۇيدىكەن. باشقا ۋاقىتلىرى كېسەلچان ئاپىسىغا تاماق ئېتىپ بېرىدىكەن، ئۆي ۋە تالا - تۈزنىڭ ئىشلىرىنى تىنىم تاپماي چىۋەرلىك بىلەن ئىشلەيدىكەن. كۈنلەر تۈنلەر ئۇلىشىپ، ئايلار يىللارغا ئۇلىشىپ، قىز ھەش - پەش دېگۈچە ئون بەش ياشقا كىرىپ قاپتۇ. بۇ چاغدا قىزلارنىڭ ئېغىر - يېنىك ئىشلىرىنى قىلىپ، ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ، يېتىملارنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ كېلىۋاتقان قوشنىسىنىڭ ئوغلىمۇ قىز بىلەن تەڭ چوڭ بولۇپتۇ. ئۇ يىگىتنىڭ ئىسىمى ئابدۇغېنى بولوپ،  قەددى - قامىتى كېلىشكەن، ئېغىر - بېسىق،  ئەقىللىق، ئەخلاقلىق ئىكەن. ئۇ قىزنىڭ ئېغىر - يىنىك ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردەملىشىپ، دائىم قىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ - چىقىپ، بوش ۋاقىتلىرىدا بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسۈپ، بىر - بىرىگە ئىجىل  بولۇشۇپ قاپتۇ . . . كۈنلەر خاتىرجەم ئۆتىۋەرمەي، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەل بېشىغا بالايى - قازا يېغىپ، جۇڭغار قوشۇنلىرى تۇرپانغا تاجاۋۇز قىلىپ بېسىپ كېرىپتۇ. ئابدۇغېنى : «ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس» دەپ جۇڭغار تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا مەردلىك بىلەن ئاتلىنىپتۇ. قىز قايغۇ ياشلىرىنى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈپ، يىگىتنى ئەل - يۇرت ئۈچۈن غازاتقا ئۇزىتىپ، خۇدادىن ئامانلىق تىلەپتۇ . . . قىزنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى قېرى كېسەلچان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، يىگىتنى كۈتۈپ يولغا قاراپ تەلمۈرۈش، سېغىنىش بىلەن ئۆتۈپتۇ.   قىزنىڭ كېلىشكەن قامىتى، يېڭىدىنلا كۆتۈرۈلگەن كۆكسى ھۆسىنىگە ھۆسىن قوشۇپ، ئۇنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ باي - غوجاملارنىڭ ئىچى ئاداپ، ئالقىنىنى ئالقىنىغا سۈركەپ، ئەلچىلەرنى تىنىم تاپتۇرماي ئەۋەتىشكە باشلاپتۇ.   قىز ئۆز ئەقىدىسىدىن يانماي،  ئەلچىلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، نائۈمىد قايتۇرۇپتۇ. قىز پەقەت ئۆزىنى ئابدۇغىنىغا ئاتىغانىكەن. ئەمما، كوچىدا يۈرگەن  بىكار تەلەتلەر، قىمارۋازلار، قۇلاقكەستىلەر ھەرخىل پىتنە  -ئىغۋا، ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ، قىزنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈپتۇ. بەزىلەر :«قىز بۇزۇلغان، بۇلغانغان، شۇڭا باي - غوجاملارنىڭ ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپتۇ، بولمىسا شۇنچىلىك ئېرىشىش تەس بولغان ئابروي، پۇل، مال - مۈلۈكتىن قۇرۇق قامىتى؟»دېيشىسە، ئەلچىلىرى قايتۇرۇلغان باي - غوجاملار: «قول  يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق» دېگەندەك، قازىغا ئەرز سۇنۇپ: «بۇزۇلغان قىز كۆزىمىزدىن يىراق بولسۇن، بولمىسا، يۇرتىمىزغا بالا - قازا كېلىدۇ» دېيىشىپتۇ. قازى :«قىز مېنىڭ ئەلچىلىرىمنى قايتۇرۇپتۇ» دەپ دەردى ئىچىگە توشۇپ، ئەلەمدىن يېرىلىپ كېتەي  دەپ، پۇرسەت كۈتۈپ يۈرگەنىكەن. ئۇ قولىغا ئەرز چىققان كۈنىدىن باشلاپ ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇپ، «ئەل بىزارى - خۇدا بىرازى»دەپ چوقان كۆتۈرۈپتۇ. قىزنى دەرھال سوراقخانىغا چاقىرتىپتۇ. قىز ئۆزىنىڭ نېمە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلمىگەچكە قازىنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ  تۇرۇپتۇ. قازى قىزغا ھۈرپىيىپ:   - سەن يۇرتىمىزنىڭ نامىغا داغ چۈشۈردۈڭ، ئۆلۈمگە لايىقسەن، - دەپتۇ. قىز:   _ نېمە، داغ چۈشۈردۈم، نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمگە لايىقمەن؟- دەپتۇ. قازى تۈكرۈكلىرىنى ساقىلىغا چاچرىتىپ ھۈركىرىگەن ھالدا:   _ سەن، نېمە ئۈچۈن دەپ سورايسەنغۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىڭنى بىلمىسەڭ مەن ئېيتىپ بېرەي، شەرىئىتىمىزدە قىزلار توققۇز ياشتىن ئون ئىككى ياشقا كىرگۈچە ياتلىق بولىدۇ. ئەمما، سەن ئون يەتتە ياشقا كىرىپمۇ تېخى قېرى قىز بولۇپ يۈرىسەن. بۇ نېمە ئۈچۈن، سەن نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىسەن، خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. سېنىڭ مۇنداق يۈرۈشۈڭ يۇرتىمىزغا بالايىئاپەت كەلتۈرىدۇ، - دەپتۇ.   قىز قاتتىق چۆچۈپ، ئويغانغان تايچاقتەك سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.   _ مەن پاك، خۇدا گۇۋاھ، - دەپتۇ. قازى قىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ:   _ سېنىڭ ھەربىر سۆزۈڭنى ئاڭلاش، خۇدا ئالدىدا قاتتىق گۇناھتۇر، ئاغزىڭنى يۇم، - دەپتۇ. قىز ئامالسىز قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ. قازى قىزغا   تېخىمۇ تەھدىت سېلىپ، مۇنداق ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللىۋېلىشقا بېسىم ئىشلىتىپتۇ:   _ بىرى، سېنى كىمگە ياتلىق بول دېسە شەرتسىز ماقۇل بولىسەن، بۇنىڭغا  ماقۇل دېمىسەڭ، ئىككىنچى يول سېنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان  قىز ئىككىلەنمەي:    _ مەن ئىككىنچى يولنى تاللىدىم، - دەپتۇ. قازى كۆزلىرىنى جامدەك ئېچىپ:   _ نېمە ئۈچۈن؟ - دەپ سوراپتۇ. قىز مەغرۇر ھالدا:   _ چۈنكى مەن پاك، مېنىڭ پاكلىقىمنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ، - دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قازى غەزەبلەنگەن ھالدا:    _ بۇ بۇزۇق ئالجىپ قاپتۇ. يۇرتىمىزنىڭ بالا - قازادىن ساقلاش ئۈچۈن، چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەيلى، - دەپتىكەن، ئەتراپتىكىلەرمۇ ھە، ئە، ھۇ دېيىشىپ  «ئۆلتۈرەيلى!»دەپ چوقان  كۆتۈرۈشۈپتۇ. قىز: «ئۈلۈش ئالدىدا مېنىڭ بىر تەلىپىم بار» دەپتۇ. قازى:   _ قېنى تېز ئېيت! نېمە تەلىپىڭ بار؟ - دەپ ھۆركىرەپتۇ.   قىز قىلچە ھودۇقماي:   _ مەن ئۆلۈشتىن بۇرۇن بىر يۇيۇنۇپ، كىيىم - كېچەكلىرىمنى ئۆزۈم كىيىۋالسام، مېنى مۇنار ئۈستىدىن تاشلاپ ئۆلتۈرسەڭلار، - دەپتۇ.   قازى «قىزنى شۇنچە ئېگىز مۇنار ئۈستىدىن تاشلىساق ئۆلمەي قالامدۇ» دەپ ئويلاپ:   _ بولىدۇ، تەلىپىڭىزنى ئورۇندايلى، بولمىسا سېنىڭ كۆزۈڭ ئوچۇق كېتىپ قالمىسۇن، - دەپ قىزنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپتۇ.   قىز يۇيۇنۇپ، كېپەنلىكنى كىيىپ، كېسەلچان ئاپىسى بىلەن خوشلىشىپ چىققاندا، ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى قىزغا مىختەك قادىلىپتۇ. ئۇلار : «يۇرتىمىزنىڭ بۇلغىدىڭ، يۇرتىمىزنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتۈڭ» دېگەندەك قىلىپ، قىزغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىشىپتۇ. قىزغا بىرەر كىشىمۇ ھېسداشلىق قىلماپتۇ.   قىز ھېچبىر ئىككىلەنمەي، مۇنار ئۈستىگە چىقىپتۇ. ئۇ قائىدە بويىچە پۇتىدىكى كېپەنلىكنى باغلىغان رەخت پارچىسىنى يېشىۋېتىپ، مۇناردىن ئۆزىنى تاشلاپتۇ.   قىزنىڭ ئۆلۈمىنى كۆرۈش  ئۈچۈن كەلگەن نادان كىشىلەر مۇنار ئەتراپىدا سانجاق - سانجاق بولۇشۇپ، بىر - بىرىنى ئىتتىرىشىپ، ئىسىقتا تەرلەپ - تەپچىرەپ تۇرۇشقانىكەن. قىز مۇناردىن سەكرىگەندە، ئۇلار قورقۇپ، چىرقىشىپ كېتىپتۇ. قىز مۇناردىن دەسلەپتە تىك چۈشۈپتۇ. كېپەننىڭ تېگى ئوچۇق بولغاچقا، كېيىن شامال قاپلىشىپ قىزنى ئۇچۇرۇپ، ئاستا - ئاستا پەسلەپ، مۇناردىن ئالاھەزەل يۈز قەدەمچە جەنۇب تەرەپكە چۈشۈرۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن نادان خالايىق، توۋا دەپ ياقا سىقىشىپ:«بۇ قىز خۇدا يۇرتىمىزغا ئەۋەتكەن ھۆر - پەرىزات ئىكەن، بىلمەي قاپتىمىز. ئۇنىڭ ئالدىدا ھۆرمەتسىزلىك قىپتىمىز» دېيىشىپ، قىزنىڭ شامال كۈچىدىن ئامان قالغانلىقىنى بىلىشمەي، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئۇ چۈشكەن جايغا باش ئۇرۇپ،   تاۋاپ قىلىپ، قىزنى يەرگە قويماي ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ . . .   شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قىز،  ئەل - جامائەتنىڭ نەزىرىدە «ئۇلۇغ» قا ئايلىنىپ، ئىززەت - ئابرويلۇق قىزغا ئايلىنىپ قاپتۇ.   بۇ ئىش بولۇپ  ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي جۇڭغار تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا كەتكەن ئابدۇغېنى ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ «غېنى باتۇر» دېگەن نام بىلەن ئۇرۇشتىن ساق - سالامەت قايتىپ كەپتۇ. قىزمۇ ئەل - جامائەتكە قوشۇلۇپ يىگىتنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋاپتۇ. يىگىت بىلەن قىز ئۇچراشقان چاغدىكى  ئالاھىدە ئەھۋاللارنى كۆرگەن ئەل - جامائەت قىزنىڭ كۈتكىنى غېنى باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەم قىرىق بىر كېچە - كۈندۈز توي قىلىپ بېرىپتۇ. يىگىت بىلەن قىز مۇراد - مەقستىگە يېتىپ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىنى باشلاپتۇ. كېيىن ئۇلار يەتتە پەرزەنت كۆرۈپتۇ. يەتتىلىسى قىز ئىكەن. بۇ يەتتە قىز ئاپىسىغا ئوخشاش بىر - بىرىدىن قېلىشمايدىغان گۈزەل ئىكەن.   ئۇلار شۇنداق كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇرتقا ۋابا كېسىلى تاراپتۇ. بۇ شۇم كېسەل باتۇرنىڭ يەتتە قىزىغىمۇ يۇقۇپ، ھەرخىل داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي يۇرۇق دۇنيادىن باقىي ئالەمگە سەپەر قىپتۇ.   غېنى باتۇر قىزنىڭ ھەممىسىنى ئەل - جامائەت بىلەن ئىنتايىن قايغۇلۇق ھالدا مۇنارنىڭ جەنۇب تەرىپىگە دەپنە قىپتۇ.   مانا بۇ ھازىرغىچە «يەتتە قىز قەبرىسى » دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  قىپچاق ھەققىدەرېۋا...
●  ھەزرىتى موللام ماز...
●  قارايۈزى
●  تۇزتاغ
●  تەلەمەت
●  ئالتۇنتاغ
●  چەشتاغ
●  تاغۇ تاشلار ھەققىد...
●  نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى
●  ئون ئىككى مۈچەل توغ...
●  ئۇيغۇرلار ھەققىدە ...
●  بۈۋى مەريەم خېنىم م...
●  يەتتە قىز قەبرىسى
●  ساتار قانداق ياسال...
●  مارجان بۇلاق رېۋاي...
●  ھېيتگاھ رېۋايىتى
●  ئالتۇن قان رېۋايىت...
●  ئاقئۆستەڭ رېۋايىتى
●  نۇرۇز بۇلاق رېۋايى...
●  ئايدىڭكۆل رېۋايىتى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  قىپچاق ھەققىدەرېۋايەت
●  ھەزرىتى موللام مازىرى
●  قارايۈزى
●  تۇزتاغ
●  تەلەمەت
●  ئالتۇنتاغ
●  چەشتاغ
●  تاغۇ تاشلار ھەققىدە رىۋ...
●  نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى
●  ئون ئىككى مۈچەل توغىرىس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى