بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> رېۋايەتلىرىمىز >> ئالتۇنتاغ

ئالتۇنتاغ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-13 17:36:10    كۆرۈلۈش سانى : 107  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
كىرورەن ۋە پىشامشان پادىشاھلىرى پەيدا بولۇشتىن نەچچە مىڭ يىللار  ئىلگىرى، بۇ جاينىڭ جەنۇبى ئۆركەشلەپ دولقۇنلاپ تۇرىدىغان چەكسىز كەتكەن دېڭىز ئىكەن. بۇ جايدىكى كىشىلەر مۇشۇ دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇپ ۋە ئەتراپتىن ئوۋ ئوۋلاپ، ھالال ئەمگەك بىلەن ئىناق تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن.   بىر كۈنى، توساتتىنلا دېڭىز سۈيى چايقىلىپ پۈتكۈل دېڭىز دەھشەتلىك دولقۇنلاشقا باشلاپتۇ. ئارقىدىنلا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھور كۆتۈرۈلۈپ، خۇددى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك گۈلدۈرماما پەيدا بوپتۇ. ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ  بۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈپ باقمىغان بېلىقچىلار قورققىنىدىن تورلىرىنى تاشلاپ  جاننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قېچىپتۇ.  ئاز ساندىكىلىرى ئامان قاپتۇ، كۆپ ساندىكىلىرى دېڭىزنىڭ شىددەتلىك دولقۇنىدا ھالاك بوپتۇ.  ئىككىنچى كۈنى تاڭ سۈزۈلۈش بىلەن قارىغۇدەك بولسا،  دېڭىزنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساپسېرىق بىر تاغ پەيدا بوپتۇ. تاغنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ بولسا ۋاراقشىپ قايناۋاتقۇدەك، ئۆلگەن بېلىقلارنىڭ تولىلىقىدىن سۇ يۈزى كۆرۈنمەپتۇ. پۈتكۈل ئالەم تونۇردەك قىزىپ كېتىپتۇ.   كىشىلەر بۇ سېرىق تاغنىڭ سىرى ئۈستىدە تالاش - تارتىشقا چۈشۈپتۇ. بەزىلەر :«بۇ تەڭرىنى بىزگە ئاتا قىلغان شاپائىتى»دېسە، بەزىلەر«بۇ ئالامەتلەر زېمىننىڭ  كۆيۈشىنىڭ بېشارىتى » دەپ جەزم قىپتۇ. قانداقلا قىلمىسۇن، ئۇلار بۇ سېرىق تاغنىڭ سىرىنى يېشەلمەپتۇ. ئۇيان تارتىپ، بۇيان تارتىپ ئاخىر بۇ سېرىق تاغنىڭ سىرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن تاغ يۈرەك پالۋانلارنى ماڭدۇرۇپتۇ. بۇ تاغقا بېرىشتا پەقەت سۇ يولى بىلەن  مېڭىشقا توغرا كەلگەچكە، پالۋانلار كېمە بىلەن مىڭبىر مۇشەققەتتە تاغقا يېقىنلىشىپتۇ. ئۇلار يېقىن بېرىپ قارىغۇدەك بولسا پارقىراپ تۇرغان سېرىق تاغنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ئالتۇن ئىكەن. پالۋانلار ئۆزلىرىنى بېسىۋېلىپ پۇت - قوللىرىنىڭ بارماقلىرىنى كېسىپ قان قىپتۇ.(ئەجىرسىز قىممەتلىك بايلىققا ئېگە بولغاندا ئۇنىڭ غايىب بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قىلىنىدىغان بىر خىل خۇراپىي ئادەت) ئاندىن قىلىچ، خەنجەرلىرىنى بىلەن كېسىپ ئادەم بېشىدەك، ئات كاللىسدەك چوڭلۇقتىكى ئالتۇنلارنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ تاغنىڭ سىرى ئاخىر ئېچىلىپتۇ. يېقىن ئەتراپىتىكى كىشىلەر ئۆز ئېھتىياجىغا تۇشلۇق ئالتۇن ئېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۈزۈك، بىلەزۈك ۋە زىرە ياساپ خوتۇن - قىزلىرىغا زىننەت بۇيۇمى قىلىپ بېرىپتۇ، ھەتتا ئۆي سايمانلىرىنى ياسىۋاپتۇ.  ئېشىنغانلىرىنى سېتىپ باياشات ياشاپتۇ. كېيىنچە «پالانچى يەردە ئالتۇنتاغ پەيدا بوپتۇ. تاغنىڭ ھەممىلا يېرى ئالتۇن ئىكەن» دېگەن خەۋەر قۇلاقتىن قۇلاققا ئۆتۈپ، تىزلا يىراق - يېقىدىكى ئەللەرگە تارقىلىپتۇ. بەزى ئەللەر خەلقى ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپمۇ ساپسېرىق نۇر چېچىپ تۇرغان ئالتۇنلارنى چۈشەپ ياتالماپتۇ.   ھەممىلا جايدا ئالتۇنتاغنىڭ شۆھرىتى پۇر كېتىپتۇ.ئالتۇن ئېلىش، ئالتۇن تاغنى كۆرۈپ بېقىش ھەۋىسىدە تەرەپ - تەرەپتىن نەچچە - نەچچە تۈمەنلىگەن ئادەم ئالتۇنتاغ تەرەپكە ئېقىپتۇ. ئالتۇنتاغ كىشىلەر توپى قاينىمىدا قاپتۇ. توپلانغان كىشىلەر ساپسېرىق ئالتۇننى كۆرۈپ نىيىتىنى بۇزۇپ، ئۆزئارا قىزغىنىشىپ، ئالتۇنتاغنى بۆلۈشۈۋاپتۇ.  كىشلەر كۆپەيگەنچە ئالتۇنتاغ يېتىشمەي جېدەل - ماجرا تۇغۇلۇپ ئۆزئارا قىرغىنچلىق باشلىنىپتۇ. كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئالتۇن ئۈچۈن بىگۇناھ ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈكى تاغدەك دۆۋلىنىپ، قانلىرى ئېقىن ياساپ تۆۋەنگە ئېقىشقا باشلاپتۇ. تاغ قاپتاللىرى، چوقىلار قىپقىزىل قانغا بويىلىپتۇ.   ئىنسانلارنىڭ بۇ قەبىھ زوراۋانلىقىدىن تاغ غەزەپكە كەپتۇ، لېكىن ئالتۇن تاغنىڭ يەر يۈزىدىن يۇقىغۇسى يوق ئىكەن.   شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىنساپ - تەۋپىقىنى سىناش ئۈچۈن تاش - توپراققا سىڭىپ كەتمەكچى بوپتۇ. شۇندىن كېيىن ئىنسانىلار ئالتۇنغا ئىلگىرىكىدەك ئەجىرسىز ئېرىشمەستىن،  ئەمگەك  سىڭدۇرىدىغان بوپتۇ. ئىنسانلارمۇ ئالتۇننى ئۆز ئېھتىياجىغا تۇشلۇق بىر - بىرلەپ ئالدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئالتۇنتاغنىڭ كۆپ قىسمى كېرەكسىز تاشلارغا ئايلىنىپتۇ. ئاز بىر قىسمى بولسا لەئل - ياقۇت، ھەتتا ئالتۇندىنمۇ قىممەت تاشلارغا ئايلىنىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر بۇ تاغنى «ئالتۇنتاغ» دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ. ئالتۇنتاغ پەيدا بولۇپ شۇنچە يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ تاغقا چىقىپ ئالتۇن كولايدىكەن، ئەمما بۇ ئالتۇنلار تېخىچە تۈگىمەپتۇ.   ئالتۇنتاغنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ. سۇمۇ كۆپ ئازلاپتۇ. كېيىنچە كىشىلەر بۇ تاغنىڭ شىمالىغا يىغىلغان سۇنى يولتۇز كۆلى(ھازىرقى ئاتىلىۋاتقان لوپنۇر كۆلى)، جەنۇبىغا يىغىلغان سۇنى بولسا كۆكنۇر كۆلى (ھازىرقى چىڭخەي كۆلى) دەپ ئاتاپتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  قىپچاق ھەققىدەرېۋا...
●  ھەزرىتى موللام ماز...
●  قارايۈزى
●  تۇزتاغ
●  تەلەمەت
●  ئالتۇنتاغ
●  چەشتاغ
●  تاغۇ تاشلار ھەققىد...
●  نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى
●  ئون ئىككى مۈچەل توغ...
●  ئۇيغۇرلار ھەققىدە ...
●  بۈۋى مەريەم خېنىم م...
●  يەتتە قىز قەبرىسى
●  ساتار قانداق ياسال...
●  مارجان بۇلاق رېۋاي...
●  ھېيتگاھ رېۋايىتى
●  ئالتۇن قان رېۋايىت...
●  ئاقئۆستەڭ رېۋايىتى
●  نۇرۇز بۇلاق رېۋايى...
●  ئايدىڭكۆل رېۋايىتى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  قىپچاق ھەققىدەرېۋايەت
●  ھەزرىتى موللام مازىرى
●  قارايۈزى
●  تۇزتاغ
●  تەلەمەت
●  ئالتۇنتاغ
●  چەشتاغ
●  تاغۇ تاشلار ھەققىدە رىۋ...
●  نۇزۇگۇم ئۆڭكۈرى
●  ئون ئىككى مۈچەل توغىرىس...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى